يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى:ئاپرېل - 16 - 2011 3 ئىنكاسلىق


ئەمدىلا بىرىنچى سىنىپتا ئوقۇيدىغان بىر ئوغۇل ساۋاقداش ، مەكتەپتىن قايتقاندىن كىيىن دادىسىغا ، ئۆزىنىڭ ئاشىق – مەشۇقلار بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىلىۋالغانلىقىنى ئېيتىپ :
- ئاشىق – مەشۇقلار بايرىمى خرىستىئانلارنىڭ بايرىمى ئىكەن ، بىز بولساق يەھۇدى . ئەگەر مەن بىرەيلەنگە ئاشىق – مەشۇقلار بايرىمىدا سوۋغا تەقدىم قىلسام پەرۋەردىگار خاپا بولۇپ قالارمۇ ؟ – دېدى .
- ياق ، – دېدى دادىسى بىر ئاز ئويلانغاندىن كىيىن ، – پەرۋەردىگار خاپا بولمايدۇ . لېكىن سەن كىمگە گۈل سوۋغا قىلماقچى ؟
- بېن لادىنغا ، – دېدى ئوغلى .
- نىمىشقا بېن لادىنغا گۈل تەقدىم قىلىسەن ؟ – سورىدى دادىسى ھەيران بولۇپ .
ئوغلى مۇنداق جاۋاپ بەردى :
- مېنىڭچە ئەگەر ئامېرىكىلىق بىر يەھۇدى كىچىك بالىدا ، بېن لادىنغا گۈل تەقدىم قىلغۇدەك مۇھەببەت بار بولسا ، بەلكىم بېن لادىن يەھۇدىيلارنىڭمۇ ھەممىسى ئەسكى ئەمەسكەن دەپ ئويلىشى ، ھەتتا ئىنسانلارنى سۆيۈشى مۇمكىن . باشقا كىچىك بالىلارمۇ ماڭا ئوخشاش بېن لادىنغا سوۋغا تەقدىم قىلسا ، بېنن لادىن چوقۇم خۇشاللىقىدىن سەكرەپ كېتىدۇ . ئاندىن پۈتۈن دۇنيانى ئايلىنىپ ، باشقىلارغا بىزنى نەقەدەر ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ، بىزدىن ھەرگىزمۇ نەپرەتلەنمەيدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ .
قەلبى ھاياجانغا تولغان دادا ئوغلىغا پەخىرلىنىش ۋە خوشاللىق بىلەن قاراپ تۇرۇپ :
- ئوغلۇم ، بۇ مەن ئۆمرۈمدە ئاڭلىغان ئەڭ گۈزەل ئارزۇ ، – دېدى .
- بىلىمەن ، – دېدى ئوغلى يەنە ، – شۇنىڭ بىلەن بېن لادىن ئوچۇق – ئاشكارا يۈرۈشىگىلا بىزنىڭ ئارمىيىمىز ئۇنى ئېتىپ تاشلايدۇ .

3 نەپەر تورداشنىڭ بۇ يازمىغا پىكىرى باركەن . سىزنىڭ پىكرىڭىز يوقما ؟

  1. ئىزتىل مۇنداق يازغان:

    نېمىدىگەن تېگى بار گەپلەر بۇ -ھە ؟

  2. قوشماق مۇنداق يازغان:

    ھې ھې ..خېلى قىزىقكەن

  3. مۇخپۇل نۇردۇن مۇنداق يازغان:

    ھاھا يەھۇدىيلارنىڭ بالىلىرىمۇ بەك زەھەرخەندىكەن