يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى:ئاپرېل - 21 - 2011 5 ئىنكاسلىق

دەرۋازىۋەن

ئورۇق بىر يىگىت بىر شىركەتنىڭ دەرۋازىۋەنلىكىنى قىلىش ئۈچۈن تىزىملاتقىلى بېرىپتۇ. خوجايىن ئۇنىڭ بېشىدىن ئايىغىغىچە زەن سېلىپ:
— بىزگە ئىچى تارلىقتا ئۇچىغا چىققان، ھەممىدىن گۇمانلىنىپ يۈرىدىغان، كۆزىدىن غەزەپ ئوتى چاقناپ تۇرىدىغان، يەتتە قات يەر ئاستىدىكى شەپىنى سېزەلەيدىغان، قاۋۇل، ھازازۇل، بىرى بىر نېمە دەپ بولغۇچە، غالجىر ئىتتەك ئېتىلىپ تۇرىدىغان ئادەم لازىم، – دەپتۇ.
— ئۇنداق بولسا خوتۇنۇم بولغۇدەك، – دەپتۇ ھېلىقى يىگىت.

كۆڭۈل بۆلۈش

بىر ئوقۇغۇچى پويىز بېلىتىنى زاكاز قىلمايلا ئۇدۇل پويىز بېكىتىگە بېرىپ بېلەت ئالماقچى بولدى. ئۇ ئۆچىرەتتە بەش سائەت ساقلاپ ئاران كۆزنەكنىڭ ئالدىغا كەلدى.
ئوقۇغۇچى: خەنكۇغا بارىدىغان پويىزنىڭ كارىۋات بېلىتى بارمۇ؟
بېلەت ساتقۇچى: يوق.
ئوقۇغۇچى: ئورۇندۇق بېلىتىچۇ؟
بېلەت ساتقۇچى: يوق.
ئوقۇغۇچى: ئۇنداقتا ئورۇندۇقسىز بېلەتچۇ؟
بېلەت ساتقۇچى: بار، لېكىن ئوقۇغۇچىلارغا سېتىپ بېرىشكە بولمايدۇ.
ئوقۇغۇچى: نېمىشقا؟
بېلەت ساتقۇچى: چۈنكى، تۆمۈريول مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ يىل بىرمۇ ئوقۇغۇچىنى پويىزدا ئۆرە تۇرغۇزۇپ قايتقۇزماسلىق كېرەك، دېگەن بەلگىلىمىسى بار.

قىممىتى يوق

ئىككى ئادەم تاكسىغا چىقىپتۇ، ئۇلارنىڭ بىرى شوپۇردىن سوراپتۇ:
— شەھەر مەركىزىگە بارساق نەچچە پۇل؟
— ئون يۈەن، – دەپتۇ تاكسى شوپۇرى.
— ئىككىمىز بارساقچۇ؟
— ئوخشاشلا ئون يۈەن.
بۇ چاغدا ئۇ ئادەم ھەمراھىغا قاراپ دەپتۇ:
— دېمىدىممۇ، سېنىڭ ئازراقمۇ قىممىتىڭ يوق!

ئەرنىڭ ئايال كاتىپى

ئايال: ھېلىقى ئايال كاتىپىڭىز شىركەتكە كەلگىلى نەچچە يىل بولدى؟
ئەر: ئۈچ – تۆت يىل بولۇپ قالدىغۇ دەيمەن.
ئايال: نەچچە ياشقا كىرىپتۇ؟
ئەر: 30 لاردا باردۇر، تەپسىلىي سوراپ باقماپتىمەن.
ئايال: چىرايلىقمۇ؟
ئەر: ھەر ھالدا بولۇپ قالىدۇ.
ئايال: كىيىم كىيىشى قانداقراق؟
ئەر ئويلاشمايلا: ناھايىتى تېز…

تاقىرباش

ئامېرىكىلىق داڭلىق يازغۇچى مارك كاڭنېرنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ بىر تالمۇ تۈكى يوق تاقىر بېشى ئىكەن. بەزىلەر بۇنى ئەقىللىقلىقنىڭ سىمۋولى دېسە، بەزىلەر بۇنى شاڭخو قىلىشنىڭ ئوبيېكتى قىلىۋالىدىكەن. بىر كۈنى بىر ياش ئۇنىڭ تاقىر بېشىنى سىيلاپ تۇرۇپ:
— بېشىڭىز خۇددى خوتۇنۇمنىڭ كاسسىسىدەك سىيلىق ئىكەن، – دەپ چاقچاق قىپتۇ.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ، كاڭنېر ھېلىقى ياشقا ناھايىتى مەنىلىك قاراپ، بېشىنى سىيلاپ تۇرۇپ:
— راست دەپسىز، ھەقىقەتەن خوتۇنىڭىزنىڭ كاسسىسىنى سىيلاۋاتقاندەك بولۇۋاتىمەن، – دەپتۇ.

ياشاش ئىقتىدارى

قاۋاقخانىدا بىر ئېكىسپېدىتسىيەچى:
— كېمە چۆكۈپ كەتتى، بىز قۇتقۇزۇش كېمىسىگە چىقىۋالدۇق، دېڭىزدا بىرقانچە ھەپتە لەيلەپ يۈردۇق، مەن سىلەرگە ئېيتسام، راستىنلا ئاچلىقتىن ئۆلۈپ تىرىلدۇق، بىز ھەرقايسىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئايىغىنى غاجىلىدۇق، باشقىلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ كەتتى، پەقەت ئۆزەم يالغۇز ھايات قالدىم،-دەپتۇ.
— باشقىلارنىڭ ياشاش ئىقتىدارى سىزگە يەتمەمدىكەن؟ – سوراپتۇ باشقىلار.
ئېكىسپېدىتسىيەچى:
— ياق، ئايىغىمنىڭ نومۇرى ئەڭ چوڭ ئىدى.

5 نەپەر تورداشنىڭ بۇ يازمىغا پىكىرى باركەن . سىزنىڭ پىكرىڭىز يوقما ؟

  1. نامەلۇمجان مۇنداق يازغان:

    كەچ بولغاندا تازا كۈلىۋاپتىمەن ، رەھمەت جۇمۇ .

  2. شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

    تۇيۇقسىز ئاسماندىن چۈشۈپ قالغاندەك ئۇچراپ قالدىغۇ بۇ يۇمۇر، رەھمەت مۇزات، خېلى كۈلۈۋالدۇق

  3. تۇمارىس مۇنداق يازغان:

    ئوقۇيدىغاننى ئوقۇپ، كۈلىدىغاننى قانغۇچە كۈلىۋېلىپ يانچۇقتىكى يۇمۇردىن بىرەنى قالدۇرۇپ قويمايلا قاچىدىغان بالىلاركەن ما ئىككەيلەن «رەھمەت جۇمۇ تازا كۈلىۋالدۇق» دەپ قويۇپ………….مەنغۇ يۇمۇردىن بىرنى ئالغاچ كەلگەن ئەمما ئېغىزىمدىن چىقىرىپ بولغىچىلا ئۇنتۇپ قالدىم -دىسە!

  4. بايقۇش مۇنداق يازغان:

    ما خەخنىڭ شەكىلۋزلىقىنى ھەجەپ ياخشى سۇپەتلەپ بىرىپتا. كاتىپنىڭ يۇمۇرىنى ئۇقۇپ تېلىقىپ قاپتىمەن.

  5. gvlyar مۇنداق يازغان:

    بىر ئادەم بانكىنىڭ ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ماشىنسى بۇزۇلۇپ قالغاچقا مۇلازىمەت سۇپىسغا بىېرىپ پۇل ئېلشقا مەجبۇر بۇپتۇ .. مىڭ تەسكلىكتە ئۆچرەت كىلىپ 10 مىنۇتقىچە ساقلىسمۇ مۇلازمەتچى ھېچى پۇلنى بىرەي دىمەپتۇ ، ئىچى سىقىلىپ ئاچچغىدا مۇلازىمەتچىگە سۆزلەپتۇ:
    -خېنىم ماۋۇ دېرىزەڭلارنىڭ سىرتىدا تورىۋاتقىلى 10 مىنۇت بۇلدى دەيمەن!
    -خۇجام ، مەن ماۋۇ دېرىزنىڭ ئىچىدە تورىۋاتقىلى 30 يىل بولدى …