يوللانغان ۋاقتى ئاپرېل 13th, 2011

يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى :ئاپرېل - 13 - 2011 ئىنكاسسىز
BirinchiMuhebbet

بۇ ناخشىنى داڭلىق ئۆزبىك ناخشىچىسى رەۋشەن كامىلوۋ (مۆمىنجاننىڭ مەربىيە دىگەن ناخشىسىنى ، ئۆزبىكچىگە ئۆزلەشتۈرۈپ ، نەرگىزە دەپ ئېيتقان فەررۇخ كامىلوۋنىڭ دادىسى ) ئۇرۇنلىغان بولۇپ ، ناخشىدىكى لىرىكلىق ۋە ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغان ھىسىيات ئادەمنى ھەقىقەتەن ھۇزۇرلاندۇرىدۇ . بۇ ناخشىنى ئادەتتە ، بەكمۇ ياقتۇرۇپ ئاڭلايمەن ، شۇڭا تورداشلارمۇ ئاڭلاپ باقسا دىگەن ئۈمىد بىلەن يوللىدىم ، ئاڭلاپ باقارسىلەر . ئۇرۇنلىغۇچى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە : رەۋشەن كامىلوۋ 1964 يىل 26 ئۆكتەبىردە ، تاشكەنت شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ ، 1971 يىلدىن 1979 يىلغىچە 39 – ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان . 1991 يىل ”كامالەت“ ئەدەبىيات – سەنئەت كۆرىكىدە بىرىنچىلىككە ئىرىشكەن . 1994 يىل ”ئۇلۇغبېك“ مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن .

يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى :ئاپرېل - 13 - 2011 ئىنكاسسىز
shoporluqimtihan

رايونىمىزدا بېنزنلىق ھارۋىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ، تەدىرجىي ھالدا شوپورلۇق ئىمتىھانى بېرىدىغانلارمۇ ماس قەدەمدە كۆپەيدى . ھەممىمىزگە مەلۇمكى ھازىرقى شوپورلۇق نەزىريە ئىمتىھانى ، بۇرۇنقى ئەنئەنىۋى ئۇسۇل بىلەن قەلەم قەغەزدە ئىمتىھان بېرىشتىن ، مەخسۇس تۈزۈلگەن يۇمشاق دىتاللار بىلەن كومپىيۇتېردا بىر تۇتاش ئىمتىھان بېرىشكە ئالماشتى ، نۇرغۇن شوپورلۇققا تىزىملاتقان دوستلار ، ئۆيىدە لەغمەن يەپ قورساقنى تويغۇزۇپ ، يانپاشلاپ يېتىپ ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىشنى ئويلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ، ئەلۋەتتە مۇمكىن بولىدۇ . نەدە مۇمكىن بولىدۇ ، مۇزات بىلوگىدا مۇمكىن بولىدۇ . چۈنكى بۇ دىگەن مۇزات بىلوگى . مەقسەتكە كەلسەك ، بىر تۇتاش بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن ، شوپورلوق ئىمتىھان سېستىمىسى ، كومپىيۇتېرىمدا توپا بېسىپ يېتىپ قاپتۇ ،

يوللىغۇچى: قۇناخۇن يوللانغان ۋاقتى :ئاپرېل - 13 - 2011 3 ئىنكاسلىق
yumur

كومپىيۇتېر ئالدىدا تىكىرلىتىپ بىر نەرسە يېزىپ يۈرۈپمۇ كاللا چارچاپ قالدى ، شۇڭا قىززىق يۇمۇرلاردىن بىر قانچىنى ئوقۇپ ھۇزۇرلىنايلى دەپ بۇ يۇمۇرلارنى يوللىدىم ، خالىغانچە كۈلۈۋېلىڭ . ھىجايغانغا ۋە قاقاھلاپ كۈلگەنگە ھەق ئېلىنمايدۇ . 1- يۇمۇر بىر تەخەي ئاپىسى بىلەن سامان يەۋىتىپ ، ئاپىسىدىن ، ‹‹ئاپا بىز شۇنداق جاپا تارتىپ ئىشلەپمۇ سامان يەيدىكەنمىز ، ئاۋۇ ئىنەكلەر بولسا كۈندە قوتاندا سوزۇلۇپ يېتىپمۇ قوناق يەيدىكەن ، بۇ تەڭسىزلىك ئەمەسمۇ ›› دەپتىكەن ، ئاپىسى ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ قۇيۇپ ‹‹بالام ، بىز ئۆزىمىزنىڭ كۈچىگە تاينىپ جان باقىمىز ، خەق بولسا مەيدىسىگە تاينىپ جان باقىدۇ›› دىگۈدەك . 2 – يۇمۇر گەۋدىلىك كەلگەن ، قولىدا يوغان پىچاق