يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى:ئاپرېل - 19 - 2011 ئىنكاسسىز


تورداشلارغا شۇنى بىلدۈرمىزكى ، تور دۇنياسىدىكى مېھىر – شەپقەت ئەلچىسى، ‹‹ بىر سوم پىلانى ›› نىڭ مەسئۇلى،بىر مەزگىل ‹‹ ئەبجەش چۈش ›› كۆرۈپ داڭقى چىققان ‹‹ مەجنۇن ››، تورداشلارغا تونۇلغان ساتېرىك شائىر ۋاپادارىم ( ئەيساجان نىزامىدىن ) شەرەپ بىلەن 10 – نۆۋەتلىك ‹‹ شىنجاڭ 4 – ماي مېدالى ›› مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى. مەزكۇر مۇكاپات شىنجاڭ ياشلىرى ئۈچۈن ھۆكۈمەت تەرەپتىن بېرىلىدىغان ئەڭ ئالىي شەرەپ بولۇپ، ھەر ساھەدىن خىللانغان دەۋر روھىغا ئىگە مۇنەۋۋەر ياشلارغا بېرىلىدۇ. نۆۋەتتە، مەزكۇر باھالاش بېلەت تاشلاش باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ، ۋاپادارىم بىلەن بىرگە جەمئىي 30 نەپەر ياش نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن. شۇ تاپتا، بېلەت تاشلاش ناھايىتى كەسكىن داۋام قىلماقتا. مۇزات بلوگى كەڭ تورداشلارنى تور دۇنيايىمىزدىن بالقىغان بۇ چولپان توردىشىمىزغا قىزغىنلىق بىلەن بېلەت تاشلاشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

بېلەت تاشلاش مەنزىلى:
بۇ جاينى بېسىپ بېلەت تاشلايسىز، بېسىڭ
تاشلاش ئوبيېكتى: 21 – نومۇرلۇق ئەيساجان نىزامىدىن
تەپسىلات: تەڭرىتاغ تورىدا

تورداشلارنىڭ مەزكۇر تېمىنى باشقا مۇنبەر، بلوگ، مىكرو بلوگلاردا كەڭ تەشۋىق قىلىشىنى قارشى ئالىمىز!