ئۇزۇن بولۇپ كەتتى بىلوگىمىزغا ناخشا يوللىمىغىلىمۇ بولۇپ كەتتى ، ھەپتە ئاخىرغىچە تورداشلارنىڭ ناۋات سالغان چايدەك تاتلىق ناخشا ئاڭلىشىنى مەقسەت قىلىپ ، ئەنۋەر غەنىيىۋ ئىجراسىدىكى بۇ تاتلىق ناخشىنى يوللىدىم . بارلىق تورداشلىرىمىڭ ھەپتە ئاخىرغىچە بۇ ناخشىغا ئوخشاش تاتلىق كۈنلەرگە ئىرىشىشىنى تىلەيمەن . ناخشىچى ئەنۋەر غەنيىۋ ، ئۆزبىكىستاندا مۇئەييەن تەسىرگە ئىگە ناخشىچى بولۇپ ، ناخشىلىرىنىڭ مۇڭلۇقلۇقى ، ئاۋازىنىڭ يۇمشاقلىقى بىلەن داڭلىق .
ناخشا – ئالدىدىڭ
تېكىستى :
نىگاھىڭدىن چوغلەندى دىلىم ، (كۆزلىرىڭدىن ئوت ئالدى دىلىم )
تەرىپىفىڭگە چوغلەندى تىلىم . (تەرىپىڭگە چوغلاندى تىلىم )
قانداي شىرىن قانداي چىرايلى ، (قانداق شىرىن قانداق چىرايلىق)
ئالدادىڭا مېنى سەۋگىنىم . (ئالدىدىڭغۇ مىنى سۆيگۈنۈم)
مىھىرگە زار ئەسلىدە ئىنسان . (مىھىرگە زار ، ئەسلىدە ئىنسان)
ئەركىلەسەڭ شەرتتە تۇتەر جان . (ئەركىلىسەڭ جانمۇ تەسەددۇق )
مۇھەببەت بۇ بىگۇناھ يالغان ، (مۇھەببەت بۇ بىگۇناھ يالغان)
ئالدادىڭا مېنى سەۋگىنىم . (ئالدىدىڭغۇ مىنى سۆيگۈنۈم)
سېۋىپ قالدىم شىرىن ئەلەملى ، (سۆيۈپ قالدىم شىرىن ، ئەلەملىك )
سۋېپ قالدىم چىرايلىغەمنى . (سۆيۈپ قالدىم ، چىرايلىقمنى )
نىچۇن سېنىڭ كۆزلىرىڭ نەملى . (نىمە ئۈچۈن كۆزلىرىڭ نەملەندى )
ئالدادىڭا مېنى سەۋگىنىم . (ئالدىدىڭغۇ مىنى سۆيگۈنۈم)
بۇ ناخشىنىڭ سۈزۈك نۇسخسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
چۈشۈرۈش بېتىگە كىرىپ 立即下载 دىگەن خەتنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ .
بولىدىغان ناخشىكەن
يېقىملىق ناخشىكەن، ئاڭلاپ، ئاڭلاپ، ئاڭلىۋەتتىم تەكرار تەكرار………..ناخشا تىكىستىنىڭ ئىسىمدە قالغانلىرىنى غىڭشىپ ئېيتىپ قويدۇم تېخى
ھەقىقەتەن تاتلىقكەن ، بىلوگىڭىزغا باسقان تۇنجى قەدىمىمدە شۇنداق تاتلىق ناخشىدىن بىرنى ئېلىۋالدىم ، رەھمەت ! يەنە كىلىپ تۇرغايمەن .
ۋاي بۇرادەرلەر مەن ناخشا يوللاي دېگەن قانداق يوللاشنى بىلەلمەي قالدىم..ئەزاللار ناخشا يوللىيالمامدۇ يا!
بەتنىڭ ئەڭ تىگىدىكى ئالاقىلىشىش ۋاستىسى ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ