1. تېرورىستلار بىلەن سۈلھىلەشكىلى بولىدۇ، ئاياللار بىلەن بولسا مۈمكىن ئەمەس.
2. تېرورىستلار نېمىنى خالايدىغانلىقىنى ئوچۇق قىلىپ ئېيتىدۇ، ئاياللار بولسا ئۆزلىرىنىڭ نېمىنى خالايدىغانلىقىنى تېپىپ بېقىشىڭىزنى سورايدۇ.
3. تېرورىستلارغا يولۇقسىڭىز ئۆلۈم يولىدا ماڭىسىز، ئاياللارغا يولۇقسىڭىز ئۆلۈمدىن بەتتەر يولدا ماڭىسىز.
4. تېرورىستلار باشقىلار (گۆرۈگە ئېلىنغانلار) نى تىكىپ سۆھبەتلىشىدۇ، ئاياللار بولسا ئۆزلىرى تىكىپ تۇرۇپ سۆھبەتلىشىدۇ.
5. تېرورىستلار بىلەن سۆھبەتلەشكەنسېرى تۆلەيدىغان پۇلىڭىز ئازىيىدۇ، ئاياللار بىلەن سۆھبەتلەشكەنسېرى خەجلەيدىغان پۇلىڭىز كۆپىيىدۇ.
6. سۆھبەت داۋامىدا بىر توپ ئادەمنى باشلاپ كېلىپ تېرورىستلارنى تۇتالايسىز، ئاياللار بولسا بىر توپ ئادەمنى باشلاپ كېلىپ سىزگە ئاۋارىگەرچىلىك تېپىپ بېرەلەيدۇ.
7. ئاياللار پايپاقنى پۇتىغا كىيىدۇ، تېرورىستلار بولسا بېشىغا كىيىدۇ.
8. ئەرلەر ئاياللارنىڭ پۇتىدىكى پايپاقنى سالدۇرۇشقا جۈرئەت قىلالىغان بىلەن، تېرورىستلارنىڭ بېشىدىكى پايپاقنى سالدۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ.
9. تېرورىستلارنىڭ ئايال بولىشى ناتايىن، ئەمما ئاياللار چوقۇم ”تېرورىست ”.
تەرجىمە قىلىندى
ئايالىمغا ئوقۇپ بەرسەم، بىلۇگىڭىز بىزنىڭ ئائىلىدە چەكلەنگەن بۇيۇم بولۇپ قالدى!
6. سۆھبەت داۋامىدا بىر توپ ئادەمنى باشلاپ كېلىپ تېرورىستلارنى تۇتالايسىز، ئاياللار بولسا بىر توپ ئادەمنى باشلاپ كېلىپ سىزگە ئاۋارىگەرچىلىك تېپىپ بېرەلەيدۇ.
…………………………………………………………………. بىر توپ ئادەمنى باشلاپ كىلىش ئاجىز ئاياللارنىڭ قىلىدىغان ئىشى
ئىم،كۈچلۈك ئاياللار بىرتوپ ئادەمدىنمۇ يامانكەندە… ئاللا،ئاللا…
ما گەپ قىززىپتۇ زادى!
راس دەيسىز. ھاھاھا، ھەجەپ كۈلىۋالدىم
مەن بىر قىزغا ئەۋەتىپ بەرسەم،مەندەك تىرورچى بىلەن ئارلاشمايلا قۇيۇڭ دەپ كىتىپ قالدى.ئەمدى پىنھانغا تۆلىتىمەن.
بۇنىڭلىق بىلەن« ۋەيران» بولۇپ كەتمەسسىز، ئۈمۈتۋار بولىڭە ھى ھى ھى
كۈلۈپ قوياي….ھې ھې