يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى:ماي - 10 - 2011 3 ئىنكاسلىق

جوينىڭ ھەمىشە بېشى ئاغرىيتتى ، يېشىنىڭ چوڭىيىشى بىلەن بۇ كېسەل تېخىمۇ ئېغىرلاپ كەتتى . ئۇ نۇرغۇن دوختۇرغا كۆرۈنگەن بولسىمۇ ، ئەمما كېسىلىنى يىلتىزىدىن داۋالاپ ساقايتىدىغان ئۇسۇلنى تاپالمىدى . ئۇ ئۈمىدىنى ئۈزەي دەپ تۇرغاندا ، بۇ خىل كېسەلنى داۋالىيالايدىغان بىر دوختۇرنى ئۇچرىتىپ قالدى . دوختۇر ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى :
- بىر خۇش خەۋەر ، بىر شۇم خەۋەر بار . خۇش خەۋەر شۇكى ، كېسىلىڭىزنى تۈپ يىلتىزىدىن ساقايتالايمەن . شۇم خەۋەر شۇكى ، چوقۇم ئاختا قىلىش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇشىڭىز كېرەك . بېشىڭىزنىڭ ئاغرىشى ئۇرۇقداننىڭ ئومۇرتقا يىلتىزىنى بېسىۋېلىشى سەۋەبىدىن بولغان . بۇ خىل بېسىمنى تۈگىتىشتىكى بىردىنبىر ئامال ئۇرۇقداننى كېسىپ ئېلىۋېتىشتۇر .
ئۇ بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئاسمان – زىمىن چۆرگىلەۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدى . ئۇيان ئويلاپ – بۇيان ئويلاپ ئاخىر ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش قارارىغا كەلدى .
بىر ھەپتىدىن كىيىن جوي دوختۇرخانىدىن چىقتى . ئۇ مەقسەتسىزلا كوچا ئايلاندى ۋە ئۆزىنى باشقىچە ئادەمگە ئايلىنىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ قالدى . ئۇ بىر ئەرلەر كىيىملىرى دۇكىنىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ، ئەينەكتىن كۆرۈنۈپ تۇرغان يېڭى كىيىملەرگە قاراپ ئىچىدە : تۇرمۇش يەنىلا داۋاملىشىۋېرىدىكەن ، مەن نىمىشقا يېڭى تۇرمۇشقا كۈلۈپ باقمايمەن ؟ بەلكىم ھەممىنى باشتىن باشلىغىلى بولۇشى مۇمكىن ، دېگەنلەرنى ئويلىدى .
ئۇ دۇكانغا كىرىپ ، مال ساتقۇچىغا ئۆزىنىڭ بىر قۇر كاستۇم – بۇرۇلكا سېتىۋالغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى . مال ساتقۇچى ئۇنىڭغا شۇنداق بىر قارىغاندىن كىيىن :
- سىز – 44 نۇمۇرلۇقنى كىيىدىكەنسىز ، – دېدى .
- توغرا . سىز بۇنى قانداق بىلىۋالدىڭىز ؟ – دېدى جوي .
- ھى ، ھى ، بۇ مېنىڭ كەسپىم ، – دېدى مال ساتقۇچى كۈلۈپ تۇرۇپ .
جوي كاستۇم – بۇرۇلكىنى كىيىپ باققانىدى ، ھەقىقەتەن دەل كەلدى . ئۇ ئەينەكتىكى ئەكسىگە قاراپ ، كەيپىياتى بىر ئاز كۆتۈرۈلۈپ قالدى .
- بىر كۆڭلەك ئەكېلىپ بېرەيمۇ ؟ – دېدى مال ساتقۇچى .
- بولىدۇ .
- قارىسام سىز يېڭىنىڭ ئۇزۇنلىقى 34 Cm , ياقىسى 51.6Cm بولغان كۆڭلەڭ كىيىدىكەنسىز كىيىدىكەنسىز .
- دەل توغرا ، سىز بۇنى قانداق بىلدىڭىز ؟ – دېدى جوي ھەيران بولغان ھالدا .
- ھى ، ھى بۇ مېنىڭ كەسپىم .
دىگەندەك كۆڭلەكمۇ زاۋۇتتىن جويغا بۇيرۇتۇپ تىكتۈرگەندەكلا دەل كەلدى .
- ئاياغ ئالامسىز ؟ – دېدى مال ساتقۇچى يەنە .
- ئالاي ، – دېدى جوي ئەينەكتىكى ئەكسىگە زوقلىنىپ قارىغاچ .
- 59 رازمېرلىق ، كەڭ پەنجىلىك ئاياغ كىيىدىكەنسىز ، – دېدى مال ساتقۇچى جوينىڭ پۇتىغا قاراپ .
- سىز ھەقىقەتەن قالتىس ئىكەنسىز ، قانداق بىلىۋالدىڭىز ؟
- سىزگە ئېيتتىمغۇ ، بۇ مېنىڭ كەسپىم .
يېپيېڭى ئاياغنى كىيگەن جوينىڭ كەيپىياتى خېلىلا ياخشىلىنىپ قالدى .
- بىر نەچچە قۇر كالتە ئىشتان ئالامسىز ؟ – دەپ سورىدى مال ساتقۇچى يەنە .
- سىز بەكلا ئەتراپلىق ئويلايدىكەنسىز ، – دېدى جوي .
- مېنىڭچە سىز 36 – نومۇرلۇقنى كىيىدىكەنسىز ، – دېدى مال ساتقۇچى جوينىڭ بېلىگە قاراپ .
- سىز بۇ قېتىم خاتالاشتىڭىز ، ئون سەككىز يېشىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىزچىل 34 – نومۇرلۇقنى كىيىۋاتىمەن ، – دېدى جوي كۈلۈپ تۇرۇپ .
- 34 – نومۇرلۇقى سىزگە كىچىك كېلىپ قالىدۇ ، كالتە ئىشتاننىڭ كىچىك نومۇرلۇقىنى كىيسىڭىز ، ئۇرۇقدان ئومۇرتقا يىلتىزىنى بېسىۋالىدۇ ، شۇ سەۋەپلىك كېيىنچە بېشىڭىز قاتتىق ئاغرىيدىغان بولۇپ قالىدۇ ، – دېدى مال ساتقۇچى بېشىنى چايقىغىنىچە .

3 نەپەر تورداشنىڭ بۇ يازمىغا پىكىرى باركەن . سىزنىڭ پىكرىڭىز يوقما ؟

  1. تەدبىركار مۇنداق يازغان:

    ھا ھا ھا، يارقىن نۇقتىسى ئەڭ كەينىدىكى ئىككى قۇردىكەن.

  2. سەھرالىق مۇنداق يازغان:

    ۋاي بىچارە، شۇڭا كالتە ئىشتاننىڭ كەڭرەكىنى كىيگەن ياخشى دەپ ئىيتقان 80 خالتا…ھى ھى ھى …

  3. ساھىبقىران مۇنداق يازغان:

    دەسلەپتىلار مۇشۇ دۇكاندىن كىيىىم ئالسا بوپتىكەن بۇ جوي دىگەن ئاداش