يوللانغان ۋاقتى ئاپرېل 9th, 2011

يوللىغۇچى: قۇناخۇن يوللانغان ۋاقتى :ئاپرېل - 9 - 2011 2 ئىنكاسلىق
Motosikilit

يېقىندىن بۇيان مەھەللەمدىكى ياش بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى دېگۈدەك موتسىكلىت مىنىپ ، ماشىنا – ھارۋا ، تام – تۇرۇس ، دەل – دەرەخلەرگە بىرەر قېتىمدىن كۆڭلىنى ئىزھار قىلىپ ئۆتتى . ئارسىدىن بەزىلىرى ئاتا – ئانا ، ئۇرۇغ -تۇغقان ، يارە – بۇرادەرلىرىنى داغدا قۇيۇپ كۆزىنى يۇمدى . نېمە دەيمىز ھەممىسى دېگۈدەك ، بارمۇسەن دىسە ، يەرنى تېپىپ تۇرۇپ بار دېگۈدەك بالىلار ئىدى . مەھەللە كويدا بولۇۋاتقان بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ ئىچىم سىيرىلىپ تۇرغان پەيىتتە ، خوتۇنىدىن ئۆلگۈدەك دۇمبا يەپ قېچىپ چىققان بىرەيلەن ، موتسىكلىتتا قۇيۇنتازدەك كېلىپ بىزنىڭ پىنھان تازنىمۇ سوقۇپ تاشلاپ ئېڭىكىنى چېقىپ تاشلاپتۇ . بىزنىڭ پىنھان تاز ئۆزى مىنگەن موتسكلىتنىڭ ساق قېلىپ