يوللىغۇچى: قۇناخۇن يوللانغان ۋاقتى:ئاپرېل - 21 - 2011 12 ئىنكاسلىق

شائىر – يازغۇچىلار ئەلۋەتتە ئادەمدە ، ۋە ياكى سىز بىرەر ئىت پوۋېسىت يېزىپتۇ ، يەنە بىر ئىنەك شىئېر يېزىپتۇ ، بىر ئىشەك ئوبزور يېزىپتۇ دەپ ئاڭلاپ باققانمىتىڭىز ؟ مۇمكىن ئەمەستە ، ئەلۋەتتە خۇدا بەرگەن ئاڭ ، تەپەككۇر دېگەن ئىنسانغىلا خاس ئەمەسمۇ .
ئۇنداقتا تېمىنىڭ ماۋزۇسى نىمىشقا بۇنداق قۇيۇلۇپ قالدى ؟ بۈگۈن ئەلكۈيىدە ‹‹شائىر يازغۇچىمۇ ئادەم›› ماۋزۇسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ ، تۇيۇقسىزلا ئىلھامىم تاراقشىپ قېلىپ ، ئازراق بىر نەرسە دېگۈم كەپقالدى . نەزىرىڭلارنى ماقالىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىغا ئاغدۇرغايسىلەر .
مەقسەتكە كەلسەك ، يۇقىرىقى ماقالىدا ، ‹‹شائىر-يازغۇچى دېگەننىڭ ئەسىرىنى ئوقۇپ،ئۆزى بىلەن كۆرۈشمىسىمۇ بولىدۇ،ئۆزى يازغىنىغا ئۆزى ئەمەل قىلمايدىغان خەق ئۇ!›› دېگەن گەپ ئۈچۈن پىكىر يۈرگۈزۈپ ، كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچىمىز ئەختەم ئۆمەرنى زىيارەت قىلغىنىنى بايان قىلىپ ، يازغۇچىلارنىڭ ئاددىي ئادەملىكىنى ، ئادەم بولغىنى ئۈچۈن كەمچىلىكلىرىنىڭ مەۋجۇت بولىشىنىڭ ئادەتتىكى رېئال مەسىلە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ ئۆتۈپتۇ .
تونۇشلارغا ئايان بولغاندەك ، مەن بىر ئۇدۇل سۆزلۈك ئادەممەن . ياخشى بولسا ماختايمەن ، ناچار بولسا تىللايمەن . مەن تىللىغان مەشھۇرلار ماقالە يېزىپ ماڭا قارشى تەنقىدكە ئاتلىنىشقا ئەرزىگۈدەك ئادەممۇ ئەمەسمەن . مۇشۇ يەردە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئىجتىمائىي پەنچىلەرنى بىر قەپەس تىللاپ پۇخادىن چىقاي دەيمەن .
توغرا ، ئادەمدە دېگەن ئانچە مۇنچە سەۋەنلىك بولىدۇ ، كەمچىلىكسىز ئىنساننىڭ بولۇشى ناتايىنغۇ . لېكىن ، ھازىر بىزنىڭ يازغۇچى – شائىرلىق قالپىقىنى كىيىۋالغان كىشلىرىمىز نېمە قىلىۋاتىدۇ ؟
ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۇلار ئۈچۈن خۇددى بىر ئىگىسى يوق يىتىم بالا بولۇپ قالدى . بىر قىسىملىرى ئۆزىنىڭ نوپۇزى ئۈچۈن بىر مىللەتنىڭ ئەدەبىياتىنى قالايمىقان قىلىشىپ يۈرۈشىدۇ . يەنە بىر قىسىملىرى بولۇۋاتقان ئىشلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ، ئەسەرلىرىنىڭ مەتبۇئاتتا بېسىلماي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ، ھېچنىمىنى كۆرمىگەنگە ، ئاڭلىمىغانغا سېلىپ تۆت ئېغىز ھەق گەپ قىلىشتىن ئۆزىنى ئېلىپ قېچىپ يۈرۈيدۇ . ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەسىرىنىڭ ئېلان قىلىنماسلىقىدىن ، خەلقنىڭ ماختىشىغا ئىرىشەلمەسلىكتىن شۇنچىلىك قورقىدۇكى ، بىر ئاماللارنى قوللىنىپ ، ھەتتا پەسكەش ۋاستىلەرنىمۇ ئىشقا سېلىپ ساددا خەلقنىڭ كۆزىنى بوياپ ، خەلق ھۆرمىتىگە ئېرىشىشكە ئۇرۇنىدۇ .
يازغۇچى – شائىرلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى گۇرۇھۋازلىق شۇنچىلىك ئەۋج ئالغان بولۇپ ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۇلارنى گۇرۇھۋازلىقى ئۈچۈن بىر سەھنە ھەم پايدىلىنىش قورالى بولدى . ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى دادىسىدىن مىراستەك بۆلۈشۈپ ، بىرلىككە كېلەلمەي يۈرۈشىدۇ . ئۇلار ئەسەرلىرىدە ئىناقلىق ، بىرلىك توغرىسىدا شۇنچىلىك دەبدەبىلىك پاراڭلارنى قىلىشىدۇ ئەمما ئۇلارنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشىنى بىلگىنىڭىزدە سەسكىنىپ كېتىسىز . ھەيران قالىسىزكى ، بۇلار كىچىككىنە نام – مەنپەئەت ئۈچۈن ئىتتەك قىزغىنىشىپ يۇشۇرۇن قەست قىلىپ يۈرۈيدۇ . ھەتتا قەبرە بېشىدا تۇرۇپ مەرھۇمنىڭ چالا قالغان ئەسەرلىرىنى تالىشىپ ، ئىتتەك ھۇرپىيىشىپ كېتىشلىرىنى كۆرۈپ ئىنتايىن يىرگەنگەن ئىدىم .
شائىر – يازغۇچىلارغا نىسبەتەن ئۈچۈن ئەدەبىيات ساھەسىدە بىلىملىك بىرسىنىڭ پەيدا بولۇشى ، خۇددى ئاپەتكە ئۇچۇرغاندەك قورقۇنۇچلۇق بىر ئىش . بۇ سەۋەپتىن ئۆز نوپۇزىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرىشىپ ، ئالاقزادىلىك بىلەن گۇرۇھ توپلاپ تىلىنى بىرىكتۈرۈپ ، بىر ئاماللارنى قىلىپ تۆھمەت قىلىپ ، خەلقكە يىرگىنىچلىك بىر مەخلۇق سۈپىتىدە سىزىپ كۆرسىتىدۇ . ئۆزىگە ياقمىغانلارغا ياكى ئۆزىنى ماختىمىغانلارغا ، خەلقىمىزنىڭ مىللى ۋە دىنى ھىسىياتىدىن پەسكەشلەرچە پايدىلىنىپ ‹‹مۇناپىق›› ، ‹‹كاپىر›› لىق تونىنى پىچىپ ، باشقىلارنىڭ ئىمانىنى ئۆلچەپ يۈرۈشىدۇ . ئادەمنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردىغىنى شۇكى ، ئۇلار تىل تەككۈزمىگەن كىلاسسىك ئەدبلىرىمىز ۋە تەۋەرۈك مويسىپىتلىرىمۇ قالمىدى . ئۇلارچە بولغاندا ئۆزىدىن باشقا ھەممىسى نۆل ، ھەممىسى بىر زەمبىل پوقتەكلا .
تەنقىد قۇبۇل قىلالماسلىق بۇلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى . سىز بۇ شائىر – يازغۇچىلارنى ماختىمايلا قالدىڭىزمۇ بولدى ، سىز ئۇلارنىڭ دۈشمىنى . ماختىسىڭىز سىز ياخشى ، ئۇلارنىڭ دوستى ھىسابلىنىسىز . سىز ئۇلارن تەنقىد قىلىپ قويدىڭىزمۇ ياكى يىتەرسىزلىكىنى كۆرسىتىپ قويدىڭىزمۇ بولدى . سىز ئۇلارنىڭ قىيامەتلىك دۈشمىنىگە ئايلىنىپ كېتىسىز . ئەگەر شائىر – يازغۇچىلاردىن ئىككىسى بىر يەرگە كېلىپ قالسا ، يۈزىدىن – يۈزىگە بىر بىرىنى ماختىشىپ سۈنئىيلىك قىلىپ كېتىشلىرىدىن ، غىدىقىڭىز كىلىپ بەدىنىڭىز تىكەنلىشىپ كېتىدۇ . ئەمما خوشلىشىپ كېتىپمۇ قالىدۇ ، بىر – بىرسىنى يوشۇرۇن غاجىشىپ يۈرۈيدۇ .
ئەڭ كۈلكىلىك بولغىنى شۇكى ، بۇلارنىڭ تەبىئىي پەدىن ھىچقانچە خەۋىرى يوق ، شۇنداقتىمۇ تەبئىي پەن ساھەسىگە تومپايلىق بىلەن ئارلىشىپ يۈرۈشىدۇ . تەبئىي پەن ئشائىر – يازغۇچىلار نەزىرىدە ، قۇشناچىم ئەتكەن لەغمەننى يەپ يانپاشلاپ يېتىپ ھىكايە توقۇغاندەك بىز ئىشتەك تۇيۇلسا كىرەك . تەبئىي پەن توغىرلىق بىرەر خەۋەر ئاڭلاپ قالدىمۇ بولدى . قەلەم ھەققى بىلەن ئەسىرى ئېلان قىلىنغاندىكى شۆھرەت تۇيغۇسى دىگەن بۇ نەرسە ئۇلارنى جايىدا ئولتۇرغۇزمايدۇ . بۇ زادى قانداقراق بىر ئىش ، قانداق ئاساسى بار ؟ تېتىقسىزلىقمۇ ياكى ئىلمى ئاساسىي بار ئىشمۇ دىگەننى سۈرۈشتۈرمەيلا ، كۆككە كۆتۈرۈپ ماقالە يېزىپ جەمىيەتتە بىر مەزگىللىك ھاياجان پەيدا قىلىشىپ يۈرۈيدۇ . ساددا خەلق يىتىپ كەلگەن بۇنداق ھاياجانلىنىش دولقۇنىدا قانلىرى قىززىپ ، كاتتا خوشخەۋەرلەرنى ساقلاپ يۈرۈۋېرىدۇ ، لىكىن بۇ ئىش ئاستا – ئاستا يوقاپ كېتىدۇ . ئەجىبا ئۇلار خەلقنىڭ ھىسىياتىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى ئالداپ يۈرۈشتىن گۇناھلىق تۇيغۇسى ھېس قىلمامدىغاندۇ ؟ ئۆزى بىلىدىغان ئىش بىلەن مەشغۇل بولسا بولمامدىغاندۇ ؟
ئۆزى يازغىنىغا ئۆزى ئەمەل قىلمايدۇ . ئانا دەپ شىئېر يازغانلىرىنىڭ ئانىسى بىلەن كارى يوق ، ساپا توغىرلىق ۋايسايدىغانلىرى ئەخلاقسىز ، ئىنساپ توغىرلىق ۋەز ئېيتىدىغانلىرى ئىنساپسىز . ئىناقلىق ھەققىدە ئەسەر يازىدىغانلىرى ئۇرۇشقاق ، كەيىپ ساپا توغىرلىق قاينايدىغانلىرى ھاراقكەش تۇرسا بۇلارنىڭ نەسھىتى خەلققە قانداقمۇ كار قىلسۇن ؟ ئۆز نۆۋىتىدە بىر ھىكايەتنى سۆزلەپ بىرەي .
سوقرات بىر كۈنى ئۆيىدە ئولتۇرسا ، بىر ئايال بالىسىنى يىتلەپ كىرىپ ، بالىسىنىڭ ئانارغا بەك ئامراقلىقىنى ، كۈندە ئانار يەيمەن دەپ غەلۋە قىلىدىغىنىنى ، ئانا قىممەت بولغاچقا ئۆزىنىڭ چىقىنالماي قالغىنىنى سۆزلەپ ، بالىسىغا ئانار يىمەسلىك ھەققىدە نەسىھەت قىلىپ قۇيۇشىنى ئۆتۈنۈپتۇ . سوقرات ئۇ ئايالغا ئۈچ كۈندىن كىيىن كېلىشىنى ئيتىپ يولغا ساپتۇ . ئۇ ئايال كۆڭلىدە نارازى بولغان بولسىمۇ ، ماقۇل دەپ ئۈچ كۈندىن كىيىن بالىسىنى ئېلىپ كەپتۇ . شۇنىڭ بىلەن سوقرات ئۇ بالىغا نۇرغۇن ياخشى گەپلەرنى قىلىپ نەسھەت قىلىپتۇ ، ئۇ بالىمۇ ئانار يىمەيدىغان بوپتۇ . ھېلىقى ئايال كۆڭلىدىكىنى يوشۇرماي سوقراتتىن ، نىمىشقا ئالدىنقى قېتىم كەلگىنىدە ، ئۈچ كۈندىن كىيىن كىلىشنى ئېيتقانلىقىنى سوراپتىكەن .
- مەن دەل شۇ كۈنى ئانار يىگەندىم . ئۆزەم ئانار يەپ تۇرۇپ بالىڭىزغا ئانار يىمەڭ دەپ نەسىھەت قىلسام قانداقمۇ ئۈنۈمى بولسۇن ؟ ئۈچ كۈنگىچە مەن يىگەن ئانارمۇ ۋۇجۇدۇمدىن تولۇق چىقىپ كەتتى ، شۇڭا نەسىھىتىم ئۇنى قايىل قىلدى .- دەپ جاۋاپ بېرىپتىكەن .
جىق سۆزلەپ قويدۇم .. ۋاقت سەۋەپلىك چولتا ھەم تېيىز بولۇپ قالدى ، خۇدا خالىسا بۇ توغىرلىق تېخىمۇ كەڭرى ۋە پاكىتلىق يازما يېزىشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈۋاتىمەن . خۇلاسە شۇكى ، شائىر يازغۇچىلار ھەقىقەتەن ئادەم ، ئادەم دىگەن سەۋەنلىك ئۆتكۈزدۇ ، لىكىن ئادەم دىگەن سەۋەنلىك ئۆتكۈزدۇ دەپ قىلغۇلۇقنى قىلىپ ، ئۆزى ئۈچۈنلا ياشاپ ئۆتۈش كىرەكمۇ ؟ بىر مىللەتنىڭ ئەدەبىياتىنى ئۆزى خالىغانچە قالايمىقان قىلىدىغان نەرسە دەپ ئويلىۋالسا بولامدۇ ؟ مىللەتنىڭ ساددا ھىسىياتىدىن پەسكەشلەرچە پايدىلىنىش ، ئىپلاس بىر ئىشمۇ قانداق ؟

ئاخىردا بۇ يازمامنى ، ئا.ئۆتكۈر ، ز.قادىرى ، ز.سابىر ، ت.ئېليىۋ ، ر.سايىت … لاردەك ، مىللەت ئەدەبىياتىنى ئۆزىنىڭ كۆز قارچۇقىدەك ئاسىراپ ئاۋايلايدىغان ئەدپلەرنى ئاللاھنىڭ بىزگە قايتا ئاتا قىلىشىنى تىلەپ ئاخىرلاشتۇرماقچىمەن .

12 نەپەر تورداشنىڭ بۇ يازمىغا پىكىرى باركەن . سىزنىڭ پىكرىڭىز يوقما ؟

  1. پىنھان مۇنداق يازغان:

    قۇناخۇنكا بۇ بەك ئېغىر كەتتىمۇ قانداق ؟

  2. تاڭ ھەزرەت مۇنداق يازغان:

    قاقشاش ماقالسىما بۇ؟ ئۇلارنىڭ ئاشتاقلىقىغۇ ئاشتاق، لېكىن يازسا نىم پايدىسى با؟ پوقتەك بىر نەرسە يېزىپتا ما بالا، لەڭپۇڭچىلىق قىلسا بولمامدىغاندۇ بۇنداق ئۇ ئۇنداق قىلىدۇ بۇ بۇنداق قىلىدۇ دەپ بايان ماقالىسى يېزىپ بەرگۈچە.

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      لەڭپۇڭ ساتقاچ بولىۋاتقان پاراڭلاردە – بۇ ! سىلى بىلەن بىزگە ئوخشاش ئىسسىغى ئېشىپ كېتىپ لەڭپۇڭ ئىچكىلى كەلگەنلەر ئاڭلايدىغان …

  3. بەرگىيە مۇنداق يازغان:

    بۇ قۇناخۇننىڭ يازمىسى ئەمەستەكلىغۇ

  4. تۇمارىس مۇنداق يازغان:

    ساراڭ ، ئاشىق ۋە شائىرلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا كاللىسى مول تەسەۋۋۇر بىلەن تولغان . ساراڭ كۆرگەن جىن – شاياتۇنلار پايانسىز دوزاقتىنمۇ كۆپ . ئاشىق ساراڭغا ئوخشاشلا تەلۋە كېلىدۇ . ئۇ بىر مىسىرلىقنىڭ چېھرىدىن ھېللىننىڭ گۈزەللىكىنى كۆرۈپ يىتەلەيدۇ . شائىر كۆزلىرىنى ئويناتقاندا كۆزلىرىدە ئاجايىپ ئەسەبىيلىك ئەكس ئېتىدۇ . ئۇنىڭ كۆزلىرى ئاسماندىن يەرگىچە ، يەردىن ئاسمانغىچە بولغان ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ يېتەلەيدۇ . ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرى ھېچكىم كۆرۈپ باقمىغان نەرسىلەرنىڭ شەكلىنى چىقىرالايدۇ ، قەلىمى ئۇلارنىڭ ئۇلارنىڭ تۇرقىنى سۈرەتلەيدۇ ، خىيالىي نەرسىلەرنى ھەقىقىي تۇرغۇنلۇق ۋە نامغا ئىگە قىلىدۇ .
    شېكسپېر ( ئەنگىلىيە )
    شائىلار ئەسەرلىرىدە ئەڭ چوڭقۇر پىكىرنى ئىپادىلەيدۇ .بۇخىل پىكىر بەئەينى مىۋە شۆپىگىگە ئورالغان شىرنە,ئۇلار ئىشلەتكەن گۈزەل تىل بولسا مېۋە شۆپىگى ۋە دەرەخ يۇپۇرماقلىرىدۇر .
    بوكاسئو ( ئىتالىيە )

    يۇقاردا ئېيتىلغىنىدەك شائىر ۋە يازغۇچىلار ھەققىدىكى ئاجايىپ تەرىپلەشلەر ئاز ئەمەس، بۇ خىل تەرىپلەشلەر شائىر ، يازغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگىلا ئەمەس بەلكى شۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۇشۇ خىل تەرىپلەشكە ھەقىقى باپ كىلىدىغان ھۆرمەتكە سازاۋەرلىرىمىزگىلا مەنسۇپ.بۇخۇددى ئوقۇتقۇچى-ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى دىگەن بۈيۈك باھا ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا قىلچىلىكمۇ ئىززىتى يوق تۇرۇپ، ھەتتا ئوقۇتقۇچىغا لايىق كەسپى ساپاغا ئىگە ئەمەس تۇرۇپمۇ ئۈزىنى بۈيۈكلەر قاتارىغا قويۇپ تۇرۇپ كىرىلىپ يۈرىۋاتقان بولۇمسىز ئوقۇتقۇچىلارغا ئەمەس بەلكى ئوقۇتقۇچى سۆزىنىڭ مەنىسىنى ھەقىقى چۈشەنگەن ۋە ئۈزىدە ھەقىقى ئوقۇتقۇچىغا خاس سالاھىيەتنى ھازىرلىغان جان كۆيەر ئۇستازلارغا بىرىلگەن باھادۇر.
    يازغۇچى ، شائىرلار ھەققىدە قۇناخۇن ئېيتىپ ئۆتكەن بىر قانچە تەرەپ ئىچىدە«تەنقىتنى قۇبۇل قىلالماسلىق بۇلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىگى» دىگەن سۆزنى ئەڭ توغرا دەپ قارايمەن، باشقىسى توغرۇلۇق سۆزلىگۈم يوق.

  5. ئۆچمەس مۇنداق يازغان:

    قۇناخۇن سىلى ھېيتگادا لەڭپۇڭچىلىق قىلىمەن داۋاتاتتىلە ئۇنداق ئەمەسكەن جۇمۇ سىلى رەسمىي ئەدەبىي ساھەدىكى لەڭپۇڭچى ئىكەنلا

  6. تۇمارىس مۇنداق يازغان:

    ئۆچمەس ئەپەندىنىڭ گىپى ئورۇنلۇق، قۇناخۇن ئادەتتىكى ئادەملەردىن ئەمەس.ئۇنىڭ «ئىزدىنىش» تە يازغان ئانچىكى تاققا-تۇققا قوشاقلىرىمۇ ئادەمنى خېلى ھۇزۇرلاندۇرىدۇ. مەن ئۇنىڭ يازما ئىنكاسلىرىغا ئامراق.

  7. مەمتىمىن مۇنداق يازغان:

    گەپ چوڭ، ئەمما تومتاق بولۇپ قاپتۇ.

  8. سۇزۇك مۇنداق يازغان:

    بىزنىڭ قولىمىزدىن خەلققە چوڭ ئىش قىلىپ بېرىش كەلمەسلىكى مۈمكىن ، بىراق خەلقىمىزگە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشنى قىلماسلىق تامامەن كېلىدۇ.

    ماۋۇ گەپ بەك ئېسىل چىقىپتۇ.

  9. رادىئو ھەۋەسكارى مۇنداق يازغان:

    يازغۇچىلار تورىغا كىرىپ ، بىر بىرنى سۆكۇپ ، تىللاپ كېتىۋاتقانلارنى كۆرۇپ ، بۇلار يازغۇچى ئەمەس ، ئەگەر بۇلار يازغۇچى بولسا ئادەم ئەمەس دېگەن خىيال يادىمدىن كەچتى …..

  10. بەختىيار مۇنداق يازغان:

    يازغۇچىلار تور بېتىگە كىرىپ 4 كۈنلا يۈرسىڭىز، راستىنلا يازغۇچىلارمۇ ئادەممۇ دەپ قالدىكەنسىز. بىلەرمەنلىكتە قىر كۆرسىتىش، مەزلۇم سۈپەت بوتناش، ئۇ تېمىدىكى ئارازچىلىقنىڭ ئاچچىقىنى بۇ تېىمىدا چىقىرىش، يالغان ئالىيجاناب بولىۋىلىپ ، يەنە بىر تېمىدا رەسۋا بولۇش………… گەپ بەكلا جىق. بىلگەنلىرنى كەمتەرلىك بىلەن ئوتتۇرغا قۇيۇش، ئوخشىمىغان پىكىرنى ئاڭلاپ قويۇش، چۈشەنمىسە ئۆگىنىش دىگەن يوقلا گەپ… مۇنازىرىدە چۇقۇم يىڭىمەن دەپ ئوتتۇرغا چۈشۈش مۇنازىرىدە مەسلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئەمەس، گورۇھ توپلاش، ئۆزىنى بازارغا سىلىشقا ھىرىس بولۇش دىگەنغۇ بۇلارغا قىلىچىلىك غەلىتە تۇيۇلمايدىكەن. ئىشەنمىسەڭلار بۇ تور بەتكە كىرىپ ئىنكاسى 4 بەتتىن ئاشقان ھەر قانداق يازمىنى ئوقۇپ بېقىڭلا… قۇناخۇن زادى قىلچە ئاشۇرۋەتمەپتۇ.