قانجۇق ئىتنى ئىت تالىمايدۇ – ئۇيغۇر خەلق تەمىسىلى .
مۇشۇ تەمسىل ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەركەكلىرىنىڭ ئېسىل خاراكتىرىنى چۈشەنمەك تەس ئەمەس . ئەلۋەتتە بىز ئۇيغۇر ئەركەكلىرى ، قىز – ئاياللارغا قول تەككۈزۈشنى نامەرتلىك جۈملىسىدىن سانايمىز . ئۇردۇق دىسەكمۇ ئۆزىمىزنىڭ خوتۇنىنى ئۇرىمىز (ھى ھى ھى ) .
تۆۋەندىكى فىلىمگە كەلسەك ، مەلۇم تارماق ساقچى ئەتىرىتىنىڭ باشلىقى ، مەس بولۇپ قېلىپ ، باشقىلارنىڭ خوتۇنىغا پوخۇرلۇق قىلىپ ، مەقسىتىگە يىتەلمەي ، ئەتراپتىكى ئادەملىرى بىلەن ، شۇ ئايالنى ۋە دوستلىرىنى بولۇشىغا ئۇرغان كۆرۈنۈشى بولۇپ ، بۇ ئەرنىڭ بۇ ئايالنى رەھىمسىزلەرچە ئۇرۇپ كېتىشىدىن ئىنسانلىق تەبىئىتىنىڭ يوقالغان بىر ئەبلەخ ئىكەنلىكىنى بىلىمەك تەس ئەمەس . ساقچىلارنىڭ يۈزىگە مۇشۇنداقلار قارا سۈركەپ ، ھۆكۈمەت بىلەن پۇقرا ئوتتۇرسىغا ئاداۋەت سالىدۇ . بۇنداقلار ھۆكۈمەتنىڭ ۋە خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمەنلىرىدۇر .
بىلوگ ئىلاۋىسى : بارلىق ئەركەكلەر ، خوتۇن – قىزلىرىمىزنى ئاسىرايلى . ئۇلارغا كۆيۈنەيلى ، بىزنىڭ دىنىمىز ياكى مىللى ئەنئەنىمىزدە بولسۇن ، ئاياللارنى ئاسىراش ، ھۆرمەت قىلىش ، ئۇلارغا كۆيۈنۈش توغىرلىق بايانلىرىمىزمۇ يىتەرلىك .
زادە خوتۇن كىشى دىگەننى ئۇرۇپ مانتىغا قىيما قىلۋېتىش كېرەك !
ما فىلىمنى كۆرۇپ نەلەدىندۇر پۇت – قولۇمغا جان كىرىپ قالدى ….
ئەجىبا سىزنىڭ ئاپىڭىز يوقما ؟؟؟؟
بۇنى كۇرۇپ پۇت قۇللىرىم تىترەپ كەتتى دىسە،مەن ئىت مۇشۇكنىمۇ ئۇرۇپ باقمىغان
ئەل ئاغىنە ئارسدا بۇنڭىغا ئوخشاش ئىشلار بەك كوپ
ماز ئىنەك ئەپەندىم ھەر ھالدا سىزنىڭ ئەل ئاغىنىلىڭىز ئۇيغۇردۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئويۇن كۆرمەي ئاياللانى قوغدىغان ياخشى، قارشى تەرەپ قاۋاقخانىدا ئىشلىگەن تەقدىردىمۇ بۇنداق ئۇرساق بولمايدۇ………
ئەقىللىق ئادەم خوتۇنغا سېسىق گەپ بىلەن ئۇرىدۇ
ماز ئىنەك ،ئىسمى جىسمىغا لايىقكەن .
توۋا، ئىۋۇ ئۈستىدىكى قوشماق دىگەننىڭ ئىنكاسىنى….سېسىق گەپتىن بىر شاپىلاق مىڭ ياخشى! ئەممازە ئاياللارنى ئورۇپ خارلىغان« ئەر» ئۇ ئەر ئەمەس.خۇتۇنىنى ئوڭشاپ ئادەم قىلالمىسا چىرايلىقچە بىر تەرەپ بوپ كەتكەن تۈزۈك.
كومپىيۇتېرىمنىڭ كاشىلىسى تۈپەيلىدىن فىلىمنى كۆرەلمەي قالدىم لىكىن……..
ئالىم مۇھەببەتتە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچىراپ، دوستلىرىغا قاقشاپ بىرىپتۇ:
- ئايال دېگەن ئاپەت،ئايال دىگەن ئەي يامان زەھەرلىك دورا.مېڭىڭدىن ئىبرەت بولغاي، ھەرگىز ئايال كىشىگە يېقىن يولىماڭلار!
ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتۈپ، بىر دوستى قەھۋەخانىدا ئۇنىڭ بىر قىز بىلەن ئىش-پەش تارتىشىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قاپتۇ.
- ۋۇي، سەن قانداقلارچە يەنە زەھەر بىلەن بىللە بولۇپ قالدىڭ؟
سۆيگۈنۈمدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كىيىن ، – دەپتۇ ئالىم ئۇھ تارتىپ قويۇپ ، – بەكلا چۈشكىنلىشىپ كىتىۋاتىمەن . بۇنداق كۈنگە قالغۇچە زەھەر ئېچىپ ئۆلۋالايمىكىن دەيمەن.
………………………………………………………………………………..
ئۈستىدىكى يۇمۇرنى ئوبدان ئوقۇغانسىلەر؟ مانا مۇشۇنچىلىك ئەمەسمۇ؟ ئاياللاردىن ئايرىلىپ بىر مىنۇتمۇ خاتىرجەم ياشىيالمايدىغان تۇرۇپ نىمىگە يوغانچىلىق قىلىشىدۇ دەيمەندە