يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى:ئاپرېل - 19 - 2011 1 ئىنكاسلىق

مۇزېيغا ئوغرى چۈشۈپ ئەڭ قىممەت باھالىق بىر نەچچە گۆھەر يوقاپ كەتتى .
بۇ ئىشنى كەسپىي ئوغرىلار قىلغان بولۇپ ، ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى ئوغرىلارنىڭ قولىدىن كەلمەيتتى . سىگنال قوڭغۇرىقىنى بۇزۇش ، بىخەتەر ئىشكاپىنى ئېچىش ، ماشىنا ئادەم بىلەن ماسلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىش ، يەنە كېلىپ يېرىم يولدا ماشىنا ئالماشتۇرۇش دېگەندەكلەرنى ئويلاشقاندا ئاز دېگەندىمۇ بەش ئادەم كېتەتتى .
ھۆكۈمەت تەرەپ يىپ ئۇچ بىلەن تەمىن ئەتكۇچىلەرنى كاتتا مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى . مۇزېي باشلىقىمۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلدى .
ئۇ كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە تىترەپ تۇرۇپ :
- ئوغرىلانغان ئۇن ئۈچ گۆھەرنىڭ ھەممىسى ئېىسل بۇيۇملاردىن ، بولۇپمۇ يېشىل قاشتېشى ئۈزۈكتىن دۇنيادا پەقەت بىرىلا بار . ئۇ كىمنىڭ قولىدا بولۇشتىن قەتئىينەزەر ھامان بايقىلىپ قالىدۇ ، چۈنكى ھەر قانداق بىر ئادەم ئۇنىڭ بىباھا گۆھەر ئىكەنلىكىنى بىر قاراپلا بىلەلەيدۇ ، – دېدى .
ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي بۇ دېلو پاش بولدى . بۇ ئوغرىلار پىلاننى ئەتراپلىق تۈزۈپ ئازراقمۇ يىپ ئۇچى قالدۇرمىغان بولسىمۇ ، ئىچكى ماجىرا تۈپەيلىدىن ئۆز – ئارا ئوق چىقىرىشىپ بايقىلىپ قالغاندى .
يارىلانغان ئوغرى كىسەل كارىۋىتىدا ياتقىنىچە ئىشنىڭ جەريانىنى سۆزلەشكە باشلىدى :
- ئەينى ۋاقىتتا مەن بىلەن يەنە بىرەيلەن ئوغرىلىققا چۈشۈپ پەقەت ئون ئىككى پارچە رەسىمنىلا ئوغىرلىغاندۇق . ھېچقاچان يېشىل قاشتېشى ئۈزۈك يوق ئىدى ، لېكىن سىرتتىكى نەچچەيلەن ماڭا ئىشەنمەي ، ئۈزۈكنى چىقار دەپ تۇرۇۋالدى . ئاخىر دوستۇممۇ ماڭا ئىشەنمىدى . مەن راستىنلا ئالمىدىم ! سىلەر ماڭا ئىشىنىڭلار! – دېدى ئۇ توۋلىغىنىچە .
- مەن ئۇنىڭغا ئىشىنىمەن ، – دېدى مۇزېي باشلىقى ئون ئىككى پارچە رەسىمنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كىيىن ، – خۇداغا شۈكۈر ، ئو ئىككى پارچە رەسىم ساق – سالامەت قايتىپ كەلدى . يېشىل قاشتېشى ئۈزۈككە كەلسەك ، مەن خاتالىشىپتىمەن ، بىزنىڭ مۇزېيدا ئەزەلدىن يېشىل قاشتېشى ئۈزۈك يوق ئىدى ، – دېدى كۈلۈمسىرىگىنىچە .

1 نەپەر تورداشنىڭ بۇ يازمىغا پىكرى باركەن. سىزنىڭ پىكرىڭىز يوقما ؟

  1. بىرزات مۇنداق يازغان:

    ئەقىل پاراسەتنى ئاچقدقغان ھېكايە ئىكەن ماۋۇ. كۈندە يوللاپ تۇرسىلا قۇناخۇن. ئەگەر بلوگلىرى مۇشۇ تەرىقىدە ماڭسا ئاز كۈن ئۆتمەي ئۇيغۇردىكى داڭلىق بلوگلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغۇدەك.