
مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى (ھىكايە) نۇر روزى بەقەسەم تون كىيگەن ئوتتۇز ياشلار چامىسىدىكى ئاق پىشماق ئادەم كۆك سىرلانغان كەڭ دەرۋازىدىن ئاق بوز ئاتنى يورغىلتىپ كىرىپ كەلدى . ئۇ ، مەكتەپ سەھنىسىنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە ، تىزگىنىنى يەڭگىل تارتتى . ئات توختاپ ، سوزۇپ – سوزۇپ ئىككى قېتىم كىشنىدى- دە ، ئالدى پۇتلىرى بىلەن يەرنى چاپچىشقا باشلىدى ، دەل شۇ چاغدا مەكتەپ ئىشخانىسىنىڭ ئالدىنى سۈپۈرۋاتقان ياشقىنا خىزمەتچى چۆچۈپ ئارقىسىغا قارىدى ۋە يۈگۈرۈپ كىلىپ ئاتنىڭ تىزگىنىنى قولىغا ئالدى : – تىنىچ-ئامان كەپلا مۇدىر ؟ – دېدى ئۇ ئىگىلىپ تۇرۇپ . ئۇ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىلىك ئېلىشىنى كۈتمەيلا ، ئۇنى قولتوغىدىن يۆلەپ ئاتتىن چۈشۈردى . -