يوللىغۇچى: قۇناخۇن يوللانغان ۋاقتى:ئاپرېل - 13 - 2011 3 ئىنكاسلىق

كومپىيۇتېر ئالدىدا تىكىرلىتىپ بىر نەرسە يېزىپ يۈرۈپمۇ كاللا چارچاپ قالدى ، شۇڭا قىززىق يۇمۇرلاردىن بىر قانچىنى ئوقۇپ ھۇزۇرلىنايلى دەپ بۇ يۇمۇرلارنى يوللىدىم ، خالىغانچە كۈلۈۋېلىڭ . ھىجايغانغا ۋە قاقاھلاپ كۈلگەنگە ھەق ئېلىنمايدۇ .

1- يۇمۇر
بىر تەخەي ئاپىسى بىلەن سامان يەۋىتىپ ، ئاپىسىدىن ، ‹‹ئاپا بىز شۇنداق جاپا تارتىپ ئىشلەپمۇ سامان يەيدىكەنمىز ، ئاۋۇ ئىنەكلەر بولسا كۈندە قوتاندا سوزۇلۇپ يېتىپمۇ قوناق يەيدىكەن ، بۇ تەڭسىزلىك ئەمەسمۇ ›› دەپتىكەن ، ئاپىسى ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ قۇيۇپ ‹‹بالام ، بىز ئۆزىمىزنىڭ كۈچىگە تاينىپ جان باقىمىز ، خەق بولسا مەيدىسىگە تاينىپ جان باقىدۇ›› دىگۈدەك .
2 – يۇمۇر
گەۋدىلىك كەلگەن ، قولىدا يوغان پىچاق كۆتۈرۋالغان بىرەيلەن ، مەسچىتكە كىرىپ ‹‹ئاراڭلاردا قايسىڭلار مۇسۇلمان›› دەپ سوراپتۇ ، بۇنى كۆرگەن جامائەت ، نىمە قىلارىنى بىلمەي تۇرغان پەيتتە ، بىر ياشانغان كىشى ، مەن مۇسۇلمان دەپ ئالدىغا چىقىپتۇ . ھېلىقى كىشى بۇ ياشانغان كىشىنى تالاغا باشلاپ چىقىپ ‹‹تاغا ، سويىدىغان بىر مۇنچە كالا بارتى ، سەن مۇسۇلمان بولغاندىكىن ، سويۇپ بەرسەڭ ، ھەققىڭنى بىرەي›› دەپتۇ ، يااشانغان كىشى ماقۇل دەپ بىر قانچە كالىنى سويۇپلا ھېرىپ قاپتۇ دە ‹‹ مەن بەك ھېرىپ كەتتىم باشقىلارنى ئىزدەپ باق ›› دەپ ، ھەققىنى ئېلىپ كىتىپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن بۇ كىشى يەنە ، شۇ يوغان ، قانغا مىلەنگەن پىچاقنى كۆتۈرۈپ ، مەسچىتكە كىرىپ ، ‹‹ئاراڭلاردا يەنە مۇسۇلمان بارمۇ ›› دەپتىكەن ، جامائەت بىردەكلا ئىمامغا قاراپتىكەن ، ھېلىقى ئىمام نىمە قىلارىنى بىلمەي ‹‹ھوي خەق ساراڭ بولدۇڭلارمۇ ، بىرەر-ئىككى قېتىم ئىمامەتچىلىك قىلغانغا مۇسۇلمان بولۇپ قالامدىم ئەمدى›› دىگۈدەك .

3 – يۇمۇر
ئىككى قوشنا پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ ، بىرسى يەنە بىرسىدىن ‹‹بېغىمغا زاراڭزا تېرىسام بولارمۇ ياكى قوناق تېرىسام بولارمۇ›› دېسە ، يەنە بىرسى ‹‹ مەنچە قوناق تېرىىسڭىز بولارمىكىن ، قويلىرىم زاراڭزىنى ئانچە ياقتۇرۇپ يەپ كەتمەيدۇ ›› دىگۈدەك .

4 – يۇمۇر
پويىزدا ، بىر بالا بەك غەلۋە قىلىپ يىغلاپ كىتىپتۇ دە ، شۇنىڭ بىلەن ياندا ئولتۇرغان كىشى چاقچاق قىلىپ ، ھېلىقى بالىنىڭ شەپكىسىنى دېرىزىدىن چۆرىگەن بولۇپ ، قوينىغا تىقىۋېلىپ ‹‹غەلۋە قىلمىساڭ ئەكەپ بېرىمەن›› دەپتىكەن ، ھېلىقى بالا يىغىدىن توختاپتۇ ، ھېلىقى كىشى ئىسقىرتىپلا قولىنى سوزۇپ قوينىدىن بالىنىڭ شەپكىسىنى چىقىرىپ بېرىپتۇ ، بىردەم ئۆتكەندىن كىيىن ئولتۇرسا ھېلىقى بالا ، بۇ كىشىنىڭ تەلپىكىنى دېرىزىدىن پىقىرتىپلا چۆرۈۋېتىپتۇ ، ھېلىقى كىشى ھەيران بولۇپ ‹‹چۆرۈۋەتتىڭغۇ ›› دىسە ‹‹ئىسقىرتە›› دىگۈدەك .

5- يۇمۇر
كۈنبويى غەرق مەستلا يۈرىدىغان بىرەيلەن ، مەستىچىلىكتە تىيلىپ كىتىپ 100 قەۋەت بىنانىڭ ئۈستىدىن پەسكە چۈشۈپ كېتىپتۇ ، بۇ مەست چۈشۈپ كېتىۋاتقاچ ‹‹ئى خۇدا بۇدا ساق قالسام ، ھەرگىز ھاراق ئىچمەيتتىم ، كۈندە بەش ۋاق نامازنى قالدۇرماي ئوقۇيتتۇم ›› دەپ ئىلتىجا قىپتۇ ، تەلىيىگە بۇ مەست ، لىق پاختا باسقان ماشىنىنىڭ ئۈستىگلا چۈشۈپ ساق قاپتۇ . مەس ئورنىدىن تۇرۇپ قارىسا پاختا باسقان ماشىنىنىڭ ئۈستىدە ساق – سالامەت تۈرغۈدەك . تۆت ئەتراپقا ئەتراپقا قارىۋېتىپ ‹‹تۆۋا خۇدايىم ، ئادەم مەستچىلىكتە ھەر نىمىلەرنى دەپ سالىدىكەن دىسە ›› دىگۈدەك .

3 نەپەر تورداشنىڭ بۇ يازمىغا پىكىرى باركەن . سىزنىڭ پىكرىڭىز يوقما ؟

  1. ئەلشات بلوگى مۇنداق يازغان:

    ھا ھا ھا بەك قىزىقارلىق كەن مەنمۇ يىرىم كۈن ھىجىيىپ ئاغزىم يۇمۇلماي قالىدىغان بولدى دە

  2. مۇئەللىم مۇنداق يازغان:

    بۇ تازا ياخشى چاقچاق بولمىدىمۇ قانداق ؟