ئەگەر بىرەرسى سىزگە تۆۋەندىكىدەك گەپ سۆزلەرنى قىلىپ قالسا، مۇنداق جاۋاب قايتۇرۇڭ(باشقىچە جاۋاب قايتۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ ئەلۋەتتە)
1. قىز: مېنى ئۇنتۇپ كېتىڭ!
ئوغۇل: نېمىسىنى ئۇنتۇيمەن؟ ئەسكە تۇتقىدەك يېرى بولمىسا ( قىز ئوغۇلنىڭ رولى ئالماشسىمۇ بولىۋېرىدۇ)
2.ئا: قاپقارا تۇرۇپ كۈنلۈك تۇتىۋاپسەنغۇ؟
ب : مۇشۇ چىرايىڭ بىلەن سىرتتا چىقىۋاپسەنغۇ؟
3. ئا: ۋاي ۋۇي، يۈزۈڭدىكى نېمىدىگەن كۆپ مودۇر چوقۇرلار؟ تېراكتور ماڭسىمۇ موللاق ئاتقۇدەك جۇمۇ!
ب: شۇ ئەمەسمۇ، ئەگەر يۈزۈمدىكى نەرسىلەر سېنىڭ بېشىڭدىكى چاچتەك ئاز بولغان بولسا بەك مەمنۇن بولغان بولاتتىم.
4. ئا: مېنى ئەخمەق كۆرۈپ قالدىڭمۇ؟
ب: نېمە؟ ئەسلىدە ئەخمەق ئەمەسمىتىڭ؟ مۇشۇ چاغقىچە بىلمەي يۈرۈپتىمەن جۇمۇ…
5. ئا: ئېكس ئېكىس ئىدارىغا ئىشىك باقار لازىمكەن، شۇ يەرگە بېرىپ باقامسەن يا؟
ب: يەنە ”شاگاڭ“ بوپسەندە…..
6. ئا: تەپەككۇر قانچىلىك يىراققا بارالىسا شۇنچە يىراققا بېرىپ كۆزۈمدىن يۈتكىنە
ب: سېنىڭ تەپەككۇرىڭمۇ؟ ئەمىسە جايىمدىن مىدىرلىماي تۇرسام بولغۇدەك
ئۇ بۇ يەردىن تېرىپ كېلىپ تەرجىمە قىلىندى.
ماشىنا ھەيدەپ كىتىۋاتقان بىرسى ئارقىسىغا مىندۈرىۋالغان بالىسى چۈشۈپ قالاي دىسىمۇ سۈرئەتنى ئاستىلاتماي كىتىۋاتقان مۇتسىكىلىت شوپۇرىغا يىتىشىپ ئۇنىڭغا: ئۇستام ئاستىراق ھەيدەڭ! بالىڭىز چۈشۈپ قالايلا دەپتۇ دەپتىكەن، موتسىكىلىت ھەيدەۋەتقان كىشى ئارقىسىغا قاراپ بالىسىدىن: ئاناڭ قېنى؟ دىگۈدەك
ۋاي-ۋۇي، ھېلىقى شال تىلىدىغان ئاداشنىڭ گەپلىرىمۇ نېمە بۇ…
ئېسىل تەرجىمىلەر ئىكەن بۇ! گەپ قىلغاندا، گەپنىڭ ئۇرانى ۋە باشقىلارنىڭ پوزىتسىيىسىگە دىققەت قىلىش كېرەك، ئەلۋەتتە. يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئاددىي سۆزلىرىگىمۇ جايىدا، كەلتۈرۈپ جاۋاب بەرگەن ياخشى!
تۇمارسنىڭ يۇمۇرىغا قاتتىق كۈلىۋەتتىم