يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى:ئاپرېل - 14 - 2011 ئىنكاسسىز

يازمىنىڭ تېمىسىلا كۆپ قىسىم تورداشلارنى گاڭگىراتقان بولۇشى مۇمكىن ، بارماق دېسكىنىغۇ ھەممىمىز بىلىمىز ، بىراق بۇ قوزغىتىش دېسكىسى دىگەن نىمە ئەمدى ؟ بۇ توغىرلىق ئۆزەمنىڭ بىلگىنىچە چۈشەنچە بېرىپ قويمىسام ، تورداشلار بۇ دىتالنى نىمىگە ، قانداق ئۇرۇنغا ئىشلىتىشنى چۈشەنمەي قېلىشى مۇمكىن .
قوزغىتىش دېسكىسى دىگىنىمىز ، كومپىيۇتېر قوزغالغاندا ، BIOS نىڭ تەڭشەكلىرى تولۇق تەكشۈرۈلۈپ بولۇپ ، نورمال قوزغىلىشىقا ئىجازەت بىرىلگەندىن كىيىنىكى ، مەشغۇلات سېستمىسى قوزغلىشىتىن ئاۋۋالقى بىر بۆلەك ۋاقتتا ، بىزنىڭ تەڭشىكىمىز بويىچە قوزغىلدىغان ، قوزغاتقۇچ (نۇر دېسكا ، قاتتىق دېسكا ، يان دېسكا ، بارماق دېسكا …. قاتارلىقلار) ، قوزغىتىش دېسكىسى بولىدۇ ، ئادەتتە كومپىيۇتېرنىڭ ئەسلىدىكى تەڭشىكى قاتتىق دېسكا بولۇپ ، بىز سېستىما قاچىلاش ئېھتىياجى بىلەن نۇر دېسكا قوزغىلدىغان قىلىپ تەڭشەپ ، مەشغۇلات سېستىمىسىغا كىرمەي تۇرۇپ ، سېستىما قاچىلاش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارىمىز . سېستىما قاچىلاش مەشغۇلاتى ئۈچۈن كۆپ ھاللاردا نۇر دېسكىنى قوزغىتىش دېسكىسى قىلىپ ئىشلىتىمىز ،لىكىن بارماق دېسكىنىمۇ قوزغىتىش دېسكىسى قىلىپ ئىشلىتىش تامامەن مۇمكىن . بۇنىڭ نۇر دېسكىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان تەرىپى شۇكى ، نۇر دېسكىغا ئوخشاش ، دېسكا يۈزى كونىراپ كەتسە كومپىيۇتېر ئوقۇيالمايدىغان ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ ئەڭ مۇھىمى شۇكى بارماق دېسكىغا قايتىدىن ماتىريال قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ .
بۇ قورالنى چۈشۈرۈپ ، پىرىسنى يەشكەندىن كىيىن ، ياردەم ئىسملىك رەسىم ھۆججىتنى ئاچسىڭىز ، قانداق قاچىلاپ ، قانداق تەڭشەش توغىرلىق ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈشنى كۆرەلەيسىز ، شۇ چۈشەندۈرۈش بويىچە قىلسىڭىز مۇۋەپپىقىيەت قازىنالايسىز .
ئەسكەرتىش : BIOS نىڭ بىرىنچى قېتىم قوزغىدىغان قوزغتقۇچ تەڭشىكى USB غا ئائىت تۈرگە توغىرلىنىشى كىرەك .

دىتالنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

دىتالنى چۈشۈرۈش

چۈشۈرۈش بېتىگە كىرىپ 立即下载 دىگەن خەتنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ .