
دەرۋازىۋەن ئورۇق بىر يىگىت بىر شىركەتنىڭ دەرۋازىۋەنلىكىنى قىلىش ئۈچۈن تىزىملاتقىلى بېرىپتۇ. خوجايىن ئۇنىڭ بېشىدىن ئايىغىغىچە زەن سېلىپ: — بىزگە ئىچى تارلىقتا ئۇچىغا چىققان، ھەممىدىن گۇمانلىنىپ يۈرىدىغان، كۆزىدىن غەزەپ ئوتى چاقناپ تۇرىدىغان، يەتتە قات يەر ئاستىدىكى شەپىنى سېزەلەيدىغان، قاۋۇل، ھازازۇل، بىرى بىر نېمە دەپ بولغۇچە، غالجىر ئىتتەك ئېتىلىپ تۇرىدىغان ئادەم لازىم، – دەپتۇ. — ئۇنداق بولسا خوتۇنۇم بولغۇدەك، – دەپتۇ ھېلىقى يىگىت. كۆڭۈل بۆلۈش بىر ئوقۇغۇچى پويىز بېلىتىنى زاكاز قىلمايلا ئۇدۇل پويىز بېكىتىگە بېرىپ بېلەت ئالماقچى بولدى. ئۇ ئۆچىرەتتە بەش سائەت ساقلاپ ئاران كۆزنەكنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئوقۇغۇچى: خەنكۇغا بارىدىغان پويىزنىڭ كارىۋات بېلىتى بارمۇ؟ بېلەت ساتقۇچى: يوق. ئوقۇغۇچى: ئورۇندۇق بېلىتىچۇ؟ بېلەت ساتقۇچى: