
جوينىڭ ھەمىشە بېشى ئاغرىيتتى ، يېشىنىڭ چوڭىيىشى بىلەن بۇ كېسەل تېخىمۇ ئېغىرلاپ كەتتى . ئۇ نۇرغۇن دوختۇرغا كۆرۈنگەن بولسىمۇ ، ئەمما كېسىلىنى يىلتىزىدىن داۋالاپ ساقايتىدىغان ئۇسۇلنى تاپالمىدى . ئۇ ئۈمىدىنى ئۈزەي دەپ تۇرغاندا ، بۇ خىل كېسەلنى داۋالىيالايدىغان بىر دوختۇرنى ئۇچرىتىپ قالدى . دوختۇر ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى : – بىر خۇش خەۋەر ، بىر شۇم خەۋەر بار . خۇش خەۋەر شۇكى ، كېسىلىڭىزنى تۈپ يىلتىزىدىن ساقايتالايمەن . شۇم خەۋەر شۇكى ، چوقۇم ئاختا قىلىش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇشىڭىز كېرەك . بېشىڭىزنىڭ ئاغرىشى ئۇرۇقداننىڭ ئومۇرتقا يىلتىزىنى بېسىۋېلىشى سەۋەبىدىن بولغان . بۇ خىل بېسىمنى تۈگىتىشتىكى بىردىنبىر ئامال ئۇرۇقداننى كېسىپ ئېلىۋېتىشتۇر . ئۇ بۇ گەپنى