
تولا تالىشىپ ھېرىپمۇ كەتتۇق . شۇڭا قىززىق يۇمۇرلاردىن ئوقۇپ كاللىمىزنى ئارام ئالدۇرايلى دىگەن مەقسەتتە بىر قانچە يۇمۇر يوللىدىم ، ياقتۇرۇپ ئوقارسىلەر ، خالتىسىغا يۇمۇر توشقان تورداشلارنىڭمۇ ، يۇمۇرى بولسا يېزىپ قۇيۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن . 1. مايور جېك دۈشمەنلەرنىڭ يوشۇرۇن زەربىسىگە ئۇچراپتۇ ، قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك قۇربان بولۇپ ، بىر جەڭچىنىڭ شىددەتلىك قارشىلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسدە ، ئۇلار مۇھاسىرىدىن بۆسۈپ چىقىپتۇ . گزارمىغا قايتقاندىن كىيىن ئەسكەرلەر مايورنى قولىنى چىڭ سىققىنچە مۇبارەكلەپتۇ . – ئۇنى مۇبارەكلاڭلار ، بۇ ئۇنىڭ تۆھپىسى ، – دەپتۇ مايور ، ھېلىقى جەڭچىنى كۆرسىتىپ . كۆپچىلىك گاڭگىراشقان ھالدا جەڭچىنىڭ قولىنى سىقىپ تۇرۇپ مۇنداق دەپتۇ : – مۇبارەك بولسۇن