يوللىغۇچى: قۇناخۇن يوللانغان ۋاقتى:ئاپرېل - 9 - 2011 2 ئىنكاسلىق

يېقىندىن بۇيان مەھەللەمدىكى ياش بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى دېگۈدەك موتسىكلىت مىنىپ ، ماشىنا – ھارۋا ، تام – تۇرۇس ، دەل – دەرەخلەرگە بىرەر قېتىمدىن كۆڭلىنى ئىزھار قىلىپ ئۆتتى . ئارسىدىن بەزىلىرى ئاتا – ئانا ، ئۇرۇغ -تۇغقان ، يارە – بۇرادەرلىرىنى داغدا قۇيۇپ كۆزىنى يۇمدى . نېمە دەيمىز ھەممىسى دېگۈدەك ، بارمۇسەن دىسە ، يەرنى تېپىپ تۇرۇپ بار دېگۈدەك بالىلار ئىدى . مەھەللە كويدا بولۇۋاتقان بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ ئىچىم سىيرىلىپ تۇرغان پەيىتتە ، خوتۇنىدىن ئۆلگۈدەك دۇمبا يەپ قېچىپ چىققان بىرەيلەن ، موتسىكلىتتا قۇيۇنتازدەك كېلىپ بىزنىڭ پىنھان تازنىمۇ سوقۇپ تاشلاپ ئېڭىكىنى چېقىپ تاشلاپتۇ . بىزنىڭ پىنھان تاز ئۆزى مىنگەن موتسكلىتنىڭ ساق قېلىپ ، ئېڭىكىنىڭ چېقىلىپ كەتكىنىگە ئىچى سىقىلسىمۇ ئامال يوق ، 4 سائەتلىك ئوپراتسىيەگە چۈشۈپ ، ناركوز تۇتماي ئۇ دۇنيانىڭ دېرىزىسىدىن ماراپ ، دەرۋازىسىغا تۆتنى تېپىپ قېچىپ كەپتۇ . پاراڭلىشىپ قالساق ، شۇ ئىشلارنى سوراپ قويسام ، بارلىق كەلگۈلۈك شۇ ۋەقەدىن باشلاندى دەپ ئىچى سىقىلىپ قالىدۇ .
بۈگۈن لەڭپۇڭ ساتقاچ ئولتۇرۇپ ، ئەبگا موتسىكلىتنى قۇيۇندەك چاپتۇرۇپ ماڭغان بىر بالىنى كۆرۈپ ، ئۆزەمچە ئىلھامىم تاراقشىپ قالدى ، شۇڭا قاملاشمىسىمۇ بىر نەرسىلەرنى يېزىپ باقتىم . لاۋزا تېتىپ قالسا تىللىماي ئوقارسىلەر . مەكتەپتە ئوقۇمىغان ئادەمدە شۇنچىلىك سەۋىيە بولىدىكەن . قانداق قىلىمىز .

موتسىكلىت مىنگۈچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بىر نەچچە خىل ئالاھىدە چارە

1. ھەر ۋاقىت چېچىڭىزنى رەتلىك تاراپ ، قاتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ، موتسىكلىت مىنىپ يولغا چىقىڭ .
بۇنىڭ بىخەتەرلىك بىلەن مۇناسىۋېتى بارمۇ دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن ، بىۋاستە مۇناسىۋېتى بولمىسىمۇ ئەلۋەتتە ۋاستىلىك مۇناسىۋېتى بار . ئوبدان ئويلاڭ ، ئادەم دىگەن گۈزەللىكنى قوغلىشىدىغان مەخلۇق ، گۈزەللىككە ئىنتىلىش ئىنساننىڭ تۈپكى خۇسۇسىيىتى . ئېنىقكى بۇ چاغدا سىز ، چېچىڭىزنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن ، گۈزەللىكىڭىزگە نۇقسان يىتىشىدىن ئەنسىرەپ ، موتسىكلىتنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىسىز ، چۈنكى ئاران قاتۇرۇپ ، رەتلىك تارىغان چېچىڭىزنىڭ بۇزۇلۇپ كىتىشىنى خالىمايسىز ، بەلكىم يول بويىدا ساھىپجامال قىزلارمۇ ئۇچراپ قېلىشى مۇمكىن ، چېچىڭىزنىڭ سىۋەتتەك چۇۋۇق ھالىتىنى شۇ ئوماقلارنىڭ كۆرۈشىنى خالامسىز ؟؟؟
2. تەبىئەتتىن ھۇزۇرلىنىشنى موتسىكلىت مىنگەندىمۇ ئۇنتۇماڭ .
يول بويىدىكى ھەر خىل گۈل – گىياھ ، دەل – دەرەخلەر سىزنىڭ ھۇزۇر ئېلىشىڭىز ئۈچۈن ئۆستۈرۈلگەن ، نىمىشقا ئۇلاردىن ھۇزۇرلانمايسىز ؟ بىر كۈندىكى مەنزىرە بىلەن يەنە بىر كۈندىكى مەنزىرە ئەلۋەتتە ئوخشىمايدۇ . بۈگۈن ئېچىلمىغان گۈل ئەتە ئېچىلىپ قېلىشى مۇمكىن ، تۇنۇگۈن ئېچىلغان گۈل بۈگۈن تېخىمۇ خۇشپۇراق چېچىپ جۇلالىنىشى مۇمكىن ، كۆزىڭىزنىڭ ئۇچۇق ۋاقتىدا ، سىرتقا چىقىپ تەبىئەتنىڭ مۇشۇنداق گۈزەللىكىنى تاماشا قىلالايدىغان ۋاقىتتا موتسىكلىتىنى قۇيۇندەك ھەيدەپ ئۆزىڭىزنى بۇ ھۇزۇرلىنىش ھوقوقىدىن مەھرۇم قىلماقچىمۇ ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا سىز بەك ئەخمەقكەنسىز . قېرىغىنىڭىزدا ياكى ماڭالمايدىغان ، كۆرەلمەيدىغان كىسەلگە مۇپتىلا بولغىنىڭىزدا)خۇدا ساقلىسۇن( تەبىئەتتىن ھۇزۇرلانمىغىنىڭىزدىن چوقۇم پۇشايمان يەيسىز .
3. موتسىكلىت مىنىشنى نىشانغا تىزراق يىتىشنىڭ ۋاستىسى دەپ ئويلىۋالماڭ
ئەلۋەتتە ، نۇرغۇن كىشلەر موتسىكلىت مىنىشنى نىشانغا تىزراق يىتىشنىڭ ۋاستىسى دەپ ئويلاپ قالىدۇ . بىراق بىز مۇسابىقىگە چۈشىدىغان كىشلەر بولمىغاندىكىن ، سۈرئەتنى موتسىكلىتنىڭ بىرىنچى ئالاھىدىلىكى دەپ ئويلىۋالماي ، سەپەرگە چىققاندا ھېرىپ كېتىشتىن ساقلايدىغان مىخانىزىم دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ . بەرىبىر بىز موتسىكلىت مىنىپ ئاقسۇدىن ئۈرۈمچىگە ، ئۈرۈمچىدىن ئاقسۇغا قاتنىمايمىز ئەلۋەتتە . موتسىكلىت مۇسابىقىسىگە چۈشكەنلەرمۇ ئۆزىنىڭ خېيىمخەتەرگە ئۇچراش ئېھتىماللىقنى نەزەردىن ساقىت قىلماي تۇرۇپ ، ئىدىيە جەھەتتە تەييارلىق كۆرۈپ قۇيۇپ مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ ، بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى ، موتسىكلىتتا قانچىكى تىز ماڭسىڭىز ، خەتەرگە شۇنچە يېقىنلايسىز . ھىچىكىمۇ موتسىكلىت مىندىم دەپ پۇت – قولىنى سۇندۇرۋېلىشنى خالىمايدۇ دە . شۇڭا خالىغانچە يايراپ يۈرۈشىڭىز ئۈچۈن سۈرئەتنى ئاستىلىتىڭ .

ئاخىردا يەنە شۇنى دەيمەنكى 10 تۈرلۈك چارە يازساممۇ ھەممىسى سۈرئەتنى ئاستىلىتىڭ دىگەن ئىدىيەنى ئىپادىلەيدۇ خالاس ، سۈرئەت ئاستا بولسا تورمۇزمۇ جايىدا تۇتىدۇ . خەتەرمۇ ئازلايدۇ .
تولۇقلىغۇسى كەلگەن تورداشلىرىمنىڭ تارتىنىپ ئولتۇرماي داستىخانغا ، موتسىكلىت مىنگۈچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئۆزگچە چارىلىرىنى تاشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

2 نەپەر تورداشنىڭ بۇ يازمىغا پىكىرى باركەن . سىزنىڭ پىكرىڭىز يوقما ؟

  1. تۇمارىس مۇنداق يازغان:

    ھى ھى ھى قۇناخۇننىڭ قىزىق گەپلىرىنى ئاڭلىمىغىلى ئۇزۇن بوپتىكەن.ئەجەپ پۇخادىن چىقتىم.

  2. قوشماق مۇنداق يازغان:

    قايسى كۈنى بىر يېزىغا چىقسام 3 تاز بىر موتوغا مىنىپ ئۆلگىلى ماڭغاندەك قۇيۇندەك مڭىپ ئالدىمدىن ئۈتۈو كەتتى ،توۋا ! مەدىنيەت سەۋيە بولمىسا ئاجايىپ بولدىكەن ، قايسىى ئەڭ ئالدىدا ،قايسىىنىڭ موتسىكلىتى تېز ماڭسا شۇ نوچى ئوخشايدۇ …