يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى:ئاپرېل - 15 - 2011 2 ئىنكاسلىق


مامۇت بىلەن ساۋۇت بىر ئىدارىدە ئىشلەيتتى ، ئۇلارنىڭ مىجەزى كىلىشكەچكە يېقىن دوست بولۇپ ئۆتەتتى . بۇ ئىككى ئائىلە دائىم بىللە يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ تۇرغاچقا ، ئۇلارنىڭ ئاياللىرىمۇ يېقىن دوست بولۇپ قالدى .
بىر كۇنى ، بۇ ئىككى ئايال تويغا بېرىپ قايتاشىدا پاراڭلىشىپ قالدى .
- تۆنۈگۈنكى ئاشىق – مەشۇقلار بايرىمىدا بىز گۈزەل بىر ئاخشامنى ئۆتكۈزدۇق ، سىلەر قانداقراق ئۆتكۈزدۈڭلار ؟ – دېدى مامۇتنىڭ خوتۇنى .
- ئۇنى بىر دىمەڭ ، ئاخشام تازا قاملاشمىغان ئىش بولدى . ساۋۇت ئۆيگە قايتىپ كىلىپ كەچىلىك تامىقىنى يەپ ، ياتاق ئۆيگە كىرىپ ئۇخلاپ قالدى . سىلەر قانداق ئۆتكۈزدۈڭلار ؟ – دېدى ساۋۇتنىڭ خوتونى .
- بوپتۇ خاپا بولماڭ ، بەلكىم ساۋۇت بەك چارچاپ قالغاندۇ . – دېدى مامۇتنىڭ خوتۇنى ، – ئاخشام يۈزبەرگەن ئىشلار ھېلىھەم كۆز ئالدىمدا ، مامۇت ئۆيگە قايتىپ كىلىپلا مىنى ھەيران قالدۇرۋەتتى ، ئۇ خۇددى بىز يۈرۈۋاتقان چاغلاردىكىدەك سىرىتقا چىقىپ مەن بىلەن رومانتىك كەچلىك تاماق يىمەكچى بولدى . كەچلىك تاماقتىن كىيىن بىز قول تۇتۇشقىنىمىزچە بىرەر سائەتچە سەيلە قىلدۇق . ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە ئۇ يەنە شام ياقتى ، بىز شام نۇرى ئاستىدا بىرەر سائەتچە مۇڭداشتۇق . بەك رومانتىك بولدى .
دەل شۇ چاغدا مامۇت بىلەن ساۋۇتمۇ ئىشخانىدا مۇڭدىشۋاتاتتى .
- تۆنۈگۈن ئاخشامنى قانداق ئۆتكۈزدۈڭ ؟ – سورىدى مامۇت .
- ناھايتى ياخشى ، – دېدى ساۋۇت ئويلىنپ ئولتۇرمايلا ، – خوتۇنۇم مول كەچلىك تاماق تەييارلاپ قۇيۇپتۇ ، مەن كەچلىك تاماقنى يەپ بولۇپ ، 100 گىرام ئوينىۋېلىپ قانغۇچە ئۇخلىدىم . سەنچۇ ؟
- ئاخشام تولىمۇ قورقۇنۇچلۇق ئىش بولدى ، – دېدى مامۇت ئۇھسىنىپ ، – ئاخشام ئۆيگە كەلسەم خوتونوم تاماق قىلماپتۇ ، قورساق ئاچ بولغاچقا ئامالسىز خوتۇنۇم بىلەن سىرىتتا تاماق يىدۇق . كاۋاپ بىلەن چۆچۈرىنىڭ باھاسىنىڭ بۇنچىۋالا ئۆسۈپ كەتكىنىنى ئويلىماپتىمەن ، يانچۇقۇمدىكى پۇل تاماققا يىتىشمىگىلى تاس قالدى . كىرا قىلغۇدەكمۇ پۇل يوق . ئۆيگە پىيادە قايتتۇق . ئۆيگە كەلسەك توك توختاپ قاپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئاران تەستە شام تېپىپ ياقتىم . ھەممىدىن ئاچچىقىم كەلگىنى شۇكى ، خوتونۇم تولا كوتولداۋېرىپ ، مېنى زادىلا ئۇخلاتمىدى .

2 نەپەر تورداشنىڭ بۇ يازمىغا پىكىرى باركەن . سىزنىڭ پىكرىڭىز يوقما ؟

  1. simwol مۇنداق يازغان:

    ئەسلى ئىش مۇنداقمىتى يا ؟ ئامالسىز رومانتىكىلىق …

  2. بىلىملەر بلوگ مۇنداق يازغان:

    ھەقىقەتەن ياخشى ھېكايە ئىكەن.