يوللىغۇچى: سۇزۇك يوللانغان ۋاقتى:ماي - 11 - 2011 ئىنكاسسىز

ھېكەيەمنى مەلۇم بىر يەكشەنبە كۈنىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ…

ئوغۇل دوستۇم ئىككىمىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدىن تارتىپلا ئارىلاشقان بولۇپ، بۇنىڭغا 6 يىل بولغان ئىدى. مۇھەببەتلەشكەن دەسلەپكى مەزگىللەردە بارلىق يېڭى ئاشىق – مەشۇقلارغا ئوخشاش ئىجىل ئىناق، ھەم رومانتىك ئۆتتۇق. مەكتەپ پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىقىپ جەمىيەتكە قەدەم قويغاندىن كېيىن خىزمەت ھەلەكچىلىكىدە تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ئاددى ھەم زېرىكىشلىك تۈس ئېلىشقا باشلىغان ئىدى. بىز توي قىلىشقا پۈتۈشۈپ بولغان بولۇپ، ئاپامنىڭ ياردىمىدە ئۆينىمۇ ئېلىپ، بېزەپ تەييار قىلىپ قويغان ئىدۇق. ئىشلار ئاساسى جەھەتتىن پۈتۈپ قالغان بولۇپ، ياخشى بىر كۈننى تاللاپ ئۆزۈمنى ياتلىق قىلىۋەتسەملا بولاتتى…… تۇرمۇش نېمىدىگەن گۈزەل ھە!

بىراق……..

يىگىتىم شىياۋ سا بىر قېتىملىق ساۋاقداشلار يىغىلىشىدىن قايتىپ كېلىپلا بىنورماللىشىشقا باشلىدى. كۈندە ھاڭۋېقىپ تۇراتتى، يانفونىنى گۆھەردەك كۆرەتتى، شەخسى ئىشلىرى كۆپەيدى، تورغا چىققاندا ماڭا كۆرسەتمەيدىغان بولدى…… چاتاق چىققىنىنى ھېس قىلدىم. بىراق مۇھەببەتكە بىر نېمە دېمەك قىيىن ئىكەن، نېمىلا دېمىگەن بىلەن تونۇشقىلى 6 يىل بولدى ئەمەسمۇ، ئارىمىزدا ھېسياتقۇ بار، ئەمما ھارغىنلىقتىن ساقلانماق قىيىن ئىكەن. شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ بېقىش قارارىغا كەلدىم. بىراق مەن ئويلاپمۇ باقمىغان ئىش يۈز بەردى….

- شىياۋنەن، بىز ئايرىلىپ كېتەيلى
دېدى شىياۋ سا كەچقۇرۇنلۇقى بارلىق غەيرىتىنى يىغىپ.
يۈرىكىم قاتتىق ئېچىشتى، ئەمما مەن ئۆزىنى سۆيمەيدىغان ئەرنىڭ ئالدىدا ياش تۆكۈشنىڭ ئۆزىگە قىلىنغان ھاقارەت ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم. كۈلدىم، كۈلۈمسىرىدىم، جېنىمنىڭ بارىچە ئۆزۈمنى بېسىۋېلىپ تەمكىنلىك بىلەن سۆزلىدىم:
-ئايرىلىپ كېتەمدۇق؟ بولىدۇ، ماڭا سەۋەبىنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟

قارىغاندا مېنىڭ كۈلكەم ئۇنى رىغبەتلەندۈرگەن چېغى، ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەستىن ھېلىقى ساۋاقداشلار يىغىلىشى توغرىسىدا سۆزلەشكە باشلىدى. يىغىلىشتا ئۇ شىياۋ ۋېينى بۇرۇنقى بىر ”سىڭلىسى“ نى ئۇچرىتىپتۇ، شىياۋ ۋېي ئۇنى ئىزچىل چوڭقۇر سۆيۈپ كەلگەن ئىكەن، ئۇمۇ تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ ئەسلىدە شىياۋۋېينى سۆيىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى مۇھەببەتلىشىپتۇ….

ئەسلىدە مۇنداق ئىكەندە~~~ مەن يەنە كۈلۈمسىرىدىم:
- ھېچقىسى يوق، سىلەرنى مۇرادىڭلارغا يەتكۈزەي، بۇ ئۇلۇغ مۇھەببىتىڭلار مېنىڭمۇ بەك قاتتىق تەسىرلەندۈرىۋەتتى، راست دەۋاتىمەن.

يۈرىكىم قاتتىق ئېچىشتى، مەن بۇنداق چاغدا يىغلاش ئارقىلىق ئۇنىڭدەك ئۈچىنچى شەخسكە مەپتۇن بولۇپ قالغان ئەرنىڭ كۆڭلىنى قايتۇرۇپ كېلەلمەيدىغانلىقىمنى بىلەتتىم، ئەينى چاغدا ئاپام ئېلىپ بەرگەن ئۆيگە ئۇنىڭ ئىسمىمۇ قوشۇپ يېزىلغان ئىدى. كۈلۈپ تۇرۇپ قانداق ئايرىلىدىغانلىقىمىزنى سورىدىم. ئۇ قاتتىق ئۆكۈنۈش ۋە خىجالەتچىلىكتە دېدى:
-پۇل چېكى سىزگە قالسۇن، ئاپىڭىز ئېلىپ بەرگەن ئۆينى ئەتىلا يالغۇز سىزنىڭ ئىسمىڭىزغا قوندۇرايلى.

كۆزئالدىمدىكى 6 يىل سۆيگەن بۇ ئەرگە قارىدىم. ئاچچىقىمنى تېزدىن چىقىرىۋېلىشىپ كېرەك ئىدى، دەل مۇشۇ چاغدا ئۇنىڭ يانفونى سايراپ قالدى، ئۇ ئوڭايسىز ھالدا ماڭا قارىدى.
- ھېچقىسى يوق، تېلىفوننى ئېلىۋېرىڭ ،-دېدىم كۈلۈپ تۇرۇپ.
ئۇ بىر چەتكە ئۆتۈپ تېلىفوننى ئېلىپ سىلىق ئاۋازدا، خۇددى ئەينى چاغدا بىز مۇھەببەتلىشىۋاتقان چاغدىكىدەك ھالەتتە سۆزلىشىشكە باشلىدى.

ئۆيدىن چىقتىم، مېڭىۋاتىمەن، توختىماي مېڭىۋاتىمەن…. ئاچچىقىمنى چىقىرىۋېلىشىم كېرەك!

كەچلىك بازارغا بېرىپ ئايلاندىم، قانداقلا نەرسىنى كۆرسەم 5 يۈەن دەپ باھا قويدۇم. ئەزەلدىن بۇنداق قىلىپ باقمىغان ئىدىم، بۈگۈن بار غەيرىتىمنى يىغدىم، قىززىق يېرى بەزى خوجايىنلار راستتىنلا 5 يۈەنگە كىيىم سېتىپ بەردى.

بىر مۇنچە 5 يۈەنلىك كىيىملەرنى كۆتۈرۈپ، قىزىل چىراقنى بۆسۈپ ئۆتۈشكە باشلىدىم. بىر كىچىك ساقچى ئالدىمنى توستى، ئۇنىڭ ئەلەم بىلەن تىكىلدىم، ئاچچىقىمنى چىقىرىۋېلىشىم كېرەك
- خانقىز ، قىزىل چىراقنى بۆسۈپ ئۆتسىڭىز ھاياتىڭىزغا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان بولىسىز
- نېمە؟ مەن ھاياتىمغا تازا مەسئۇل بولغانلىقىم ئۈچۈن قىزىل چىراقتىن ئۆتتۈم.
-؟؟؟؟؟؟ ئالدىمىزدا ئانچە يىراق بولمىغان يەردە پىيادىلەر كوچىسى بار، شۇ ياقتىن ماڭسىڭىز بىخەتەر
- پىيادىلەر كوچىسىغا چىقىش ئۈچۈن بىرمۇنچە ئايلىنىپ ماڭىدىكەنمەن، بۇنىڭدا ۋاقتىم ئىسراپ بولمامدۇ؟ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىش ھاياتنى ئىسراپ قىلىش، دېمەك مەن ھاياتىمغا مەسئۇل بولۇش ئۈچۈن ئەلۋەتتە قىزىل چىراقتىن ئۆتۈشۈم كېرەكتە!
- بىراق بۇنداق قىلسىڭىز بەك خەتەرلىك ، تاساددىپى قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ قالسا…
- قىزىل چىراقنى بۆسۈپ ئۆتسەم قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىشى مۈمكىن، بىراق پىيادىلەر يولىغا بېرىش ئۈچۈن ۋاقتىم چوقۇم ئىسراپ بولىدۇ. مۈمكىنلىك ۋە مۇقەررەرلىك ئارىسىدا، ھاياتىمغا مەسئۇل بولغان ئاساستا ئەلۋەتتە مۈمكىنلىكنى تاللايمەندە~
-بىراق… بىراق… بىراق …
- يىگىت، قارىغاندا يېڭى ساقچى ئوخشىمامسىز؟؟

شۇڭا دەيمەن، ساھىپجامال بولغاننىڭ پايدىسى خېلى كۆپ، بەزىدە مانا مۇشۇنداق تاياققا لايىق قىلىقلىرىمغا ھېچكىمنىڭ بىرەر تەستەك سالمىغىنى كاللامدىن ئۆتمەيدۇ دېسە…

يول مېڭىپ ھېرىپ كەتتىم، ماڭمايمەن بولدى. ئادەم يوق يەرگە بېرىپ بار ئاۋازىمنى قويۇۋېتىپ ۋارقىراشقا باشلىدىم، ئائىلىلىكلەر بىناسىدىكىلەر بوتولكا، سەي-كۆكتات ئېتىشقا باشلىدى. ئارقامغا بۇرۇلۇپ

بەدەر تىكىۋەتتىم.

ئاپامغا تېلىفون قىلدىم:
-ئاپا، قىزىڭ ئوغۇل دوستىدىن ئايرىلىپ كەتتى
-نېمىشقا؟
-ئۇ غەلىتە كېسەل بولۇپ قاپتۇ، قان بۇزۇلغان، ئاق قان دانچىسى ئۆرلەپ كەتكەن، تېزدىن قېرىيدىغان، نېرۋىسى ئازىدىغان، ئەڭ مۇھىمى بۇ كېسەل داۋاسىز بولۇپ، قارىماققا نورمال ئادەمدەكلا كۆرىنىدىكەن، ئەمما ئىچ-ئىچىدىن سېسىپ كېتىدىكەن…
- ۋاي خۇدا ، يۇقمايدىغان كېسەل بولغىيتى؟
-يۇقمايدىكەن، بىراق داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدىكەن.
-تېزدىن ئۆيگە قايتىپ كەل، پەقەت بولمىسا ئۇنىڭغا ئازراق پۇل بېرەرمىز، قانداق ئادەم بۇ، كېسەل بولسىمۇ ئادەتتىكى كېسەل بولمايدىغان!

ئاپام شىياۋسا ئەسلىدىنلا ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيتى، دەل كۈتكەن يېرىدىن چىقتى.

چەكسىز ئازاپ ئىچىدە ئۆيگە قايتتىم، تاشلىۋېتىلگەن ئازاپىم ئاپامغا مېھىر-شەپقەتلىك بولۇپ كۆرۈندى. دادام بىلەن ئاپام تۇشمۇ-تۇشتىن تەسەللى بېرىشكە باشلىدى.
تۇنجى قېتىم، يىغلىدىم، تازا ھۆركىرەپ يىغلىدىم.
ئەبلەخ، مەن ھەم چىرايلىق ھەم ئەقىللىق، مىجەزىممۇ شۇنداق ئېسىل تۇرسا، ئاشۇنداق سەت تاز تاشلايمەن دەپلا تاشلىۋەتتىغۇ؟ ئېسىت ئاشۇ ئۆلمىگۈرگە سەرپ قىلغان ياشلىقىم، مۇھەببىتىم، ھۇ ^&*$%#@

ئاپام يىغامنى كۆرۈپ قاتتىق تەسىرلىنىپ كەتتى، قىزىم نېمىدىگەن باغرى يۇمشاق ھە، دەل مېنى تارتىپتۇ، ۋاپادار~~~

ئەزەلدىن ئاپامدىن باشقا ئادەملەرنىڭ ئالدىدا يىغلاپ باقمىغان ئىدىم، ئەلۋەتتە، كۆپىنچىسى ئاپامنىڭ تايىقىغا چىدىماي يىغلىغان يىغىلار.

ئىككى كۈن ئارام ئالغاندىن كېيىن، يەنىلا كۆتىرەڭگۈ جۇشقۇن ھالەتتە ئىشقا باردىم. تاشلىنىش ۋە ئاسىيلىق قىلىنىش مۇقەررەرلىككە ئايلىنىپ بولدى، بىراق ھايات يەنىلا داۋاملىشىشى كېرەكتە~~~\

خىزمەتداشلىرىمنىڭ نېمە ئۈچۈن ماڭا ئىچ ئاغرىتقان نەزەردە قارىغىنىنى بىلەلمىدىم، ياندىكىلەردىن سوراپ، ئاندىن شىياۋ ۋېي بىلەن شىياۋ سا نىڭ مەن كېلىشتىن ئاۋال “ مېھىر- مۇھەببىتى“ نى كۆپچىلىككە كۆرسىتىپ بولغانلىقىنى بىلدىم. دېمەك، شىياۋ سا ئىككىمىزنىڭ ئايرىلىپ كەتكەنلىكىمىزنى، ياق، ياق، شىياۋ سا نىڭ مېنى تاشلىۋەتلىكىنى پۈتۈن شىركەتتىكىلەر بىلىپ كەتكەن ئىدى. كۈلگىنىمچە بېشىمنى ئېگىز كۆتۈرۈپ خىزمەتدىشىمغا دېدىم:
-ھەي… ياش قىزلارغا ئامال يوق، بەك يامانكەن، بىز راستلا ئايرىلىپ كەتتۇق.

بەزىلەر مەسخىرە قىلدى، بەزىلىرى ئاستىرتىن خوشال بولدى يەنە بەزىلىرى بولسا ھېسداشلىق قىلدى. مەيلى نېمىلا قىلىشسا قىلىشسۇن، چاتىقىم يوق، ئىچىمدە غەزەپ بىلەن تىللىدىم “ ھۇ بۇزۇق %&*$“

مۇشۇنداق زەھەرخەندە تىللىسام كەيپىياتىم ياخشىلىنىپلا قالماي يەنە خىزمەت ئۈنۈمىمنىڭ كۆتۈرىلىدىغانلىقىنى بايقىدىم. بەزىدە شىياۋ سا بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالاتتىم، ئۇ ماڭا جىمجىت قاراپ تۇراتتى، ئۆي ئاللىبۇرۇن مېنىڭ نامىمغا ئۆتۈپ بولغان، ئاپام ئەنسىرىگۈدەك ئىشمۇ قالمىدى. ئىچىمدە ئۆز-ئۆزۈمگە دەيتىم“ بۇنداق بۇزۇقلارغا نەچچە يۈز خىل كېسەل چىرمىشىپ، ئەتىدىن-كەچكىچە نەس بېسىپ، كىم ئۇچرىسا شۇنىڭغا پالاكەتچىلىك ئەكىلىپ، تەلەتىنى كىم كۆرسە شۇنىڭ كۆڭلى ئېلىشىدىغان بولغاي ئىلاھىم “ شىياۋ سا غا سوغۇق نەزەردە قاراپ قوياتتىم. شىياۋ سا مېنىڭ ئىنكاسىمدىن ھودۇقۇپ قالغان ئىدى، بەلكىم ھېلىقى كۈنىدىكى كۈلكەم ئۇنىڭ بەكلا ئەقلى تەسىر بەرگەن ئوخشايدۇ. شۇنچە يىل بولدى، مېنىڭ ياخشىلىقىمنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، چىرايىمنى تولا كۆرۈپ زېرىكىپ قېلىشنى، گېپىمنىڭ سېسىقلىقىنى ھېساپقا ئالمىغاندا، خېلىلا مۇكەممەل قىز بولۇپ ھېساپلىنىمەن، بەزىلەر ئايرىلغاندىن كېيىن دوست بولارمىش، مەن ئۇنداق پەس ئىشنى قىلمايمەن، ئايرىلغاندىكىن پاك-پاكىز ئايرىلىش كېرەك، دوست بولۇش نەدە تۇرۇپتۇ؟~ ئايرىلغانكەنمىز، ئەمدى مېنىڭ دۈشمىنىم بولىسەن!

ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە قاپىقىمنى ئاچمايتىم، گەپمۇ قىلغۇم كەلمەيتى، ئەگەر زادى گەپ قىلىشىم كېرەك بولسا، قىلغۇدەك بىرلا ئېغىز سۆزۈم بار:
يوقال!!!!!!!
ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن بىچارە قىياپەتكە كىرىپ ئاپامنىڭ ھېسداشلىقىنى ئالدايتىم، ئەمىلىيەتتە مەن بىر قەيسەر قىز بولۇپ، بىر ئەركىشى ئۇياقتا تۇرسۇن، ھېچقانداق نەرسە دېگۈدەك مېنى باش ئەگدۈرەلمەيتى، يەنە كېلىپ بىر ئالا كۆڭۈل ئەر~

ھەپتە ئاخىرى نېمىدىگەن زېرىكىشلىك~~ ئۆي ئىچىنى تازىلايمەن دەپ چاچلىرىم پاخپىيىپ، يۈز كۆزلۈرۈم مەينەت بولۇپ كېتەتتى، يېقىندىن بېرى يەپ ئىچىشكە جىق پۇل خەجلەپ كېتىۋاتقىنىمنى دېمىسەم، ھەرگىزمۇ بۇنداق خىزمەتكار بولۇپ ئىشلىمەيتىم! تازىلىق قىلىپ بولغاندىن كېيىن پول سۈرتكۈچنى ئۆشنەمگە ئارتىپ سىرتقا چىقتىم، ئىللىق شامال قىزارغان يۈزلىرىمنى سىپاپ ئۆتتى، مەھەللە ئېغىزىدا بىر قولۇمنى بېلىمگە تىرەپ، يەنە بىر قولۇمدا پول سۈرتكۈچكە تايىنىپ، شامالنىڭ تەرلىرىمنى قۇرۇتىشى بىلەن ئاپامنىڭ ئەپتى بەشىرەمگە قاراپ قىلغان ئىشلىرىمنى ماختىشىنى تاما قىلىپ تۇردۇم~~

تۇيۇقسىز مەھەللىگە بىر BMW كەلدى، كۆز ئالدىملا توختاپ، ماشىنا ئىشىكى ئېچىلىپ كاتتا سالاپەتلىك، قاتۇرۇپ كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىپ گالاستۇك تاقىغان، پۈتۈن بەدىنىدىن ”مېنىڭ پۇلۇم جىق، مەندە دوللار بار، ئاق ئالتۇن كارتا بار دېگەن ئۇچۇرلار تۆكۈلۈپ تۇرغان بىر يىگىت كۆز ئالدىمدا پەيدا بولدى~~~~ كاساپەت~ نېمىدىگەن قاملاشقان! نېمىدىگەن كېلىشكەن~~~ پاھ پاھ پاھ….

پول سۈرتكۈچكە تايىنىپ تۇرمىغان بولسا ئوڭدامغا چۈشكەن بولاتتىم، ھېلىمۇ يەنە تۇرۇش قىياپىتىمنى سەل پەل ئۆزگەرتىپ تىكىلگىنىمچە تاماشا قىلىپ تۇردۇم.

قاملاشقان يىگىت ئۇدۇل مېنىڭ ئالدىمغا- چاچلىرى پاخپايغان، يۈز-كۆزلىرى مەينەت،پول سۈرتكۈچكە ئېڭىكىنى تىرەپ تۇرغان قىزنىڭ ئالدىغا كېلىپ بوش ئاۋازدا سورىدى:
- سىز شىياۋنەن بولامسىز؟
تۇيۇقسىز شارتتىدە ئارقامغا بۇرۇلۇپ تۈكۈرۈكۈم بىلەن بولسىمۇ چاچلىرىمنى ئوڭشاپ، ئارقىدىن نازلانغىنىمچە “ ھەئە“ دېگۈم كەلدى، بىراق بۇنىڭغا پۇرسەت يوق~ پول سۈرتكۈچنى مەھكەم تۇتۇپ، مايماق سايماق ئېسىۋالغان پەشتامىنى سېلىپ، قالايمىقان چاچلىرىمنى سىقىمدىغىنىمچە ئوڭايسىزلانغان ھالدا جاۋاب قايتۇردۇم:
-شۇنداق، بىرەر ئىش بارمىدى؟

قاملاشقان يىگىت:
-مەن شىياۋ ۋېينىڭ ئوغۇل دوستى بولىمەن، سىز بىلەن پاراڭلىشىپ باقاي دېگەنتىن~
- ھە!!!!!
مەن بىلەن پاراڭلاشقۇدەك نېمىسى بار بولغىيتى؟ ئەھۋالنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بولالماي تۇرغىنىمدا، ئەتراپىمدىن بەك كۆپ ئادەم ئۆتۈپ-كېچىۋاتقاندەك ھېس قىلدىم، سىنچىلاپ قارىۋىدىم، ئۆتكەن كەچكەن بولۇپ ئۇياقتىن بۇياققا مېڭىۋاتقان ئايال- دەل مېنىڭ ئاپام ئىكەن ئەمەسمۇ~~ ئاپام مېنىڭ قارىغىنىمنى كۆرۈپ توختىماستىن كۆزلىرىنى قىسىپ، مۇشتۇمىنى تۈگۈپ، بېشىنى لىڭشىتىپ، تىلىنى چىقىرىپ … يەنە ئاللىقانداق بىر ھەرىكەتلەرنى قىلدى. ئاپامنىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنى ماڭا ئايان، ئاپام مېنىڭ يىگىت تېپىشتىكى ئالاھىدە تېز سۈرئىتىمدىن مەمنۇن بولۇپلا قالماي يەنە ئالدىمدىن بۇ يىگىتنىڭ تولىمۇ رازى بولغان، “ ئەگەر بۇ يىگىتنى كەلتۈرەلمىسەڭ، ئۆيگە كەلگەندە كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرىسەن“ دەۋاتىدۇ. مەن ئالدىرايمەن ماڭغىلى، ئېشىكىم ئالدىرايدۇ ياتقىلى دېگەندەك، مەن نىمە كويدا ئاپام نىمە ئويدا؟!

يىگىتنىڭ تەلىپىنى چىرايلىق رەت قىلىپ باشقا بىر ۋاقىتتا كۆرۈشۈشكە پۈتۈشۈپ قويۇپ، پول سۈرتكۈچنى ئۆشنەمگە ئارتقانچە ئۆيگە قايتتىم. ئاپام چىرايىدىن قار-مۇز ياغدۇرۇپ، سۈپۈرگىنى قولىغا ئالغانچە كۈتىۋالدى، ھېلىمۇ ياخشى ئۆزەمنى قوغدىغىلى يېنىمدا پول سۈرتكۈچ بار ئىكەن…

دۈشەنبە كۈنى ئىشقا چىقتىم، چۈشلۈكى شىياۋ ۋېي بىلەن شىياۋ سا يەنە ئۆزلىرىنىڭ ئۇلۇغ مۇھەببىتىنى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا نامايان قىلىپ بەرگىلى تۇردى، **** بۇ 2 بۇزۇق مېنى زادى قانداق قىلماقچىكىنە؟

شىياۋۋېينى بۇرۇندىن تونۇيتۇم، ئەمىلىيەتتە ئۇ تولىمۇ ساددا قىز بولۇپ، بۇنداق ساددىلارنىڭ نەزىرىدە مۇھەببەت بىرىنچى، قالغان ھەممىلا نەرسە چاكىنا. ماڭا نىسبەتەن دۆتلۈكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بىر تەرەپتىن ئۇلارنى تىللىغاچ بىر تەرەپتىن تاماق يەۋاتاتتىم، شىياۋ ۋېي يېنىمغا كەلدى، مۇرەككەپ بىر خىل نەزەردە ماڭا قاراپ تۇراتتى
“ *** بۇنداق بىر نىمىلەرنى كۆزگە ئىلىپمۇ ئىشمۇ؟ نېمىگە قارايسەن؟ ساھىپجاماللارنى كۆرۈپ باقمىغانمىتىڭ؟“ شىياۋۋېي:
- كەچۈرۈڭ، مەن ئۇنى راستلا بەك سۆيىمەن
مەن:
- ھېچقىسى يوق، ھېچقىسى يوق، ياخشى سۆيۈشۈڭلار، ئۇرۇشماڭلار ھە~
-شىياۋ سا ياخشى يىگىت، بىراق سىز ئۇنى قەدىرلەشنى بىلمىدىڭىز
ئاغزىمدىكى غىزانى ياندۇرۋەتكىلى قىل قالدىم، ۋۇ *** ئەگەر مەن تازا قەدىرلىگەن بولسا سەندەك نېمىگە نەدىكى پۇرسەت؟ مەن:
- سەت بولدى، تامىقىم تۈرۈپ قالدى، نېرىراق تۇرۇپ تۇرۇڭە، سۇ بارمۇ سۇ؟

شىياۋ سا يۈگۈرۈپ كېلىپ شىياۋۋىينى قۇچاقلىغىنىچە :
- نىمە بولدى؟- كۆزلىرىدىن دۈشمەنلىك چىقىپ تۇراتتى. كۆڭلۈمنى ئېلىشتۈرۈشمىسىچۇ بۇ بىرنىمىلەر، تامىقىم گېلىمغا تۈرۈپ قالدىغۇ شۇ، تاماق گالغا تۈرۈپ قالغاندا سۇ ئىچسە قانۇنغا خىلاپمىكەن؟

بۇزۇقلار كېتىشتى. بەلكىم باشقىلارنىڭ يىگىتىنى تارتىۋالغۇچى تاشلىۋېتىلگەن قىزنىڭ ئالدىدا ئۈستۈنلۈككە ئىگە مەن دەپ ئويلىسا كېرەك. ئويلىساملا ئاچچىقىم كېلىدۇ، خەقنىڭ يىگىتىنى ئالداپ ئەكىتىڭ بىر، يەنە نېمىگە بۇ يەرگە ئويۇن قويۇپ يۈرىدۇ؟ ھەجەب كاچىتىغا بىرنى سالغۇم كەلدى.

ئىشتىن چۈشۈپ شىياۋ سا بىلەن بىللە بىنادىن چىقتىم. ئىشىكنىڭ ئالدىدا BMW توختىتىپ قويۇلغان بولۇپ، دوللارجان توپ -توپ قىز -چوكانلارنىڭ كۆزلىرىنى ئۆزىگە باغلاپ،يەنە ھېلىقىدەك قېتىپ تۇراتتى:
- شىياۋنەن!
قەستەن ئابرويلۇق قىياپەتكە كىرىپ، بىزار بولغاندەك قىلىپ چىرايىمنى پۈرۈشتۈرۈپ قويۇپ ماشىنىغا چىقتىم. قىز چوكانلارنىڭ كۆزلىرى، شىياۋ سانىڭ كۆزى، يەنە ئىشىك باقىدىغان بوۋاينىڭ كاللىسى ماشىنا ئىسىدىن ئۇزاپ كەتتى. نەزىرىمنى دوللارجانغا تاشلىدىم. نېمىدىگەن قاملاشقان چىراي، ئېغىر بېسىق، تەمكىن ئانچە-مۇنچە غەمكىن چىراي، پاھ پاھ پاھ… ھېلىقى شىياۋۋېينىڭ كاللىسىنى ئىشىك قىسىۋالمىغان بولغىيتى؟! مۇشۇنداق يۇقىرى سورتلۇق يىگىتنى تاشلاپ ئاۋۇ بۇزۇقنى تاپقىنىنى دەيمەن~~ ھەي…..

دوللارجان جىمجىت بىر يەرنى تېپىپ ماڭا دەرد تۆكۈشكە باشلىدى. ئۇنىڭ ئىسمى شىياۋفەن بولۇپ، ئائىلىسى ئالتۇنلۇق، پۇللۇق، سارايلىق، ماشىنىلىق، بانكا چېكىلىك، ئىشقىلىپ بەك بەك بەك پۇللۇق ئائىلە ئىكەن. ئاز ئۇچرايدىغان يېرى شۇكى قىز ئوغۇللۇق مۇناسىۋەتكە بەك دىققەت قىلىدىكەن، بۇنىسىنى بەك ياقتۇردۇم، يەنە كېلىپ مۇھەببەتكە بەك سادىق، مەجنۇنلۇق دەرىجىسىگە يەتكەن. گۆش يېيىشنى ياقتۇرمايدىكەن، تۇرمۇشى بىرلا خىل قېلىپتا، ئۆزى يالغۇز تۇرىدىكەن، بىر ئاكىسى بار بولۇپ، دادىسى بىلەن ئاپىسى ئاجراشقاندىن كېيىن دادىسى ئۆيگە بىر ئۆگەي ئاپا ئەكىرگەنكەن، نېمىدىگەن مۇرەككەپ. بىراق، دوللارجان، بۇلارنى ماڭا دەپ نېمە قىلماقچى؟ شىياۋفەن:
- ماڭا ياردەم قىلغان بولسىڭىز! يىگىتىڭىز بىلەن يارىشىۋېلىڭ، شۇ چاندا شىياۋۋېي مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كېلىدۇ!

ئاغزىمدىكى ئىچىملىكنى پۈركۈپ تاشلىدىم، سەت بولدى، ھەجەپ سەت بولدى.
مەن:
- سىزگە بىر ھېكايە ئېيتىپ بېرەي، بېشى بەك قورقۇنچلىق، ئوتتۇرىسى بەك كۈلكىلىك، ئاخىرى بەك ئېچىنىشلىق

شىياۋ فەن:
_؟؟؟؟؟؟

-بۇرۇن بىر جىن بوپتىكەن، بىر كۈنى ئۇ ئوسۇرۇپ قويۇپتۇ، ئارقىدىن ئۆلۈپ قاپتۇ

ھا ھا ھا ھا ھا، كىچىككىنە قەھۋەخانىنى قورقۇنچلۇق كۈلكەم بىر ئالدى. شىياۋفەن نىمە قىلارىنى بىلمەي كۈلۈشۈمگە قاراپ ھاڭۋېقىپ تۇراتتى. كۈلۈپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئۇ بايا ئېيتقان سۆزنىڭ مەن ئېيتقان يۇمۇردىنمۇ ئۆتە كۈلكىلىك ئىكەنلىكىنى دېدىم.
- ھېلىغۇ مەن بېرىپ يېنىشىۋالىدىكەنمەن، ئۇ ئەبلەخ بىر مىليوننى كۆتۈرۈپ، ئالدىمغا ماڭقىلىرىنى ئاققۇزۇپ يىغلاپ كەلسىمۇ، كۆزۈمنىڭ قېتىغا ئىلىپمۇ قويمايمەن. ھاياتىمدا مۇشۇنداق ۋاپاسىز يۈزسىزلەرنى ۋەھشىي ئۆچ كۆرىمەن، ئاشۇنداق ئەخلەت بىلەن يارىشىۋالامتىم؟ دۇنيادا ئۈچ پۇتلۇق پاقىنى تاپماق تەس بولغان بىلەن، ئىككى پۇتلۇق ئەر دېگەن ساماندەك! نېمىشقا يارىشىۋالغۇدەكمەن؟ يارىشىۋالدىممۇ دەيلى، كېيىن يەنە بىر قىزغا بۇزۇلمايدۇ دەپ كىم كېسىپ ئېيتالايدۇ؟ ئۇ چاغدا يەنە ئايرىلىپ كېيىن يەنە يارىشىۋالامتىم؟ بىكار قالمىدىم مەن! يەنە كېلىپ مەن شۇنداق گۈزەل چىرايلىق تۇرسام، ئەر چىقماسلىقىدىن ئەنسىرەمتىم؟

كۈتكۈچى قىز باشتىكى سۆزلىرىمنى ئاڭلىماي ، ئاخىرىدىكى ئۆزۈمنى تازا ئۇچۇرۇپ ماختاۋاتقان يەرلىرىمنى ئاڭلاپ، مېنى ئۆزىنى دوللارجانغا كۈچەپ چاپلاۋېتىپتۇ دەپ ئويلاپ قالغان چېغى، قولىدىكى ئىستاكاننى ئالدىمغا داققىدە قويۇپ، ئالىيىپ قويۇپ كەتتى.
**** سەل تۇرۇپ ئەدىبىڭنى بەرمىسەم، سەت ماڭقا!

سۇنى ئىچىپ بولۇپ يەنە سۆزلەشكە باشلىدىم:
-كېلىشكەن يىگىت، قاراڭە ئۆزىڭىزگە، پۇل دېسە پۇل بار، چىراي دېسە چىراي بار، ئالتۇنىڭىزمۇ جىق، ئۆيمۇ بار، ماشىنىڭىزمۇ بار. قانداق قىز بالىنى كەلتۈرەلمەيدىكەنسىز؟ نېمىشقا ئاشۇ بىر ئىنجىمارۇققىلا چاپلىشىپ تۇرىۋالىسىز؟ ئۇ قىزغۇ چىرايلىقكەن، مۇلايىمكەن، ياخشىكەن ئەمما ئۇ سىزنى سۆيمەيدىكەن. نېمىشقا بىھۇدە ئاۋارە بولىسىز؟ ئەگەر ئۇنى راستىنلا سۆيسىڭىز، ئۇنىڭغا ئۆزى خالىغان ھاياتنى بېرىڭ!

داۋاملىق سۇ ئىچتىم. پاھ! مەن نېمىدىگەن قالتىس! ئۆزۈمگە ئۆزۈم قول قۇيۇۋەتتىم جۇمۇ! شىياۋ فەن مېنىڭ گەپ سۆزلىرىم ئاستىدا بېشى چۆرگىلەپ نىمە قىلىشىنى بىلەلمەيلا قالدى. دوللارجاننىڭ پۇلى نېمانچە كۆپ! مەنمۇ ئاز سۆزلىمىدىم، ئازراق چاي پۇلى ياكى پىسخىكىلىق مەسلىھەت ھەققى بېرىشى كېرەكمۇ يا!؟ ئېغىز ئېچىپ سوراشتىن خىجىل بولدۇم. شىياۋفەن ئاخىرى گەپكە كەلدى:
- سىزنى ئاۋارە قىلىپ بەك سەت بولدى، سىزنى مىھمان قىلاي

ماڭىغۇ بەرىبىر. تاماق يېيىش كىچىك ئىش، قاملاشقان دوللارجاننىڭ ھەمرا بولۇشى مۇھىم، ھى ھى ھى.

مۇنداقلا بىر يەرنى تېپىپ كىرىپ ئولتۇردۇم، تاماق يېيىشتە تارتىنىپ ئولتۇرمايمەندە ئەلۋەتتە. سەينى تازا بۇيرۇتتۇم. چىققان غىزالارنى بېشىمنى چۆكۈرۈپ تازا يەپتىكەنمەن، شىياۋفەن ئاخىرى ھەيرانلىقىنى باسالماي سورىدى:
- سەمىرىپ كېتىشتىن قورقمامسىز؟
قوۋۇزۇمدىكى لىق يېمەكلىكنى چايناپ تۇرۇپ جاۋاپ بەردىم:
- سەمىرىپ كېتىشتىن قورققانلار ياخشى كوممونىست ئەمەس!
- ھا ھا ھا ھا ھا

يۇمۇر- مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكىم ئىدى. ئاخىرى ماڭا زوقلىنىدىغان ئادەم تاپتىم!
يەپ ئىچىپ تويغاندىن كېيىن ئالدىرىماي دەسسەپ ئاشپۇزۇلدىن چىقتىم. BMW نىڭ ئالدىغا كېلىپ ماشىنىغا چىقىشقا تەرەددۇتلىنىپ تۇرغىنىمىزدا، بىر يۈرۈش ھورۇنچىراي كىيىنگەن ( ئىستىراھەت كىيىنگەن، شىيۇشىيەن) ۋېلىسپىتنى يېتىلەپ ماڭغان شىياۋ ۋېي بىلەن شىياۋ ساغا ئۇچراپ قالدۇق. بىر تەرەپتە ھورۇنچىراي كىيىم ۋە ۋېلىسپىت، يەنە بىر تەرەپتە بولسا كاستۇم-بۇرۇلكا بىلەن BMW ، يەنە تېخى بايىلا تويۇپ غىزالانغىنىدىن يۈزلىرى قىزارغانلار ( خۇددى كۆرەلمەس ئىش قىلغاندەك) ئوت يالقۇنجاپ تۇرغان تۆت جۈپ كۆز بىر-بىرىگە تىكىلدى. يەنە تېخى ھېلىقى شىياۋ ۋېينى دەيمەن، يىگىتىمنى ئالداپ ئەكەتكەن تۇرۇقلۇق ئۆزى تاشلىۋەتكەن كونا يىگىتى بىلەن تاماق يەپ قويسام چىدالماي ئالىيىپ قاراپ بەئەينى سۆيگۈ رەقىبىدەكلا مۇئامىلە قىلىۋاتىدا! مەن كىمۇ مەن، ئۇنداق- بۇنداق قىزلاردىن ئەمەس جۇمۇ بىز~ ئۇنداق رەسۋالارنى قېتىمغىمۇ ئىلىپ قويمايمەن، مېنىڭ ئالدىمدا مۇھەببىتىڭلارنى كۆرسىتىشمەكچى بولۇپ ئارتۇق كايىپ كېتىشمە، قۇلىقىمغا م پ 3 نى مەھكەم تىقىپ ئۆزۈمنىڭ ئىشىنى قىلىۋېرىمەن. ياخشى يېرى شىركەتتىكىلەر ئۇلارنىڭ قىلىقىنى پەقەتلا كۆزىگە سىغدۇرالمىدى، بەزىلىرى ماڭا تەسەللىي بەرسە، بەزىلىرى شىياۋ ساغا سوغۇق مۇئامىلە قىلدى، يەي دېسەم تاماق، ئىچەي دىسەم ئىستاكاننى تەييارلاپ بەردى~~ پاھ پاھ~ ئالامەت ئېسىل ئۆتۈۋاتىدىغۇ بۇ كۈنلەر~ نەتىجىسىنىڭ بۇنداق پەيزى بولىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسام ئۇ بۇزۇق بۇلتۇرلا تالاغا قارىغان بولسا بوپتىكەن~ قارىغاندا ئالدىنقى قېتىم تۈكۈرۈكلىرىمنى چاچرىتىپ قىلغان نەسىھەتلىرىم پايدا قىلغان چېغى، شىياۋ فەن مېنى ئانچە ئىزدەپ كەلمىدى، گەپ سۆزلىرىم ئارقىلىق ئۇنى بومباردىمان قىلىپ ئويغىتىپتىمەن، بۇ زور تۆھپەمدىن ھەجەب پەخىرلەندىم! مېنى ھەممىدىن خوشال قىلغىنى شىياۋ فەننىڭ ھېلىقى رەسۋاغا كۆيدۈم-پىشتىم دەپ يۈرمىگىنى بولدى~ شىياۋ ۋېي نېمىسىگە بۇنداق ئىلتىپاتلارغا ئېرىشىدۇ! زەھەرخەندىلىك بىلەن كۈلدۈم، كۈلگەندىمۇ تازا كۈلدۈم، ھى ھى ھى…..

ئارام كۈنى، تېلىفون كەلدى، شىياۋ فەن مېنى تاغقا يامىشىشقا تەكلىپ قىلىۋاتاتتى، ئۇيقۇچىلىقتا نېمىلەرنى ئاڭلاۋاتقىنىمنى ئاڭقىرالماي تۇرغىنىمدا، يەنە بىر تۇرۇپكىنى قولىغا ئېلىۋالغان ئاپام ئاۋازىمنى دوراپ نازلىنىپ تۇرۇپ
-بولىدۇ، چاتاق يوق، چوقۇم بارىمەن، ھازىرلا ماڭىمەن~ ھەرگىز گېپىمدىن يانمايمەن، قەدىرلىكىم سىزنى سۆيىمەن!
دەپ تېلىفوننى قويۇۋەتكىنىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم ئېلىشىپ ھوشۇمدىن كەتكىلى قىل قالدىم~

قولۇمغا چىققان كوۋبوي ئىشتان بىلەن مايكىنى كىيىپ، بېشىمغا شەپكە كىيىپ مەھەللە ئېغىزىغا چىقىپ شىياۋ فەننى ساقلاپ تۇرماقچى بولدۇم، ئەمما ئاپام بولسا ھەممىدىن چىرايلىق جەلىپكار كىيىمنى كىيىپ، بۈگۈننىڭ ئۆزىدە شىياۋفەننىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىپ، سىزىقىڭدىن چىقمايدىغان قىل دەپ تۇرىۋالدى، كەينىمگە ئۆرۈلۈپ چۈشكىلى قىل قالدىم، خەق تاغقا يامىشىمىز دەۋاتسا تەنناز كىيىنىپ چىقسام نېمە دەپ قالىدۇ مېنى! شۇڭا ئاپامنىڭ كۆزىنى غەلەت قىلىپ ئاستىلا قېچىپ چىقتىم. نەچچە قەدەم ماڭا ماڭمايلا ماشىنىنىڭ سىگنالى ئاڭلاندى ، ئارقامغا بۇرۇلدۇم. شىياۋ فەنكەن ئەمەسمۇ~ ئۇ بۈگۈن كاستۇم بۇرۇلكا كىيمىگەن بولۇپ، بىر يۈرۈش دالا كىيىمى كىيىۋالغان ئىدى~ قانداقلا كىيىم كىيسە يەنىلا شۇنداق سۆلەتلىك~~ كاساپەت~~ نېمانچىۋالا قاملاشقانسەن~ ئادەمنى چاندۇرۇپ! غودۇڭشىنىمچە ماشىنىغا چىقىپ ئولتۇردۇم~

گۈزەل مەنزىرە، ئېسىل مۇھىت ۋە كەيپىيات بولۇپمۇ يېنىمدا كېلىشكەن يىگىتنىڭ بار بولىشى مېنى خۇددى بېنزىت ئىچىۋالغاندەك كۈچكە كەلتۈرگەن ئىدى~ تاغقا بار كۈچۈم بىلەن ياماشتىم، يامىشا، يامىشا، يامىشا، …..، خېلىلا ئۇزۇن ياماشتۇق، شىياۋفەندەك بەگزادىلەردە بۇنداق ياخشى بەدەن ساپاسىنى بارلىقىغا ھەيران قالدىم، شىياۋ فەنمۇ قاتتىق ھەيرانلىق بىلەن سورىدى:
- يەنە يامىشالامسىز؟
- مەندە چاتاق يوق~ مەن بۇرۇن ئىشىكتىن كىرىش بېلىتىنى ئېلىشتىن قېچىپ كەينى تاغدىن تارتىپ يامىشىپ 4 چوققا 2 دەريا، 1 قىيانى ئايلىنىپ ئۆتكەن، ھا ھا ھا~~
- ھا ھا ھا، مەن تاغقا چىقىشقا بەك ئامراق، بىراق بۇرۇن شىياۋۋېي ئىككى قەدەم ماڭ-ماڭمايلا ھېرىپ قالاتتى، سىزدەك ئورتاق قىزىقىشقا ئىگە دوست تاپقىنىمدىن بەك خۇرسەنمەن

توۋا~~ نېمىنى ئويلىسام شۇنى دەۋاتىدا~ راستلا زامان ئاخىرى كېلىپ قالدىمۇ نېمە~ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىدۇق، ئېدىرلىقلاردىن ئۆچۈپ ياۋا گۈللەر بار يەرگە كەلگەندە بىر تۇتام گۈل ئۈزۈپ نەچچە قېتىم ئاۋازىمنى قويۇپ بېرىپ ناخشىغىمۇ چۈشۈپ كەتتىم~ ناخشا ئېيتىش ئىقتىدارىمنىڭ ئانچە ئەمەسلىكىنى شىياۋ فەننىڭ چىرايىدىن بىلەلەيمەن~~ بىراق مەنمۇ ئالاھىدە تالانت ئىگىسى ھېساپلىنىمەن~ ئويلاپ بېقىڭە ، بىر ئېغىز ناخشا ئېيتسا يەتتە يەردىن ئاۋاز قاچۇرۇپ، ئىككىنچى مىسراسىدا قاچقان ئاۋازلارنى تۇتۇپ كېلىپ يەنە قاچۇرۇپ ئېيتىش دېگەن تالانت بولماي نېمە؟!

تىك چوققىغا كەلگەندە شىياۋفەن تەبىئىلا ماڭا قولىنى سۇندى، قولۇمنى ئۇزاتتىم
ئې ئې ئېلىكتىر ئېقىمى~~ توك سوققاندەك بولىۋاتىمىنا~ چاراس چۇرۇس~~ ئوتلار ئۇچقۇنداپ كەتتىمۇ نېمە نېمىشقىكىن يۈرىكىم دۇمباق چالغاندەك دۈپۈلدەپ، يۈزلىرىم قىزىرىپ كەتتى. داۋاملىق تاغقا ياماشتىم.

شىياۋ فەن ھەيرانلىق بىلەن سورىدى:
-نېمىشقا سىزنى تۇنجى قېتىم كۆرگىنىمدە ئازراقمۇ ئازاپلانمىدىڭىز؟
- كىم مېنى ئازاپلانمىدى دەيدۇ؟ ئازاپتىن ئۆلگىلى تاس قالدىم، ئاپامنىڭ ئالدىدا نەچچە قېتىم يىغلىدىم تېخى. بىراق مەن پەقەت ئاپامنىڭ ئالدىدىلا يىغلايمەن، باشقىلارنىڭ يىغامنى كۆرىدىغان پۇرسىتى يوق~
- بەك قەيسەركەنسىز~
-ئەلۋەتتە
- ھېلىقى نەچچە ئۇرسىمۇ ئۆلمەيدىغان سارىخان ( ھەسەن شىرىك) بىلەن تۇغقاندارچىلىقىڭىز بارمۇ قانداق؟

ئادەتتە قېتىپ يۈرىدىغان شىياۋ فەننىڭ چاخچىقىنى ئاڭلاپ قانداق ئىنكاس قايتۇرىشىمنى بىلەلمەي قالدىم. شىياۋ فەن مېنىڭ ھاڭۋېقىپ تۇرغان ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ قېچىشقا باشلىدى. كالۋ، يەنە نېمىگە قاراپ تۇرىسەن، يۈگۈرمەمسەن! ۋارقىرىغىنىمچە شىياۋ فەننى قوغلاشقا باشلىدىم:
- قوغلاپ تۇتىۋالسام 100 يۈەن بېرىسىز

كۈلكە، يەنىلا كۈلكە ئاۋازى….

بىر كۈن ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتتى، كەچقۇرۇنلىقى بىللە غىزالاندۇق. بىر كۈن تىنماي ھەرىكەت قىلىپ ئېچىرقاپ كەتكەن ئىدۇق. ئىككىمىز تاماق كۆرمىگىلى ئايلارچە بولغان ئادەمدەك ئالماپ-تالماپ يۇتۇشقا باشلىدۇق. شىياۋ فەن مېنىڭ ھەيدەكچىلىكىمدە، ئەمىلىيەتتىغۇ مېنىڭ ھەيدەكچىلىكىم ئەمەس، تەھتىدىم دېسەم توغرىراق، مەن بىلەن تەك سۈرئەتتە يەۋاتاتتى، چۈنكى ئۇ سەل ئاستىلىپ قالسىلا تەخسىدىكى يېمەكلىك مېنىڭ ئاشقازىنىمغا جايلىشىپ بولاتتى~ ئىككىمىز تەيفېڭ بورىنىدەك سۈرئەتتە تەخسىمۇ- تەخسە ، قاچىمۇ-قاچا يېمەكلىكلەرنى قۇرۇقداپ قويدۇق. يەپ ئىچىپ بولۇپ ئەمدى ئارام ئېلىپ تۇرىشىمىز بىر ئوتتۇرا ياشلىق پۇزۇر ياسانغان ئايال مېڭىپ كەلدى. كۆپچىلىك ھەقىچان پەرەز قىلىپ بولدۇڭلار~ ئۆگەي ئاپا، شىياۋفەننىڭ ئۆگەي ئاپىسى ئىكەن. مېنى قانداق بىلدىڭ دەمسىلەر؟ چىرايىغا يېزىقلىق ئىكەن ئەمەسمۇ! ئايال تەلەتىدىن مۇز ياغدۇرغىنىچە شىياۋ فەننىڭ ئالدىغا كەلدى:
-ماشىناڭ قېنى؟ مەن ئىشلىتىمەن
شىياۋفەن گەپ قىلمىدى، ئايال ماڭا بۇرۇلۇپ :
- سەن كىم؟

توۋا ، مۇشۇنداقمۇ توغرا كەلگەن بارمۇ؟! يەپ-ئىچىپ ئېشىم ئارتىپ كېتىپ بىرەر ئىش تېپىپ قىلاي دەپ تۇرسام ما خوتۇننىڭ ئالدىمغا كەلگىنىنى قارىمامدىغان!
ئايال يەنە قاپىقىنى تۈرۈپ تۇرۇپ سورىدى:
- كىم بولىسەن؟
-ئالدىرىماي چىش كولىغۇچنى چىشلەپ تۇرۇپ ھاڭۋاقتى قىياپەت كىرىۋالدىم:
- مىشى مىشى؟
ئايالنىڭ چىرايلىرى كۆكىرىپ كەتتى:
-سەن كىم دەۋاتىمەن؟
- مەن پۇل ئالىدۇ، ئاۋۇ مەندىن 50 تۈمەن ئالىدۇ، تېخىچە بەرمەيدۇ، ئاناڭنى! مېنىڭ ئۆيدىكىلەر شۇ پۇلغا ياشايدۇ، ئۇ پۇل بەرمىسە مەن قانداق ياشايدۇ؟ ئۆيدىكىلەرگە نېمە دەيدۇ؟ ……

تىلىمنى يۆگەپ تۇرۇپ بىر مۇنچە سۆزلىدىم شىياۋفەننىڭ يۈزى بارغانسىرى قىزاردى، كۈلكىسىنى پەقەتلا تۇتالماي قولۇمدىن سۆرىگىنىچە سىرتقا ئېلىپ چىقىپ كەتتى، رېستۇراندىن ئۇچقاندەك چىقىپ، ماشىنىدا ساق 20مىنۇت كۈلدۇق.

شىياۋفەننىڭ ئېيتىشىچە شىياۋۋېي ئۆگەي ئاپىسىدىن بەك قورقىدىكەنتۇق، ئۇ خوتۇن مېنىڭ ئاپامنىڭ ئالدىدا ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىكەن، قارىغاندا مۇشۇنچىلىك خوتۇندىن قورققان شىياۋ ۋېينىڭ ھالىمۇ تايىنلىقكەن~

شۇنىڭدىن ئېتىبارەن شىياۋفەن پات-پات مېنى ئىزدەپ كېلىدىغان بولدى، ئىشتىن چۈشۈشۈمگە ئۈلگۈرۈپ كېلىپ مېنى ساقلاپ تۇراتتى، ئارقىدىن تاماق يېگىلى باراتتۇق، بەزى كۈنلىرى بىللە تاغقا يامىشاتتۇق. ئۇنىڭ شىياۋ ۋېينى تىلغا ئالىدىغان چاغلىرى بارغانسېرى ئازايدى، مەنغۇ ئەزەلدىن شىياۋ سانى تىلغا ئېلىپ قويمايتىم. شىركەتتە كۈندىن-كۈنگە خوشال يۈرىدىغان بولدۇم، مۇشۇنداق شاد-خورام ياشىشىمنىڭ ئاۋۇ ئىككىسىگە بولغان ئەڭ زور زەربە ئىكەنلىكى ماڭا ئايان ئىدى.بىراق بۇ مېنىڭ ئۇلارنى كەچۈرگەنلىكىمنى بىلدۈرمەيدۇ، مېنىڭ ئىچىم بەك تار، تا ئۆلگۈچە ئۇلارنى رەسۋالار دەپ تىللاپ تۇرۇشتىن يانمايمەن.

شىياۋ فەن يەنە تېلىفون قىلدى، دۇدۇقلاپ تۇرۇپ ئۆيىگە بېرىپ ئويناپ كېلىشكە قوشۇلىدىغان قوشۇلمايدىغانلىقىمنى سورىدى، مەنمۇ ئارتۇق ئويلىماستىن، ئىككىمىزلا بار دەپ بېرىپتىمەن، كىم بىلسۇن ئۆيىدە بىر قېرى كېلىشكەن، بىر چوڭ كېلىشكەن ۋە بىزنىڭ شىياۋ فەن-كىچىك كېلىشكەن كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ يولۇمغا قاراپ ، مېنى تەھلىل قىلىشىپ تۇرۇپتىكەن ئەمەسمۇ!

نەچچە ئېغىز سۆزلىشە سۆزلەشمەيلا خۇددى ئۆزۈمنىڭ تەشكىلاتىنى تاپقاندەك ھېسياتقا كەلدىم. يۇمۇرچى دادىسى، مۇزدەك يۇمۇر تۈسىنى ئالغان ئاكىسى ئۈچىمىز قوشۇلۇپ كۈلكىدىن ئۈچەينى ئۈزۈۋەتكۈدەك قورقۇنچلۇق كەيپىياتنى شەكىللەندۈرگەن ئىدۇق. ھا ھا ھا … ئاخىرى ماڭا زوقلىنىدىغان تەشكىلاتقا ئېرىشتىم! ئاپام مېنى ۋاتىلداق دەيتى، ئۇلار بولسا كىچىك مەلىكىمىز، پەرىشتىمىز دەپ ئاتاشتى~ تەسىرلەندىم.
قاتتىق تەسىرلەندىم.
تەسىرلەنگىنىمدىن پوتلاممۇ چىقىپ كېتىپتۇ~

قېنى سىلەر ئېيتىپ بېقىڭلار بۇ زادى نېمە ئىش؟
قەددى قامىتى كېلىشكەن بولسىغۇ مەيلى، يەنە كېلىپ پۇلى جىق، پۇلىغۇ مەيلى يەنە كېلىپ بەك كەمتەر، كەمتەرلىكىغۇ مەيلى دادىسى ناھايىتى يۇمۇرچى، ئۇغۇ مەيلى يەنە كېلىپ مېنى باشقۇرىدىغان ”قىيىن ئاپا“ يوق! ھا ھا ھا! ماڭا نەدىن كەلگەن ئامەت بۇ! ھا ھا ھا

كۈلدۈم، قاقاھلاپ غالىبانە كۈلدۈم. ھا ھا ھا….

پاراڭ بىلەن بولۇپ كېتىپ بىردەمدىلا چۈش بولۇپ قاپتۇ. ئەسلىدە شىياۋ فەننىڭ دادىسى بىلەن ئاكىسى كېلىپ مېنى مۇنداقلا كۆرۈپ بېقىپ قايتماقچى بولغانكەن، ئەمما ئويلىمىغان ئالامەت چىقىشىپ كەتتۇق~ چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولۇپ قاپتۇ، قانداق قىلىش كېرەك؟

بىلەمسىلەر؟ مېنىڭ لەقىمىمنى بىلەمسىلەر؟
ئاشخانا پەرىشتىسى! ماڭا بىر ئاشخانا بولسىلا ئاجايىب يېمەكلىكلەرنى پەيدا قىلالايمەن. ئەلۋەتتە، ئالدى بىلەن يالغاندىن نازلىنىپ “ ئوخشىماي قالسا رەنجىمىگەيسىلەر “ دەپ قويۇشنى ئۇنۇتمايمەن.

ئاشخانىغا كىرىپ توڭلاتقۇدا نېمە بولسا شۇنى ئالدىم. مېنىڭ قولۇمنىڭ ئۇچىدىلا ئېتىپ قويغان تاماقلىرىممۇ ئالامەت تەملىك جۇمۇ~ ھەتتا قېرىشقاق ئاپاممۇ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتكەن! شۇڭا مەن دەيمەن، ئايال كىشى چوقۇم تاماق ئېتىشنى بىلىشى كېرەك، تاماق ئەتمىسە مەيلى بىراق چوقۇم ئېتىشنى بىلىشى كېرەك، مانا مۇشۇنداق چاغلاردا ئەسقاتىدۇ، ھا ھا ھا.

كونىلار “ ئەر كىشىنى ئۆزەڭگە باغلىماقچى بولساڭ ئاۋال ئاشقازىنىنى ئەپلە “ دەپتىكەن، مانا بۈگۈن دادىسى بىلەن ئاكىسىنىڭ ئاشقازىنىنىمۇ قوشۇپ ئەپلىۋالدىم، ئۈستەل ئۈستىدىكى تاماقلارنى پاك-پاكىز سۈپۈرۋەتتى، ”ئۈچ قات سۇغۇرتا “ دە بۇ~~

يەپ ئىچىپ قېنىپ بولغاندىن كېيىن ئۆيگە قايتتىم، ئاپام قىزغىنلىق بىلەن ئالدىمغا يۈگۈرۈپ كەلدى:
- قانداق بولدى؟
- ھەممىسىنى تاماق بىلەنلا بىر تەرەپ قىلىۋەتتىم، ھا ھا ھا~
قورقۇنچلۇق كۈلكەم ئۆي ئىچىدە خېلىغىچە جاراڭلىدى.

مېنىڭ باھار پەسلىم يېتىپ كەلدى! يەنە كېلىپ ئادەتتىكى باھار ئەمەس، پۇلدار يىگىتى بولسا نىمانداق پەيزى ھە! ئولتۇرىدىغانغا BMW ، خەجلەيدىغانغا ئالتۇن كارتا، ئاشخانىغا كىرسەم تەييار تائام…. شىياۋۋېينىڭ مۇشۇنداق چوڭ خەزىنىدىن نېمە ئۈچۈن ۋاز كەچكىنىدىن بارغانسېرى ھەيرانلىق ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم، يېرىم كۈن ئويلىنىپ ئاخىرى ھەسەلنىمۇ كۈندە يېسە ئەمەن تېتىيدۇ ئەمەسمۇ دېگەن يەكۈننى چىقاردىم.

كۈنلىرىم ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتۈۋاتاتتى. بىر كۈنى ناھايىتى ئېسىل رېستۇراندا تاماق يەۋاتاتتۇق، تۇيۇقسىز بىرسى تىكىلىپ قاراۋاتقاندەك ھېس قىلىپ قالدىم. بېشىمنى بۇراپ ئەينەكتىن يولدىن ئۆتۈپ كېتىپ بېرىۋاتقان شىياۋ ۋېي بىلەن شىياۋ سا نى كۆردۈم. ئىككىيلەن خۇددى تىكىلىپ قاراپ بەدىنىمدىن تۆشۈك تېشىۋەتمەكچى بولىۋاتقاندەك قىلاتتى، بولۇپمۇ شىياۋۋېي خۇددى چوڭ خوتۇن كۈندىشىنى ئۇچراتقاندەكلا قاراۋاتاتتى. نېرۋىسى جايىدىمۇ يا بۇنىڭ؟! زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى، تاشلانغۇچى مەن جۇما! مۇھەببەت دېدىڭلار ھە دەپ بەردىم، ئازاپنى ئۆزۈمگە ئېلىپ قالدىم، تازا ئالىيجاناپلىق قىلغانلىق بولار بۇ، يەنە نېمىگە ئۇنداق قىلىشىسەن؟؟
قاچانلاردىن باشلاپكىن بىلمىدىم، شىياۋ سا مېنىڭ ئەتراپىمدا چۆرگىلەپلا يۈرىدىغان بولۇپ قالدى، شىياۋۋېي بىزنىڭ شىركەتكە مۇھەببىتىنى نامايان قىلغىلى كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى، دېدىمغۇ، ئوغرىلىغان نەرسە ھامان ئوغۇرلىغان نەرسە، ئۇزۇنغا بارمايدۇ، باشقىلارنىڭ بەختىگە ئولتۇرۇپ تۇرۇپ قانچىلىك بەختلىك بولغىلى بولاتتى؟

ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن شىياۋسا يەنە ئارقامدىن سوڭدىشىپ كەلدى، بىزار بولۇپ سورىدىم:
- نېمە ئىش؟
- تەلىپىمنى يولسىز ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، …
( يولسىزلىقىنى بىلگەندىكىن گەپ قىلماي يولۇڭغا ماڭمامسەن، نىمە قىلىسەن بۇ يەردە تىلىڭنى چايناپ؟)
- سىزگە يۈز كېلەلمەيمەن.
(قۇرۇق گەپ)
- مېنى كەچۈرەرسىزمۇ؟ شىياۋ ۋېي بىلەن ئايرىلىپ كەتتىم، مەن ئەمدى ھېس قىلدىم، ماڭا ھەممىدىن ماس كېلىدىغان ئادەم سىز ئىكەنسىز،
( ئاناڭنى، مېنىڭنى زاپاس چاق كۆرۈپ قالدىڭما؟)
ئۇ سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن ئىككىمىزنى مۈمكىن بولمايدىغانلىقىمىزنى ، ھازىر ئۇنى سۆيمەيدىغانلىقىمنى ئېيتتىم.

شىياۋ سا:
-مۈمكىن ئەمەس، مېنى قانچىلىك سۆيىدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن، ھازىر ماڭا ئاچچىقلاۋاتىسىز، ئېيتىڭە، قانداق قىلسام مېنى كەچۈرىسىز؟ ئېيتىڭە؟

توۋا، ئۆزىنى نېمە كۆرۈپ قالدى ماۋۇ ئاداش، نېمەڭگە سېنى يەنە سۆيىدىكەنمەن؟ مۇشۇ تۇرقۇڭدا مەن مۇھەببەتلىشىشكە چورت سالاھىيىتىڭ توشمايدۇ سېنىڭ!

-ئىككىمىزنى ئىشى ئەمدى مۈمكىن بولمايدۇ، مېنىڭ يىگىتىم بار
-بىلىمەن، شىياۋ ۋېينىڭ بۇرۇنقى يىگىتىنى دەۋاتىسىزغۇ، شىياۋ ۋېي ئۇنى ئىزدەپ كەتتى، ئۇلار ئۇزۇنغا قالمايلا يارىشىۋالارمىكىن، بىزمۇ بۇرۇنقىدەك ئۆتەيلى، بولامدۇ؟

پاھ، تەشكىللىك ھالدا مېنى ئەخمەق قىلىشىۋاتامدۇ نېمە ما گۇيلار، شىياۋ ساغا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ ئېيتتىم:
- ئەسلى ئىش مۇنداق ئىدى، مەن شىياۋفەنگە 1مىليون يۈەن قەرزدار، ئاپامغا بىر يۈرۈش ئۆي ئېلىپ بەرگەن ئىدىم، ئەگەر ئاشۇ 1 مىليوونى قايتۇرۇپ بېرەلىسڭىز ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتەي، بولامدۇ؟
- 1 مىليون؟!!!
-شۇنداق، 1 مىليون.
- مەن ئاپام بىلەن مەسلىھەتلىشىپ كۆرەي
- بولىدۇ، مەن كۈتەي – دېدىم كۈلكەمنى بېسىپ تۇرۇپ.

ئۆيگە قايتىپ كېلىشىم بىلەن شىياۋفەننىڭ ئاكىسى مەسلىھەتلىشىدىغان ئىش بار دەپ چاقىرتىپ تېلىفون قىلىپتۇ، دىڭگوسلىغىنىمچە يېتىپ باردىم، ئەسلىدە مەندەك مەتو بىلەن شىياۋ فەننىڭ چەتئەل ئاپىرىپ ئوينىتىپ كەلمەكچى بولغان ئىكەن، كىملىكىمنى ئەكىلىپ بېرىشىمنى، پاسپورت بېجىرىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. خوشاللىقىمدىن دەرھال ئاپامغا تېلىفون قىلىپ كىملىكىمنى تېپىپ قويۇشنى ئېيتتىم، ئاپام تېلىفونغا مەھكەم يېپىشىپ تۇرۇپ بىچارىلىك بىلەن:
-مەنمۇ بارايچۇ، مەنمۇ؟
ھى ھى ھى ~ خۇدايىم بۇيرۇسا كېلەر قېتىم ھە~~

دەل مۇشۇ چاغدا ئىشىك قوڭغۇرىقى جىرىڭلىدى. ئىشىكنى ئېچىپ قارىۋىدىم، تونۇمايدىغانلا بىر ئاپاش ئىكەن~
- ياخشىمۇسىز، كىمنى ئىزدەيسىز؟

بەكلا ئاددى كىيىۋالغىنىم چېغى، مېنى ئائىلە خىزمەتكارى دەپ ئويلاپ قالدى:
- ماڭ، خوجايىنىڭنى چاقىر، مەن شىياۋ ۋېينىڭ ئاپىسى، دېيىشىدىغان گەپ-سۆز بار.
ۋاي ئۆلمىگۈر قېرى، قىزىڭنىڭ قىلغان يۈزسىزلىكى ئاز كەلگەندەك ئۆزەڭ كەلدىڭمۇ ئەمدى؟ ئالدىراش قىياپەتتە جاۋاب بەردىم:
-خوجايىننىڭ سودىسىدىن چاتاق چىقىپ، ئالدىنقى كۈنى ساقچىلار تۇتۇپ كەتكەن ئىدى، تېخىچە قويۇپ بەرمىدى، كاپالەت پۇلى بەرمىسەڭلار قويۇپ بەرمەيمىز دېيىشىۋاتىدۇ

گېپىمنى ئاڭلاپ، ئايالنىڭ چىرايلىرى قارىداپ كەتتى:
- چوڭ چاتاق چىقىپتىمۇ؟
- ئادەمنىمۇ تۇتۇپ كەتكەن تۇرسا~ كونكرت ئەھۋالنى مەنمۇ بىلمەيدىكەنمەن~~

ئايال گەپلىرىمنى ئاڭلاپ ئارقىغا بۇرۇلۇپ ھەش-پەش دېگۈچە كۆزدىن يوقالدى~\

ھا ھا ھا، ماڭا تەڭ كەلمەكچى بولدۇڭما؟ تېخى كىچىكلىك قىلىسەن~ بېرىپ نەچچە ئىشتاننى ئارتۇق يىرتىپ كەل، ھى ھى ھى

شىياۋ سا جىم بولدى، بىراق شىياۋ ۋېي ھەرىكەتنى باشلىغان ئىدى. شىياۋ فەننىڭ ئۆيىگە باراتتى، شىركىتىگە باراتتى، تاماق توشۇيتى، پىچىنە – پىرەنىك ئاپىراتتى، ئىشتىن چۈشىشىنى ساقلاپ تۇراتتى. بۇنداق قىلىقلىرىدىن ئەرلەرلا ئەمەس ھەتتا مەنمۇ تەسىرلىنىپ قېلىۋاتاتتىم.
نېمىدىگەن يۈزسىز!
نىمانداق رەسۋا!
نىمانداق پەسكەش!

گەرچە بىر ئىشلارنى بەك چوڭقۇر ئويلاپ كەتمىسەممۇ، يەنىلا شىياۋ فەنگە يارلىق چۈشۈردۈم:
-ئۇ خوتۇن بىلەن يالغۇز كۆرۈشۈشكە بولمايدۇ! كۆرۈشكەندە چوقۇم مەن نەق مەيداندا بولۇشۇم كېرەك! مەن دېگەن ياۋايى ئادەم، ئاچچىقىم كېلىپ قالسا ئۇرۇپ تىللاشتىن سىرت يەنە ئادەم چىشلەپ مورلاشتىنمۇ يانمايمەن!

شىياۋفەن كۈلۈپ تۇرۇپ ماقۇل بولدى، بىراق شىياۋ ۋېي ئاسانلىقچە بولدى قىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. بىراق مەنمۇ بوزەك ئەمەس، ئالدىنقى قېتىم بوپتۇ دېدىم، بۇدا يەنە شۇنداق قىلىدىغان بولسا چېچىدىن تۇتۇپ تۇرۇپ تازا سالىمەن ئۇ رەسۋانى!

شىياۋ فەن تولىمۇ ساددا، كۆڭلىدە ئويلىغانلىرىنىڭ ھەممىسى چىرايىدا ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. شىياۋ فەن تەڭقىسلىقتا قېلىۋاتاتتى، ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى تىركىشىشلەرنى ھېس قىلدىم. ئۇنىڭ كۆڭلى بەك يۇمشاق، بۇ ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقى شۇنداقلا كەمچىلىكى. “ دېيىشكە تېگىشلىك بولغان گەپ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى دەپ بولدۇم“ دېدىم ئۆزۈمگە، “ قىز بالا دېگەن غورۇرلۇق بولۇشى كېرەك، ئەر كىشى دېگەن تېپىلماسنىڭ خورمىسىمىتى؟ قەسەم، قىلىمەن، ئەگەر مۇشۇ ئەر ماڭا يۈزسىزلىك قىلىپ، شىياۋ ۋېينى قايتا قوبۇل كۆرسە چوقۇم كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ، قىلچە ئۆكۈنمەستىن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىمەن. مەن دېگەن مەغرۇر قىز، گەرچە ئۇنى سۆيسەممۇ، غورۇرلۇق بولۇشۇم كېرەك. ۋاپاسىزلىق قىلىش، ئۈچىنچى شەخس، تالاغا قاراش دېگەن سۆزلەر مېنىڭ مۇھەببەت لۇغىتىمدە ئىككىنچى كۆرۈلمەسلىكى كېرەك!“

ئۇ كۈنلىرىم ئازاپ ئىچىدە ئۆتتى، بىراق شىياۋفەننىڭ ئالدىدا يەنىلا نورمال، ھېچ ئىش بولمىغاندەك شوخ، قىززىقچى، ئويۇنچى، قەيسەر قىياپەتتە تۇراتتىم.

كۈنلەر مانا مۇشۇنداق ئۆتمەكتە، شىياۋ ۋېي شىياۋ فەن ئىككىمىزنى چەتئەلگە چىقماقچى ئىكەنلىكىمىزنى ئاڭلاپ، ئۆزىنى تۇتالماستىن شىركەتكە باستۇرۇپ كېلىپ، مېنى 3″-شەخس، يۈزسىز،سەن بولمىغان بولساڭ شىياۋ فەن بىلەن چەتكە چىقىدىغىنى مەن ئىدىم“ دەپ تىللىدى، نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەيلا قالدىم، ھېلىمۇ ياخشى شىركەتتىكىلەر مېنىڭ قول سېلىشىمنى ساقلاپ تۇرماستىن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى. بىر قىزغا قارشى تۆت ئايال، يەنە قارىماققا جېدەلنى بېسىقتۇرىۋاتقاندەك قىلىپ ئاستىرتتىن كۈشكۈرتىۋاتقان ئىككى ھەدەشنىڭ ياردىمىدە ئويۇن تازا چىڭىغا چىقتى، قىززىغاندىمۇ تازا قىزىدى. بىراق كۆڭلۈم يەنىلا ئارامسىزلىنىپ تۇراتتى، خۇددى بىر ئىش يۈز بېرىدىغاندەكلا…..

ۋەقە راستلا يۈز بەردى……

شۇ كۈنى كەچقۇرۇنلىقى شىياۋ فەن ئىشى چىقىپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ كەلمىدى، مەن ئۆزۈم يالغۇز كوچا چىڭدىغىلى چىقتىم، ئايلىنىپ ھېرىپ قالغاندا بىرەر يەرگە كىرىپ قوساقنى ئەستەرلىۋېلىش كېرەكتە! ئىش مانا مۇشۇنداق توغرا كېلىپ قالدى.

مەن ئولتۇرغان ئورۇننىڭ ئارقىسىدىكى يېرىم ئوچۇق ئايرىمخانىدا ئىككىيلەن ئولتۇرغان ئىكەن. دېمىسەممۇ كىملە ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىپ بولدۇڭلار ھەقىچان~~ ئاچچىقىم غۇژژىدە تۇتتى، قېنىم بېشىمغىلا ئۆركەشلەپ، ھاۋادا لەيلەپ قالغاندەك بولۇپ قالدىم. چىشلىرىم ئاچچىقتىن غۇچۇلداپ كېتىپ باراتتى:“ بۇ ئىككى بۇزۇق مېنى نېمە كۆرۈپ قالدى؟ نېمىسىگە مېنى كۆزگە ئىلىشمايدۇ؟“ قولۇمدا ئىستاكاننى چىڭ سىقىپ تۇراتتىم، سەي تىزىملىغىلى كەلگەن كۈتكۈچى چىرايىمغا قاراپ قورقۇپ كەتتى، مىڭ تەسلىكتە ھىجىيىپ قويدۇم. بىر ئىستاكان سۇنى ئىچىۋېتىپ، چوڭقۇر نەپەس ئالدىم، غەزىپىمنى بېسىشقا ئۇرۇندۇم. شىياۋ نەن، زادى قانداق قىلساڭ بولار؟ ھېچنىمىنى بىلمىگەن بولۇپ يەنە داۋاملىق يۈرىۋېرەمسەن ياكى بار غەزىپىڭنى ئىككىسىدىن چىقىرىۋېلىپ سۆلىتىڭنى بۇزماي كېتەمسەن؟

ئىككى ئىستاكان سۇنى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن ئورنۇمدىن تۇردۇم.
ئاخىرى ئورنۇمدىن دەس تۇردۇم.
بېشىمنى بۇراپ ئارقامغا قارىدىم.
ئاناڭنى، 100 گىرادۇسلۇق ئاچچىقىم 200 گىرادۇسقا ئۆرلىدى! ھېلىقى شىياۋۋېي شىياۋفەننىڭ قۇچىقىغا كىرىۋېلىپ يىغلاۋاتاتتى، شىياۋفەن جىم ئولتۇراتتى، قارىماققا يىغلىشىۋاتقان ئاشىق-مەشۇقلاردەكلا!

قولۇمدىكى ئىستاكاننى يەرگە ئېتىپ، چوڭ قەدەم بىلەن ئۇلارغا قاراپ ماڭدىم.
ۋۇ بۇزۇقلار، ئۆلگۈڭ كېلىشتىمۇ؟ خەپ توختاپ تۇرۇش!

ئىككىيلەن ھەيران قېلىشتى، ھېلىقى رەسۋانىڭ كۆزلىرىدەك كۈلكە ئويناپ تۇراتتى.
نېمىگە ھىجارايسەن؟ شىكەر سالغان توخو پوقى يەۋالغانمىتىڭ بۇنداق خوشال بولىدىغانغا؟ شىياۋ فەنگە تىكىلىپ تۇرۇپ سورىدىم:
-بۇ نېمە ئىش؟ چۈشەندۈرۈپ باقامسەن؟
شىياۋ فەن ھودۇقۇپ قىزىرىپ كەتتى
- مەن، مەن……
سۆزى ئاخىرلاشماستىنلا شىياۋ ۋېي شىياۋ فەنگە مەھكەم چاپلىشىپ تۇرۇپ:
- بىز بىر-بىرىمىزنى سۆيەتتۇق~

ئاناڭنى، نىمە تۈگىمەيدىغان گەپ بۇ؟ يەنە مۇشۇ بىڭسىڭنى ئىشقا سالدىڭما؟ ئۆيۈڭگە بېرىپ ئاناڭنى سۆي!

شىياۋ فەنگە قارىدىم، ئۇ تېخىمۇ ئالاقزادە بولۇپ كەتتى، شىياۋ ۋېينىڭ قوللىرىدىن قۇتۇلالمايۋاتاتتى. قارىغانسېرى كۆزلىرىم ئېچىشتى، قارىغانسېرى ئاچچىقىم كەلدى. ئۈستەلدىكى بىر نىمە توخونى ئېلىپ شىياۋ ۋېينىڭ بېشىغىلا كەيدۈردۈم، قىپقىزىل قىزىلمۇچ، ساپسېرىق ياغلىرى، كۆپكۆك لازىلار، نېمىدىگەن چىرايلىق ھە؟! شىياۋ ۋېي قورققىنىدىم شىياۋ فەننى قويۇۋەتتى. شىياۋ فەن تىرىشىپ كۆز ئەينىكىنى ئادالىماقچى بولۇۋاتاتتى، ئاخىرى زۇۋانىغا كەلدى~
- شىياۋ نەن~ بۇ … بۇ ئۇقۇشماسلىق~ چۈشەندۈرۈشۈمگە قۇلاق سېلىڭ

ئەمدىلىكتە يەنە نېمىنى چۈشەندۈرىسەن؟ ئۈستەلدىكى قورۇمىلارنى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرىنى ئۇلارنىڭ چىرايىغا قارىتىپ ئاتتىم.

ئازاپلاندىم، قاتتىق ئازاپلاندىم. يىغلىدىم، بىر تەرەپتىن ئۇرغاچ، بىر تەرەپتىن يىغلىدىم. تاياق يەۋاتقانلاردىنمۇ ئۆتە يىغلىدىم.
ئەدەبلەنگەنلەردىن ئۆتە يىغلاپ كەتتىم، ۋاي نومۇسۇم،ۋاي نومۇسۇم!!!!~~~
شىياۋ فەننى يىغىشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، بۇرۇلۇپ شىياۋ ۋېيغا قارىدىم، چېچىدىن قاماللاپ تۇتقىنىمچە ئولتۇرغان يېرىدىن تارتىپ چىقاردىم. ۋۇ رەسۋا، كاچىتىڭغا سالمىسام يۇمشاقباش كۆرۈپ قالدىڭما مېنى؟ چاڭ-چۇڭ ئىككى تەستەك سالغاندىن،قورسىقىغا بىرنى تېپىپ، ئىككى پۈكلەپلا ئۈستەل ئاستىغان كىرگۈزۋەتتىم.
سىلاپ -سىپاپ كۆزەينىكىنى ئىزدەۋاتقان شىياۋ فەنگە قاراپ ئېيتتىم:
- ساڭا ئېيتىپ قوياي، قۇلىقىڭنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلا. نوچىكەنسەن، بۇندىن كېيىن ئىككىنچى كۆزۈمگە كۆرۈنگۈچى بولما، ئۇچراپلا قالساڭ مانا مۇشۇنداق ئەدىپىڭنى يەيسەن!

ئارقىدىن يەردىكى كۆزەينەكنى قەستەنگە دەسسەپ ئۆتۈپ پۇكەيگە باردىم:
- ھېسابات!
تىللىرى كالۋالاشقان خوجايىن:
- بو… بو… بولدى
نەچچە ۋاراق قىزىل قەغەزنى چىقىرىپ تاشلىدىم:
- قايتۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ
خوجايىن ئىچ ئاغرىتقىنىچە ماڭا قاراپ:
-قىزچاق، ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ

يىغلاپ تۇرۇپ ئاشخانىدىن چىققاندىن كېيىن بار ئاۋازىم بىلەن ۋارقىرىدىم:
- ئاناڭنى، نېمانداق تەتۈر پىشانىمەن؟ نېمىشقا يەنە تاشلىنىمەن!

ئاپامغا تېل قىلدىم:
-ئاپا، قىزىڭ يىگىتىدىن ئايرىلىپ كەتتى
- نېمىشقا؟
- ئۇ غەلىتە كېسەل بولۇپ قاپتۇ، قان بۇزۇلغان، ئاق قان دانچىسى ئۆرلەپ كەتكەن، تېزدىن قېرىيدىغان، نېرۋىسى ئازىدىغان، ئەڭ مۇھىمى بۇ كېسەل داۋاسىز بولۇپ، قارىماققا نورمال ئادەمدەكلا كۆرىنىدىكەن، ئەمما ئىچ-ئىچىدىن سېسىپ كېتىدىكەن…
- يەنە شۇ گەپمۇ؟
- ئاپا، پىشانەم نىمانچە تەتۈردۇ مېنىڭ؟
- تولا سۆزلىمەي تېز ئۆيگە قايتىپ كەل!

تاكسىغا ئولتۇرۇپ ئۆيگە بارغاندىن كېيىن ئازاپلانغىنىمدىن پەقەتلا ئېغىز ئاچمىدىم. ئاپام قورسىقىدىكى بارلىق ئەقلىيە سۆز ماقال تەمسىللەرنى ئېيتىپ ماڭا تەسەللى بېرىپ چىقتى:
يامغۇردىن كېيىن ھەسەن-ھۈسەن چىقىدۇ.
ئەر كىشىگە ئىشەنگىچە بوسۇغاڭغا ئىشەن،
يېڭىسى كەتمىگىچە كونىسى كەلمەس….ۋاھاكازالار.

ئاخىرى پەقەت چىدالماي ئاپامنىڭ قوينىغا ئۆزۈمنى ئېتىپ ئاۋازىمنى قويۇپ بېرىپ يىغلاشقا باشلىدىم. ئاپام باشلىرىمنى سىلاپ تۇرۇپ تەسەللى بەردى:
-يىغلىما قىزىم، ھەممە گۇنا مەندە، نېمىشقىمۇ مېنى تارتىپ مۇشۇنداق چىرايلىق تۇغۇلۇپ قالغانسەن؟!

يىغام گېلىمگە تۈرۈپ قالغىلى قىل قالدى. تۇيۇقسىز يىغىدىن توختىدىم:
-ئاپا، ئۇ ئىككى بۇزۇقنىڭ قاتتىق ئەدەپلىدىم؟
- ئېغىرمۇ؟
-خېلى ئېغىر. پاسكىنىنىڭ بېشىغا 3 تەخسە قورۇما ئېتىپ، تەستىكىگە ئىككىنى سېلىپ، قورسىقىغا بىرنى تەپتىم…

ئاپام تىترىگىنىچە قولىغا سۈپۈرگە ئېلىپ مېنى ساۋاشقا باشلىدى:
- ۋۇ ئۆلمىگۈر، مېنى بىر دەم ئارامىمدا قويساڭ بولمامدۇ؟ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويساڭ قانداق قىلىسەن؟ ئۆلمەي بىر ئۆمۈر مېيىپ بولۇپ قالسا دورا-داۋالاش پۇللىرىنى قانداق قىلىسەن؟

قالايمىقانچىلىقتا ئازاپلىنىشنى بىر يەرگە قايرىپ قويدۇم، ئالدى بىلەن پول سۈرتكۈچنى تېپىپ مۇداپىئەلىنىشىم كېرەك، بولمىسا سۈپۈرگە ئاستىدا جان بېرىشىم مۈمكىن. ۋاي دادا، ئايالىڭغا قارىغىنە، قىزىڭنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويىدىغان بولدى!
…………………

ھايات يەنە داۋاملىشىشى كېرەك، بىراق مەن بۇ قېتىم راستلا قاتتىق ئازار يېگەن ئىدىم. قېنى ئېيتىپ بېقىڭلار، ئۇنداق ئېسىل ئەرنى ئەمدى نەدىنمۇ تاپارمەن؟چىراي دېسە چىرايى بار، پۇل دېسە پۇلى بار، ئەدەپ قائىدىلىك، يەنە تېخى باشقۇرىدىغان “ قىيىن ئاپا“ يوق! ئېسىللارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئېسىل سورتلۇق ئەردە بۇ! ئىشقا بارغۇم كەلمەي ئايال باشلىققا تېل قىلىپ رۇخسەت سورىدىم.
- نېمە ئىش بولدى؟
- يەنە تاشلاندىم…

تۇرۇپكىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى كۈلكىنى ھېس قىلالايمەن. ۋۇ ئۆلمىگۈر خوتۇن، كۈلىۋال، تازا كۈلىۋال! باشلىق يالغاندىن نەچچە ئېغىز تەسەللى بېرىپ قويۇپ تېلىفوننى قويدى.

ئاپام ئۆيگە ئۇچقاندەك كىرىپ قولۇمغا بىر بوپىنى تۇتقۇزۇپ:
-جېنىم قىزىم، كىم سېنى پۇلىمۇ بار ھوقوقىمۇ بار ئادەمنى ئۇرسۇن دەپتىكەن. ئەڭ ياخشىسى سەھرادىكى موماڭنىڭ يېنىغا بېرىپ نەچچە كۈن پانالانغىن، تېز بول، تېز!

ئاپام مۈرىلىرىمدىن ئىتتىرىپ ئۆيدىن چىقىرۋەتتى.

يېزىدىكى مومامنىڭ ئۆيىگە بارامتىم؟ توخۇ كاكىلىمايدىغان، كەپتەر ماياقلىمايدىغان يەر تۇرسا ، بارسام زېرىكىپ ئۆلۈپ قالمامتىم.

باغچىدىكى تاش ئورۇندۇقتا سوزۇلۇپ يېتىپ، نەگە بېرىشنى ئويلاشتىم. بارىدىغان يەر تاپالماي، ئاخىرى پويىز ئىستانسىغا بېرىپ ئۇچرىغان بىر پويىزغا يامىشىپ چىقىۋالدىم. پويىزغا چىقىپ بولغاندىلا ئاندىن بۇ پويىزنىڭ رىۋايەتلەردىكى ناھايىتى قورقۇنچلىق **** شەھىرىگە بارىدىغانلىقىنى بىلدىم. ئاناڭنى، ئۆلۈمدىنمۇ قورقمايۋاتسام، بىر شەھەردىن قورقۇپ ئىشمۇ ماڭا!

يا ئۆلۈم يا كۆرۈم دەپ سەپىرىمنى داۋام ئەتتىم. پويىز بېكەتكە كېلىپ توختىغاندا پويىزدىن چۈشتۈم. يائاللا، بۇ شەھەردىكىلەر نېمىشقا ھەممىسىلا ماڭا تىكىلىپ قارايدىغاندۇ؟ ھۆسىن جامالىمغا مەپتۇن بولۇپ باشقىچە غەرەزدە بولۇۋاتمايدىغاندۇ ھە! گۇدۇڭشىغىنىمچە ماڭدىم.
- ئاپا، ئاپا ئاۋۇ ئادەم ساراڭ ئوخشىمامدۇ؟

دېدى بىر كىچىك بالا مېنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ. ۋۇ شۇمتەك، ئاپاڭ يوق يەردە ئەدىبىڭنى بەرمىسەم سېنىڭ! سومكامنى مۈرەمگە ئارتىپ مېڭىشىمنى داۋاملاشتۇردۇم. ئادەملەر يەنە ماڭا تىكىلىپ قارىشىۋاتاتتى. ۋاراڭ چۇرۇڭ قىلىشىۋاتقان ئادەملەر توپىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ، قېچىپ چىقتىم.

ۋاي خۇدا! بۇ نېمە كارامەت ئەمدى؟!

مەيداندىكى سېتىلىۋاتقان گېزىتلەرنىڭ ھەممىسىدە گېزىت بېتىنى بىر ئالغان يوغان سۈرىتىم تۇراتتى. يەنە كېلىپ ئەڭ ناچار سۈرىتىم، گۈزەل جامالىم قىلچىمۇ ياخشى گەۋدىلەنمىگەن! داۋامىغا كۆز يۈگۈرتتىم:

ئۇچۇرىنى بەرگۈچىلەرگە 5 تۈمەن يۈەن سۆيۈنچە بېرىلىدۇ!!!!!

ئىش چاتاق! قارىغاندا ئۇلارنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان ئوخشىمامتىم!

ئارتۇق ئويلاشقا ئۈلگۈرمەي، ئادەم ئاز يەرگە قاراپ يۈگۈردۈم. قارا كۆزەينەك شەپكىلەر بىلەن تولۇق قوراللانغاندىن كېيىن ئاستا چىقىپ ئاپامغا تېل قىلدىم:
- ئاپا، بۇ مەن
- ۋاي بالام، نەگە كەتتىڭ؟ موماڭنىڭ ئۆيىگە بارسام يوقكەنسەن؟!
- ئاپا، ئىشلار قانداق بولۇپ كەتتى؟ كىم ئۆلۈپتۇ؟

ئاپام:
- ھېچكىم ئۆلمىدى
-ئۇنداقتا نېمىشقا گېزىتكە مېنى تۇتۇپ بەرگەنلەرگە 5 تۈمەن مۇكاپات بېرىمىز دەپ ئېلان بېرىلدى؟
- ئۇ دېگەن ئادەم ئىزدەش ئېلانى، سېنى تېپىپ بەرگەنلەرگە رەھمەت ئېيتىپ بېرىلىدىغان سۆيۈنچە ئۇ! بولدى، بولدى، قۇرۇق گەپنى ئاز قىل. سەن ھازىر نەدە؟ نەۋرە ئاكاڭ ئالغىلى بارسۇن. نەۋرە ئاكاڭ بارغۇچە ئوبدان مۆكۈنۈپ تۇرغىن جۇمۇ! تاساددىپى بايقىلىپ قالساڭ دۆت بولۇۋالامسەن، ساراڭ بولۇۋالامسەن، ئىشقىلىپ بىر ئامالىنى قىلغىن، بۇ يەرگە نەۋرە ئاكاڭ ئەكەلسۇن، سۆيۈنچىنى تەڭ بۆلۈشىمىز، ھى ھى ھى…
- ۋاي ئاپا، سەن مېنىڭ تۇغقان ئاناممۇ يا؟؟؟؟؟؟

مانا شۇنداق قىلىپ كىچىك مېھمانخانىدا نەۋرە ئاكام كەلگۈچە ئىككى كۈن يوشۇرۇنۇپ ياتتىم. ئەسلىدە شىياۋ فەن مەن كەتكەن كۈننىڭ ئەتىسىلا ئاپامنى ئىزدەپ كېلىپ، بولغان ئىشلارنى چۈشەندۈرگەن، ئۆزىنى پەقەت مېنىلا سۆيىدىغانلىقىنى، مەندىن يېگەن تاياقلىرىنى قىلچە كۆڭلىگە ئالمايدىغانلىقىنى، پەقەت مەن ئۆيگە قايتىپ كەلسەملا رازى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ يالۋۇرغان ئىكەن. ئاپام كېرىلگىنىچە شىياۋفەننى باشلاپ مومامنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قارىسا مەن يوق ئىكەنمەن، شۇڭا قاتتىق ئەنسىرەپ دەرھال ئادەم ئىزدەش ئېلانى چىقارغان ئىكەن.

دېمەك شىياۋ فەنمۇ مېنىڭ قايتىپ كېلىشىمنى چىن كۆڭلىدىن ئۈمىس قىلىدىكەن، مەنمۇ ئۇنداق ئەلا سورتلۇق يىگىتنى قولدىن چىقىرىپ قويۇشنى خالىمايمەن دە! يەنە كېلىپ ئۇنىڭ پۇلى جىق، قۇلىقى يۇمشاق، مىجەزى ياخشى، ئەھۋالنىمۇ ئوچۇق قىلىپ چۈشەندۈرەلىدى، شۇڭا مەنمۇ ئارتۇقچە تارتىشىپ ئولتۇرماستىن ئۆيگە قايتتىم. ئەتىسى كەلگۈسى قىيناتام بىلەن قېينىكام ئۆيگە كېلىپ مەن بىلەن پاراڭلاشتى، ھەممىسىنىڭ گېپى ئوخشاش: شىياۋ فەن ياخشى بالا، يۇۋاش، يۇمشاق، كۆڭلىنىڭ زىيادە يۇمشاقلىقىدىن باشقا كەمچىلىكى يوق، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى خەقنىڭ ھىيلىسى… بۇيەردىكى خەق ئەلۋەتتە شىياۋ ۋېيدە، گەپ قىلمىسام گاچا كۆرۈپ قالغان چېغى، ئاستىرتىن بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ قويدۇم.

كۈتكەن پۇرسىتىم ئۇزۇنغا قالماي يېتىپ كەلدى. شىياۋ فەن ئۆيىدىكىلەرنىڭ بىر يىغىلىش ئۆتكۈزمەكچى ئىكەنلىكىنى، مېنى ئاپىرىپ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-يارەنلىرىگە تونۇشتۇرماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. مەنغۇ ئانچە بەك ھودۇقۇپ كەتمىدىم، بىراق شىياۋفەن دۇدۇقلاپ تۇرۇپ كېلىدىغانلارنىڭ ئارىسىدا بەزىبىرلىرىنىڭ بولمىغۇر گەپلەرنى قىلىپ قويىشىنىڭ مۈمكىنلىكىنى، يەنە شىياۋ ۋېينىڭ دادىسى دادىسى بىلەن يېقىن دوست بولغانلىقتىن ئۇلارنىڭمۇ بىر ئۆيلۈك كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرۇپ قالدىم…
ھا ھا ھا، مۇشۇنداقمۇ ئوبدان ئىش بولامدۇ؟! مېنىڭ زارىقىپ كۈتكىنىم دەل مۇشۇنداق بىر كۈن ئەمەسمۇ، ھا ھا ھا!!!!!

ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ئاپامغا ئىشلارنى بىرەر قۇر سۆزلەپ بەردىم. ئاپام پەقەتلا قىيمىغان ھالەتتە بىر تۇتام پۇلنى چىقىرىپ سورىدى:
-يېتەمدۇ؟
-بىر مايكا كېلەرمىكىن….
ئاپام چىشلىرىنى چىشلەپ تۇرۇپ يەنە بىر تۇتام پۇلنى سۇغۇردى
- يەنە بىر جۈپ ئاياق كام قالغۇدەك…
ئاپام تىترەپ تۇرۇپ يەنە بىر تۇتام پۇل چىقاردى
مەن ئەدەب بىلەن بىر ۋارىقىنى قويۇپ قويۇپ قالغىنى ئالدىم:
-مۇشۇلار يېتىدۇ.
ئارقىدىن ئاپام ئېسىنى بىلگۈچە چاقماق تېزلىكتە نەق مەيداندىن ئايرىلدىم.

پۇل، پۇل، پۇل!!!!!! مېنىڭ ئامرىقىم پۇل!!!

ئاپام بەرگەن پۇلنىڭ يېرىمىنىڭ، يېرىمىنىڭ يېرىمىگە بىر كۆڭلەك ئالدىم. ئۆزەم چىرايلىق بولغاچقا نېمىلا كىيسەم يارىشىدۇ، ھى ھى ھى. ئەينەككە بىر ھازاغىچە تىكىلىپ قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، يېنىمدىكى مال ساتقۇچى قىزغا قاراپ ئېيتتىم:
-بۇ قىز نېمىدىگەن ئۇز ھە~~

مال ساتقۇچى قىز ياندۇرۋېتىشتىن ئاۋال ، تېز سۈرئەتتە پۇل تۆلەپ تىكىۋەتتىم.

شىياۋ فەن مېنى ئالغىلى كەلدى. بۇ بالا يولبويى ئېغىز ئېچىشقا تەمشىلىپ يا گەپ قىلالماي غەمكىن ماڭدى. ئاخىرى چىداپ بولالماي سورىدىم:
-نىمە بولدى؟ ئىش بولسا ئوچۇق دەڭ
-شىياۋ نەن، بىز بارمايلى بولامدۇ؟ سىز بىلمەيسىز، ئۆگەي ئاپامنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمۇ بارىدۇ، ئۇلار تازا ساپالىق ئەمەس، ئېغىزى يامان، سىزدىن ئەنسىرەپ قېلىۋاتىمەن.

ساپاسىز ، ئېغىزى يامان؟ مېنىڭ ئاپامدىنمۇ ئۆتە سېسىق گەپ قىلىدىغانلار بارمىكەن؟ ئاپامدىنمۇ قورقمىغان يەردە يەنە قورققىدەك نىمە قالدى بۇ جاھاندا؟ دەپ ئويلىدىم كۆڭلىمدە:
- ھېچقىسى يوق، سىز ئۈچۈن ھەممىگە چىدايمەن ( قىلغان گېپىم ئۆزۈمنىڭمۇ كۆڭلىنى ئېلىشتۈرۋەتتى)

رېستۇرانغا يېتىپ كەلدۇق. پاھ، نېمىدىگەن ھەشەمەتلىك! پۇل بولسا نىمانداق ياخشى، پۇل بولسا نىمىدىگەن ياخشى!!!!!!

خۇددى دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل مەلىكىلەردەك نازلىنىپ تۇرۇپ، شاھزادەمنىڭ يۆلىشى ئاستىدا ماشىنىدىن چۈشۈپ ماڭدىم. رېستۇراننىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلگەندە:
- خانقىز، سىز…….
بىرەيلەننىڭ دەككە-دۈككىدە قىلغان گېپى ئاڭلاندى. خۇمالاشتۇرۋالغان كۆزلىرىمنى يوغان ئاچتىم:
- ھە؟
كۈتكۈچى قىزنىڭ ئىشارىسى بىلەن بۇرۇلۇپ قارىدىم. ھوشۇمدىن كەتكىلى قىل قالدىم. ئېسىۋالغان سومكامغا بىر تۆمۈر بولقا ئېسىقلىق تۇراتتى. ھاپىلا-شاپىلا سومكامغا جايلاشتۇرىۋەتتىم. شىياۋفەن ئاغزى بىلەن كۆزىنى چەكچەيتكىنىچە ماڭا قاراپ قېتىپ تۇراتتى.

سەت بولدى، بەك سەت بولدى ھە، بۇ دېگەن بۇلاڭچىدىن ساقلىنىش قورالى ئىدى، ھى ھى ھى
شىياۋ فەن ماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ:
-شىياۋ نەن، مېنى ئۆزىڭىزگە بەكلا مەپتۇن قىلىۋالدىڭىز جۇمۇ~ سىزنى بەك چوڭقۇر سۆيۈپ قېلىۋاتىمەن~~

نىمانداق ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىشلار بۇ. بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىڭدا ئۇ ھەتتا بولقا كۆتۈرۈپ يۈرسىمۇ كۆزۈڭگە گۈزەل كۆرۈنىۋېرىدۇ، سۆيمەس بولۇپ قالغىنىڭدا ھەرقانچە تىرىشسىمۇ كۆزۈڭگە سىغمايدۇ~~ كۈلۈمسىرىدىم، داۋاملىق كۈلۈمسىرىدىم. سېنى ئۆزۈمگە مەپتۇن قىلىۋالالمىسام ئۇدۇل بېرىپ تامغا ئۈسسىمەن تازا، ھا ھا ھا~~

بىر-بىرىمىزگە مۇھەببەتلىك بېقىشىپ تۇرغىنىمىزدا بىرسىنىڭ زەھەرخەندىلىك بىلەن قاراۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ قالدىم

بۇرۇلۇپ بىزگە يېقىنلا يەردە تۇرغان شىياۋۋېينى، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىر نەچچە كاللىسى يوق، شىياۋ ۋېيغا بولۇشۇپ مەندىن ئۆچىنى ئېلىپ بېرىشكە ئارانلا تۇرىۋاتقان ئەخمەق قىزلارنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭمۇ نېرىسىدا ھېلىقى ماشىنا سورىغان ئۆگەي ئاپا بىر قانچە كىيىنىشلىرى سورۇنغا پەقەتلا ماس كەلمىگەن ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللارنى كۆردۈم. ئۇلار ھەممىسى بىرلىشىپ ماڭا قارشى چىقسىمۇ ھېچيېرىمگە كېلىپ قالمايدۇ، بۇ زالدا ماڭا تەڭ كېلەلىگۈدەك ھازازۇل يوقكەن، ھا ھا ھا~~ مەغرۇر ھالدا كۈلدۈم، كۈلگەندىمۇ قاھقاھلاپ تازا كۈلدۈم، كۈلكىدىن ئېڭىكىم چۈشۈپ كەتكىلى قىل قالدى. شىياۋ فەن بولسا قولۇمنى چىڭ سىقىمداپ تۇراتتى:
- قورقماڭ، مەن بار، سىزنى چوقۇم قوغدايمەن!

يەنە كۈلدۈم، مەن دېگەن قوي پادىسىغا كىرىۋالغان بۆرە تۇرسام، قورققىدەك نېمە بار ؟ ھا ھا ھا~~~

شىياۋ فەننىڭ دادىسى بىلەن ئاكىسى يەنىلا شۇنداق كېلىشكەن، بېرىپ ئۇلار بىلەن سالاملاشتۇق. ئۇلارنىڭ ماڭا قىلغان قىزغىن مۇئامىلىسى باشقىلارغا “ بىزنىڭ كىچىك كېلىن مۇشۇ شۇ“ دەۋاتقاندەكلا قىلاتتى. شۇڭا دەسلىپىدە ماڭا ئانچە ئېرەنشىپ كەتمىگەن دوست تۇغقانلار باشقىچە قىزغىنلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا باشلىدى. مەنمۇ ئېسىلزادە خانقىزلاردەك ئەدەپلىك ھالىتىمنى بۇزماي تۇردۇم. تېخى ئىككى سائەت ئاۋال مېنىڭ كۆكتات بازىرىدا باغلىمى 5 موچەنلىك كەرەپشە ئۈچۈن مومايلار بىلەن تىللىشىپ چاچلىشىپ كەتكىلى تاس قالغانلىقىمنى كىممۇ پەرەز قىلالىسۇن؟! ھى ھى ھى…

شىياۋ ۋېي بىلەن ھېلىقى بىر قانچە شايكىلىرى مەندىن كۆز ئۈزمەي خۇددى كۆز نۇرلىرى ئارقىلىق مېنى بومباردىمان قىلماقچى بولۇۋاتقاندەك قىلاتتى. ۋاي بىچارىلەر، پارتلىۋېلىشىڭلارغا پۇرسەت يارىتىپ بېرەي بوپتۇ~ ئىسسىپ كەتكەن بولۇپ بالكونغا چىقتىم. تۆت قىز ئارقامدىن سوڭدىشىپلا كەلدى
- يۈزسىز، ئۇياتسىز!
-خەقنىڭ يىگىتىنى تارتىۋالغان يۈزسىز!
-شىياۋ فەننى شىياۋ ۋېيگە قايتۇرۇپ بەر بولمىسا ئەدىبىڭنى يەيسەن!
-پەس رەسۋا، خىجىل بولماي شىياۋ فەنگە ئەگىشىپ كەلگىنىنى….

بۇ بەكلا كىچىك بالىلار ئويۇنىدەك بولۇپ قالدىمۇ نېمە؟! مۇشۇنچىلىك ھالىڭلارغا تېخى باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارىلاشماقچى بولۇشتۇڭلارما؟ ئۇلارنىڭ قىزارغان چىرايىغا ئىچ ئاغرىتقىنىمچە قارىدىم. ئۇلارغا ئازراق دەرس ئۆتۈپ ھازازۇل دېگەننىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويسام بولغۇدەك جۇمۇ~ ئاستا ئىچكىرىگە قارىدىم، بىزگە ھېچكىم دىققەت قىلمىغان ئىدى، ياڭراتقۇنىڭ ئاۋازىمۇ چىڭ ئىدى.

قولۇمدىكى رومكىنى يەرگەسول قولۇمنى بېلىمگە تىرەپ، ئوڭ قولۇمنى سانجىپ، سول پۇتۇمنى بالكوننىڭ رىشاتكىسىغا ئېلىپ چوڭقۇر بىر نەپەس ئالغاندىن كېيىن ئاغزىمنى قويۇۋەتتىم
*&^%&%^$$%#^%&$%#

ساق 5 مىنۇت دەم ئالماستىن تىللاپتىكەنمەن، تۆتىسى چەكچەيگىنىچە ماڭا قاراپ تۇرۇپلا قاپتۇ~ كۆزلىرىمنى ئۇلارغا تىكىپ تۇرۇپ سومكامدىن ھېلىقى بولقىنى چىقاردىم:
- يەنە قايسىڭنىڭ پىكرى بار؟

تۆتىسى پەرتتىدە قىلىپ تىكىۋېتىشتى، ھېلىقى شىياۋ ۋېي يەنە تېخى ھەممىدىن بۇرۇن قاچتى. بولقىنى سومكامغا سېلىپ، چاچلىرىمنى تۈزەشتۈرىۋالغاندىن كېيىن زال ئىچىگە كىردىم
شىياۋ فەن ئەنسىزلىكتە مېنى ئىزدەۋاتقان ئىكەن، كۆرۈپ يېنىمغا يۈگۈرگەندەك كەلدى:
-نىمە بولدى؟ بىرەر ئىش چىقمىغاندۇ؟
- ھېچنىمە بولمىدى، بايا ئىسسىپ كېتىپ، بالكونغا ھاۋالانغىلى چىققانتىم.
-قارىسام شىياۋ ۋېيلەرمۇ كۆرۈنمەيدۇ، سىزنى بوزەك قىلمىغاندۇ ھە؟
-ياقەي، ئۇلارنى كۆرگىدەك بولمىدىم.
ئەتراپقا كۆز يۈگۈرتتىم، ھېلىقى قىزلار بىربۇلۇڭدا زوڭزىيىپ ئولتۇرىشاتتى، شۇنداق بىر تىكىلىپ قارىۋىدىم، بىردەمدىلا كۆزدىن يوقالدى. مەغرۇر ھالدا قولۇمدىكى ئىچىملىكتىن بىر ئوتلام ئوتلاپ، كېلەر قېتىم شىياۋۋېينىڭ ئەدىبىنى قانداق بېرىشنىڭ پىلانىنى تۈزۈشكە باشلىدىم.

- ھازىر يۈزسىز قىزلار نېمىدىگەن كۆپ ھە؟ پۇلپەرەس قىزلار تېخىمۇ كۆپكەن~
- شۇ ئەمەسمۇ، چوقۇم پۇلىنى كۆزلىگەن گەپ، ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى كىم بىلمەيدۇ!
- قانداق ئاتا-ئانىلار مۇشۇنداق يۈزسىز قىزنى تاپقان بولغىيتى؟!
- كوچىغا چىقىپ كەتكەنلەردىن نېمە پەرقى….

ئاناڭنى، قايسى خوتۇنلار قاپيۈرەكلىك قىلىپ، خەلقى ئالەمنىڭ كۆزىچىلا شىياۋفەننىڭ ئۆگەي ئاپىسىنى تىللاۋاتقاندۇ؟ ئىنچىلىك بىلەن قارىۋىدىم، ھېلىقى سورۇننىڭ سۈپىتىنى چۈشۈرگەن بىر قانچە تۆۋەن دەرىجىلىك ھازازۇل خوتۇنلار ئىكەن ئەمەسمۇ~ بىر تەرەپتىن ماڭا زەھەرخەندىلىك بىلەن تىكىلىپ قارىغاچ، بىر تەرەپتىن تىللاۋاتاتتى، مېنى دەۋەتقانلىقىنى بىلەلمەي قالمىسۇن دەپ يېنىمغا كېلىپ بۇرنۇمغا نوقىمىغان يېرىلا قالدى. ئىچىملىكتىن يەنە بىرنى ئوتلىدىم، ۋاي قېرى جادىلار، كۆرۈدىغان كۈنۈڭلار بار جۇمۇ سىلەرنىڭ~

شىياۋ فەننى تارتىپ ئەكىلىپ بىر-بىرلەپ تونۇشۇپ چىقتىم. ئۆگەي ئاپىنىڭ ئاپىسى، ھاممىسى، نەۋرە ھاممىسى. ھىم، نەۋرە ھاممىسى بولۇپ قويىدىكەن، بەك يېقىن تۇققانمۇ ئەمەس، ئۇرۇۋالساممۇ سورىقى تازا بولۇپ كەتمەيدۇ، ھى ھى ھى…

ئالدىرىماي ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ يۈردۈم، جادىلار مېنىڭ كارىم بولمىغانلىقىنى كۆرۈپ بارغانچە ئەزۋەيلەشكە باشلىدى، قىلغان گەپلىرى بىر-بىرىدىن سېسىق ئىدى. ئەتراپتا ئادەم يوقلىقىنى كۆرۈپ، ھېلىقى نەۋرە ھامماچىنىڭ تەستىكىگە چاڭ-چۇڭ ئىككىنى سالدىم. ھازازۇللار نېمىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي مەڭدەپ تۇرۇپلا قېلىشتى. مەن سۈپىتىمنى بۇزماي مەغرۇر ھالدا ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ سورىدىم:
- دادامنىڭ نىمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
بايا نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالغان نەۋرە ھامماچا ئېسىنى يىغىپ، قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتمەكچى بولغىنىدا قويغان سۇئالىمنى ئاڭلاپ تۇرۇپ قالدى. نېمىلا دېمىگەن بىلەن بۇنداق سورۇنغا داخىل بولالىغانلار ئۇنداق- بۇنداق ئادەملەردىن ئەمەستە~

قالغان خوتۇنلارمۇ زۇۋانلىرىنى يىغىشىپ ئاغزىمغا دىققەت قىلىشتى، شىياۋ فەنمۇ ئاكىسى بىلەن بىللە مېڭىپ كەلدى. ئۇلارغا قاراپ سالماقلىق بىلەن ئېيتتىم:
- مېنىڭ دادام سەي ساتقۇچى~

نەۋرە ھامماچا غەزەپتىن پارتلىدى:
- ۋۇ يۈزسىز بۇزۇق، مېنى ئۇرغىدەك بولدۇڭما؟ *&^%%^&$#
يەرنى تېپىپ تۇرۇپ تىللاپ ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى تارتتى. كۆپچىلىك ئەتراپىمىزغا ئولاشتى. مەن قاتتىق ئاۋازدا:
- ئۇنداق ھاياسىز گەپ قىلماڭ، سەت تۇرىدۇ ،-دېگەچ، ئادەملار ئارىسىدىن پۇتۇمنى ئۇزىتىپ نەچچىنى تېپىۋالدىم. ئارقىدىن قېشىمنى ئېتىپ پەشۋا ئاتقۇچىنىڭ ئۆزۈم ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭغا بىلدۈرۈپ قويدۇم.

ھامماچا تېخىمۇ كۈچەشكە باشلىدى، مەن جىم تۇرۇۋالغاندەك قىلىپ ئاستىرتتىن ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ مەسخىرە قىلىشقا باشلىدىم. بىر توپ ئادەملەر جېدەل بېسىقتۇرغىلى كەلدى. شىياۋفەننىڭ دادىسىمۇ كېلىپ سۈرلۈك ھالدا:
- بولدى، بەس! – دەپ ۋارقىرىدى.

ھامماچا ئاخىرى تىنچلاندى.

ئۆگةي ئاپا نةۋرة ھامماچصنص تارتقۇشلاپ ياندصكص ئۆيگة ئةكصرصپ كةتتص.

ئصشصكتصن بصرص كصرصپ كةلدص، ۋوي، شصياۋ ۋېينصڭ ئاپصسصغۇ بۇ~~ دةرھال شصياۋ فةننص يېنصمغا تارتصپ سورصدصم:

-شصياۋ ۋېينصڭ ئاپصسص ئاۋۇ نةۋرة ھامماچصنص تونۇمدۇ؟

-ياق، ئۇلار كۆرۈشۈپ باقمصغان.

ھص، ھص،ھص. گۈلقةھقةلصرصم ئېچصلصپ، چصرايصمغا كۈلكصلةر سةلدةك بېسصپ كةلدص. يۈگۈرگصنصمچة بېرصپ سالام بةردصم:

-ھةدة، ياخشصمۇسصز~~

ئايال مېنص كۆرۈپلا كةيپص ئۇچتص:

- سةن… ئۆتكةندة شصياۋ فةننص ساقچصلار تۇتۇپ كةتتص دةپ مېنص ئالداپ…

-ئالدصرماڭ ھةدة، ئصشنصڭ چوڭص بۇ ئةمةس. بايا شصياۋ فةن قصز دوستصنص ئةكةپتصكةن، شصياۋ ۋېي ئاچچصقصغا پايلصماي تصللاپ ساپتۇ. ئۇلار تصللاشسصغۇ مةيلصتص، شصياۋفةننصڭ ئۆگةي ئاپصسصنصڭ ھامماچا، نةۋرة ھامماچصلصرص بولۇشۇپ شصياۋ ۋېينصڭ يۈزصدصن يۈزصگة بۇزۇق، رةسۋاغا سېلصپ تازا تصللصدص قاراڭ…

ئاياللارنصڭ چصرايص ئاۋال قصزصرصپ ئاندصن قارصداشقا باشلصدص. خوشاللصقصمدصن ئاغزصم قۇلصقصمغا يةتتص، ھا ھا ھا. ھةدة ئۇلار ئاۋۇ ياندصكص ئۆيگة كصرصۋالدص. ئۆزۈم ئالدصدا يۈگۈرۈپ باردصم:

-ئاپام كةلدص، گېپصڭ بولسا قصلصشة~

شصياۋ ۋېينصڭ ئاپصسص ئۆيگة ئېتصلصپ كصردص. نةۋرة ھامماچصمۇ ئالدصغا مةيدة كېرصپ چصقتص:

-ۋاي يۈزسصز، قصزصڭنص قانداق تةربصيلصدصڭ؟ كوچصغا چصقصپ كةتكةن قصزلاردةكلا~ پۇل دةپ نېرۋېسصدصن ئازغان بصر نصمصكةن~

بۇ گةپلةر شصياۋ ۋېينصڭ ئاپصسصنصڭ كونا دةرتلصرصنص قوزغاپ قويدص:

- جاۋۇلداق قېرص، نېمة دېگصنصڭ بۇ؟ ئۆزةڭنص نصمة چاغلاپ قالدصڭ؟ نېمةڭگة چوڭچصلصق قصلصسةن؟ سېنصڭ تۇغقصنصڭمۇ ئۆزصنص بازارغا سېلصپ مۇشۇ يةرگة كېلصۋالغان بولغصيتص؟!

ئۆگةي ئاپا، سصزنص تصللاۋاتصدۇ. نةۋرة ھامماچا ئاچچصقصغا پةقةتلا پايلصيالماي ئېتصلغصنصچة بېرصپ چاچلصشصشقا باشلصدص. مةنمۇ بصكار تۇرمصدصم، جېدةلنص بېسصقتۇرغان بولۇپ، ئارصغا كصرصپ نةۋرة ھامماچصنص نةچچصنص تېپصۋالدصم. نةۋرة ھامماچا بارغانچة كۈچةشكة باشلصدص، شصياۋ ۋېينصڭ ئاپصسص ئۇنصڭغا تاقابصل تۇرغاچ، ئۆز بصخةتةرلصكص بصلةن ھېساپلاشماي، بصرصنچص سةپتة مۈرصنص مۈرصنص تصرةپ جةڭ قصلصشصپ بېرصۋاتقان ماڭا مصننةتدارلصق بصلةن قاراپ قويۇشنص ئۇنۇتمصدص.

- ھةدة، بۇ مېنصڭ قصلصشقا تېگصشلصك ئصشصم.

يان ئۆيدصن يۈگۈرۈپ چصقتصم. شصياۋۋېي بصر چةتتة تېخصچة ئېسصنص تېپصپ بولالماي تۇراتتص.

-شصياۋ ۋېي ، تېز بولۇڭ، ئاپصڭصزنص ئۆگةي ئاپصنصڭ ئۇرۇق تۇغقانلصرص ئۇرۇپ كةتتص. بۇرۇنلا ئۆگةي ئاپصنصڭ كۆزصگة سصغماپتصكةنسصز، ھازصر شصياۋ فةن سصزنص تاشلصۋةتكةندصكصن، قورقماستصن ئاچچصقصنص ئاپصڭصزدصن ئالغصلص تۇرۇپتۇ. شصياۋۋېينصڭ كۆزلصرص چةكچصيصپ بۇرۇنلصرصدصن ئصس چصققۇدةك بولدص:

- ئاپا!!!!

شصياۋ ۋېي يان ئۆيگة قاراپ يۈگۈردص. مةن شصياۋ ۋېينصڭ ئۆزص يالغۇز ئۇلارغا تةڭ كېلصپ بولالماسلصقصدصن ئةنسصرةپ، قولصغا بصر كۈلداننص تۇتقۇزۇپ قويدۇم. شۇنصڭ بصلةن پاق قصلغان ئاۋاز بصلةن ئۆگةي ئاپا يةرگة يصقصلدص. ئۇرۇش ئاخصرلاشتص. مةن پۇرسةتنصڭ كةلگصنصنص كۆرۈپ يۈگۈرۈپ ئالدصغا ئۆتتۈم:

-بولدص قصلصڭلار، سصرتتا شۇنداق كۆپ مېھمانلار تۇرسا، ئۇيات ئةمةسمۇ!!

ئۆگةي ئاپا ئةزةلدصن ئابرويپةرةس ئصدص. قالغانلار ئۆگةي ئاپصنصڭ يصقصلغصنصنص كۆرۈپ دةرھال جصمصقتص. مةن شصياۋ ۋېي بصلةن ئاپصسصنصڭ يېنصغا باردصم:

- ئاپا، تېز مېڭصڭلار~~

شصياۋ ۋېي ھةيرانلصق بصلةن چةكچصيصپ قاراپ قالدص، قاچانلاردصن باشلاپ ئاپام بصلةن شۇنداق يېقصن بولۇپ كةتكةن بولغصيتص؟؟؟ شصياۋ ۋېينصڭ ئاپصسص قولۇمنص سصقصپ تۇرۇپ:

- قصزصم سصزگة كۆپ رةھمةت جۇمۇ~

ئارقصدصن ئۆگةي ئاپا پصشانصسصدصكص ئصششصق بصلةن زصياپةتكة قاتنصشصشنص بصئةپ كۆرۈپ، ئۇرۇق تۇققانلصرص بصلةن چصقصپ كةتتص. مةن كصيصملصرصمنص تۈزةشتۈرۈپ يان ئۆيدصن چصقتصم. كۆزۈمگة سصغمايدصغان، شصياۋ ۋېيمۇ، ئۇنصڭ ئاپصسصمۇ، ئۆگةي ئاپا ھامماچصلارمۇ ھةممصسصلا يوقالغان ئصدص. ۋاھ~ نصمصدصگةن راھةت~ چوڭقۇر نةپةس ئېلصۋېتصپ يةنة ھېلصقص ئېسصلزادة خانقصزلصق رولۇمنص داۋاملاشتۇرۇشقا باشلصدصم.
ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتمەيلا شىياۋ فەن ئۆيىدە يەنە بىر زىياپەت بولىدىغانلىقىنى، بۇ قېتىم ئاپامنىڭ بىللە ئالغاچ بېرىشىمنى ئېيتتى. ئۆيگە قايتىپ ئاپامغا ئېيتىپ بېرىۋىدىم، خوشاللىقىدىن بېشى كۆككە تاقاشتى. كۈندە بارماقلىرى بىلەن زىياپەتكە قانچە كۈن قالغانلىقىنى سانايتى. قاتتىق ياسىنىپ بېرىپ ئالامەت ئوينىغۇسى باردەك قىلاتتى، قارىغاندا ھېلىقى ماغزاپ فىلىملەرنى كۆپ كۆرىۋېتىپ زەھەرلىنىپ قالغان چېغىۋا~~~

ئاپامنىڭ بۇ زىياپەتكە بېرىشىنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسى- ھېلىقى نەۋرە ھامماچا شىياۋفەنلەرنىڭ ئۆيىگە ئىككىنچى قەدەم باسالماس بولدى. قوشۇمچە نەتىجىسى بولسا ھامماچىغا ”چوڭ ئۈچەي “ دېگەن لەقەم سىڭىپ قالدى…

بولغان ئىشلارنى تەپسىلىي سۆزلەپ كېلەي:
ئۇ كۈنىدىكى يىغىلىش ئائىلىۋى يىغىلىش بولۇپ، گەرچە نامدا شۇنداق بولسىمۇ، بۇ پۇلدارلارنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلار ئارىسىدىكى يىغىلىشىمۇيەنە شۇنداق ھەشەمەتلىك بولىدىكەن. ئاپام ئىشىكتىن كىرىپ بۇرۇنقى ھازازۇل ئاپامغا ئوخشىمايدىغان تۈپتىن يېڭى، تەمكىن، جىددى چىراي، ئېسىلزادە خانىمغا ئايلاندى. تۇرۇپ-تۇرۇپ پەس ئاۋازدا مەندىن :
-قانداق؟ چىرايلىق بوپتىمەنمۇ؟ ئېسىل سۈپەت كۆرۈنۈپتىمەنمۇ؟ ئاقسا كۆرۈنۈپتىمەنمۇ دەپ سورايتى.
-ۋاي ئاپا، بېشىمنى ئاغرىتىۋەتتىڭ، ماڭا بىر ئىچىڭ ئاغرىسۇنچۇ~

شىياۋفەن مەندىن ئاستا سورىدى:
-ئاپامغا نىمە بولدى؟ خاپا بولۇپ قالدىمۇ نېمە؟
-ھەئە، ئۆگەي ئاپىڭىز بايا ئاپامغا قوپال تەگدى.
-شۇنداقمۇ؟ ئېسىمدە مەھكەم ساقلاپ قوياي~

بۇ چاغدا ھېلىقى ھاممىلار مېنى كۆردى، ئەلۋەتتە ھەرگىز كۈلۈپ قارىمايدۇدە ماڭا~ قاپاقلىرىنى سۈزۈشۈپ، بىرنىمىلەرنى دەپ كۇسۇلدىشىشقا باشلىدى. ھا ھا ھا، كېلىشكە جۈرئەت قىلالىغىنىنى ماۋۇ خوتۇننىڭ~ يەنە قورقماستىن مېنىڭ غەيۋىتىمنى قىلىۋاتىدۇيا~ بۈگۈن ئاپام بار، مەن ئوتتۇرىغا چىقمىساممۇ بۇرنۇڭدىن بۇلاق قىلىدۇ سېنىڭ، ھا ھا ھا~~

ئادەملەرنىڭ كېلىپ بولىشىنى ساقلاپ تۇرغاندا ئاياللار بىلەن ئاياللار، ئەرلەر بىلەن ئەرلەر توپلىشىۋېلىپ سالام سائەت قىلىشىشقا باشلىدى. مەن شىياۋ فەن ۋە ئۇنىڭ ئاغىنىسى ئاكىسى بىلەن پاراڭ سېلىپ تۇرۇپ قاپتىمەن، تۇيۇقسىز بىرى قارا دېگەندەكلا بۇرۇلۇپ قارىۋېدىم، ئاپام بىلەن ھېلىقى نەۋرە ھامما بىللە پاراڭ سالغىلى تۇرۇپتۇ، نەۋرە ھامماچا تېخى ماڭا مەنسىتمەسلىك بىلەن قاراپ قويدى. ئەمدى ئېسىمگە كەلدى، ئۇ دۆت خوتۇن ئالدىنقى قېتىم شىياۋۋېينىڭ ئاپىسىنى مېنىڭ ئاپام دەپ بىلىۋالغانتى، ھا ھا ھا~~ ئويۇننىڭ تازا قىززىقى چىقىدىغان بولدى~ نەۋرە ھامماچىنىڭ بىرنىمىلەرنى دەپ پىچىرلىغىنىغا قاراپ تۇردۇم. ئاپامنىڭ چىرايى بارغانسېرى ئۆڭۈشكە باشلىدى. ۋاي كالۋا خوتۇن، خەقنىڭ ئاپىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ قىزىنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ بەرگىنىنى كۆرمەمسىز~ ئاۋۇ بويۇننىڭ ئۈستىدىكىسى ئادەم كاللىسىمۇ يا~~~

ئاپامغا قاراپ ئاۋازىمنى چىقارماي ئاغزىمنى مىدىرلاتتىم:
-نەۋرە ھاممىسى~~

ئاپام ئىشنىڭ تەكتىكىگە يېتىپ، نەۋرە ھاممىنى ئاداشلاردەك قولتۇقلاپ ئەچىقىپ كەتتى….

سۈكۈتتە تۇردۇم… ئاپامنىڭ قولىغا چۈشكەنلەرنىڭ ھالىغا ۋاي جۇمۇ، مەنمۇ تەڭ كېلەلمەيمەن ئاپامغا…

ئاپام 5 مىنۇتتىن كېيىن چىقتى. يېنىغا باردىم:
- ئىشلار قانداقراق؟
-قاتتىق ئۇرىۋەتتىم، تاياقنى جىق يەپ قۇسىۋەتتى~
- قۇسقىدەك ئۇردۇڭما؟ پاھ ئاپا ئادەم ئۇرۇش تېخنىكاڭ يەنە بىر بالداق ئۆرلەپتۇ جۇمۇ~~
-ئۇنى بىر دېمە، پۈتۈن بىر ئۈچەينى ياندۇرۋەتتى؟
-نېمە؟ ئۆزىنىڭ ئۈچىيىما؟
-ياقەي، بايا ھېسىپ يېگەن ئوخشايدىكەن، شۇنى ياندۇرۇپ چىقاردى…

بىر ھازادىن كېيىن نەۋرە ھامما چىقتى. كۈلۈپ تۇرۇپ سالام قىلدىم:
-ئەھۋالىڭىز قانداقراق “ چوڭ ئۈچەي“

نەۋرە ھامما خۇددى پۇتىغا ماتور ئورنىتىپ قويغاندەك سۈرئەتتە كۆزدىن يوقالدى، شۇنىڭدىن كېيىن مەن بار يەرگە كېلىشكە پېتىنالمايدىغانلا بولدى….

زىياپەت ئاياغلاشقاندىن كېيىنمۇ ئاپام يەنە تەمكىن، سۈرلۈك ھالىتىنى بۇزماي تۇرىۋالدى. بەكلا ئاشۇرىۋەتتىڭمۇ نىمە ئاپا؟ كۆڭلۈمدە ئۇنداق ئويلىغان بىلەن دېيىشكە پېتىنالمايمەندە ئەلۋەتتە~ بىراق شىياۋفەن بۇنى كۆرۈپ پۇتى كۆيگەن توخۇدەك تۇرالمايلا قالدى، توختىماستىن يېڭىمنى تارتىپ پىچىرلاپ سورايتى:
-ئاپام خاپا بولۇپ قاپتۇ؟ قانداق قىلساق بولار؟ ۋاي خۇدا، قانداق قىلارمىز ئەمدى؟…..
-قانداق قىلىتىڭىز؟ ئاياللار ياخشى كۆرىدىغان ئىشنى قىلىڭ. ئاپامنى بازارغا ئەچىقىپ سوۋغىلارغا تازا كۆمىۋېتىڭ~

شىياۋفەنمۇ تازا يۇۋاش بالا. گېپىمنى ئاڭلاپ دەرھال ئاق ئالتۇن كارتىسىنى چىقىرىپ ئاپامغا تەڭلىدى:
- ئاپا ماگىزىنغا بېرىپ دادام بىلەن سىزگە ئازراق نەرسە كېرەك سېتىۋالايلى..
ئاپام يەنىلا سۈرلۈك، سوغۇق، جىددى قىياپەتتە تۇراتتى. بولدى قىلە ئاپا، ئەمدى راستىنلا ئاشۇرۋەتتىڭ~ بىراق بوسۇغىدىن ئەمدى ئاتلىشىمىز بىلەنلا خۇددى نەچچە ئون يىل كۆرۈشمىگەن ئاشىق مەشۇقلاردەك، كارتىغا ئۆزىنى ئاتتى:
-نېمىلا ئالسام بولامدۇ؟ نىمە ئالغۇم كەلسە ئېلىۋېرەمتىم؟
- ئەلۋەتتە.

ماگىزىنغا يېتىپ كېلىشىمىز بىلەن ئاپام ماشىنىدىن سەكرەپ چۈشۈپ ئۇچقاندەك يۈگۈردى. مانى ئالىمەن، ئانى ئالىمەن، ئاۋۇنىمۇ، ئۇنىڭ يېنىدىكىنىمۇ…..
-ئاپا بوكسىيۇرلۇق پەلىيىنى ئېلىپ نىمە قىلىسەن؟
-سېنى سۈپۈرگە بىلەن ئۇرسام پەقەت خۇماردىن چىقمايدىكەنمەن ، باشقا نەرسىگە ئالماشتۇرۇپ باقاي دەيمەن
……………………………………….
- ئاپا بۇ پول سۈرتكۈچنى نىمە قىلىسەن؟
-بۇنى ساڭا ئالدىم، ئۆزۈڭنى قوغدىمامسەن كالۋا
……………………………………………………..
-چەيدونى ئالمىساڭمۇ بولار ئاپا~
-نېمىشقا ئالمايدىكەنمەن؟ بۇ دېگەن 40 كويلۇق چەيدوكەن، ئۆيدىكىسى سەندەكلا قاشىرىپ كەتتى، ھى ھى ھى، ئۈچنى ئالاي
……………………………………….
-ئاپا تەرەت قاچىسىنىمۇ ئالىمەن دىسەڭ ئۇدۇل بېرىپ تامغا ئۈسسۈيمەن جۇمۇ~
- ۋاي ئۆلگۈر، يا سېنى كۆتۈرۈشۈپ بەر دېمىسەم، ئۆزۈم يۈدۈپ كەتسەمغۇ بولار~~

بولمىدى، پەقەتلا چىدىمىدىم، بىنادىن سەكرىۋالغۇم كېلىۋاتىدۇ….

تالاش تارتىش قىلىۋاتقان چاغدا توساتتىن ئانچە يىراق بولمىغان يەردە نەۋرە ھامماچا بىلەن ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئەرنى كۆرۈپ قالدىم. تەرەت قاچىسىدىن ئايرىلىشقا پەقەتلا قىيمىغان ئاپامنى تاشلاپ قويۇپ، بىر سەكرەپلا ئالدىغا باردىم:
-ياخشىمۇ سىز نەۋرە ھامما~~
چىرايلىرى تاتىرىپ كەتتى:
-نېمە قىلاي دەيسەن؟
-سىزدىن ئەھۋال سوراپ قوياي دىگەن شۇ~
يېنىدىكى ئەر مەيدىسىنى كېرىپ ئالدىغا چىقتى. كىچىك جىرتاق كۆزى، خۇنۇك چىرايى، دورداي كالپۇكى، كۆز چانىقىدىكى تۈنۈگۈنكى چاپىقى، ئىللىق شامالدا تەۋرىنىۋاتقان بۇرۇن تۈكلىرى…….. ئۆزەمنى تۇتالماي چىرايىغا ئىككى مۇش ئاتقۇم كېلىپ كەتتى. تۇيۇقسىز ئۇلارنىڭ چىرايىنىڭ ئۆزگىرىپ، ئالدى ئارقىغا قارىماي تىكىۋەتتى. نىمە بولغاندۇ بۇ خەققە؟ ئارقامغا بۇرۇلۇپ قارىدىم:
ئاپام بوينىغا بوكسىيورلۇق پەلىيىنى ئېسىپ، پول سۈرتكۈچنى بېلىگە قىستۇرۇپ، ئىككى قولىدا ھېلىقى رىۋايەتلەردىكى 40 كويلوق چەيدونى پۇلاڭشىتقىنىچە خوشال يۈگۈرۈپ كەلدى:
-كىمكەن؟ نىمانداق تېز يۈگۈرەيدىغان خەق ئۇلار؟
-سېنىڭ مۇشۇ ھالىتىڭنى كۆرۈپ بەدەر قاچمىغاننىڭ ئۆزى ئەخمەق~~~~