يوللانغان چاقتى ئاپرېل, 2011

يوللىغۇچى: قۇناخۇن يوللانغان ۋاقتى :ئاپرېل - 29 - 2011 8 ئىنكاسلىق
BoldiBesAlimjangha

بۇ توغىرلىق ئەمدى گەپنى ئۈزمىسەكمۇ بولمايدىغان يەرگە كېلىپ قالدى . تور بەتلەردە ئالىمجان توغىرلىق مۇنازىرىلەر قايناپ ، ئىلمى كەيپىيات بۇزۇلۇپ ، فىزىكىغا سۆگەل چىقىش ئالدىدا تۇرغاندەك قىلىدۇ . يېقىندا ئىچكىردىكى بىر ئەلپەنچى خەننىڭ ياسىغان ماتورى توغىرلىق خەۋەر تارقىلۋىدى ، نۇرغۇن تورداشلار بىزنىڭ ئالىمجان ئالىمجان ئاۋۋال ياساپ بولغان دەپ مەغرۇرلىنىشىپ كېتىشىپتۇ . تورداشلارنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك ئالىمجاننىڭ ماتورىنىڭ قانداق پىرىنسىپ ئاساسىدا ھەركەتلىدىغانلىقى ۋە ئىشلىتىش قىممىتى ھەققىدە ئالىمجاننىڭ ماتورى VS ئۇيغۇرنىڭ IQ سى دىگەن تېمىدا توختىلىپ ئۆتكەن ئىدىم . قىسقىسى ئالىمجاننىڭ بۇ ماتورىنىڭ ھاۋانى يېقىلغۇ قىلمايدىغانلىقى ، ھاۋانىڭ سىقىش كۈچىدىن پايدىلىندىغانلىقى ۋە بۇنىڭ ئىشلىتىش قىممىتىنىڭ يوقلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن ئىدىم . ئالىمجاننىڭ ئاتالمىش

يوللىغۇچى: قۇناخۇن يوللانغان ۋاقتى :ئاپرېل - 29 - 2011 13 ئىنكاسلىق
SehraliqlarOzenglarniBiliwilinglar

بۇ ماقالىنى يېزىش ، ياكى يازماسلىق توغرىسىدا كۆپ ئىككىلىنىپ كەتتىم . ئاخىرى يازاي دەپلا نىيەت قىلىپ يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن ، بەلكىم بۇ ماقالىدا بىر تەرەپلىمىلىك خاھىشى بولۇشى مۇمكىن . ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىنلىق بىلەن پىكىر قىلىپ ماقالىنىڭ مەزمۇنىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . بىرىنچى ۋەقەلىك : يولدا كېتىپ بېرىپ ، قورسىقىنىڭ ئاچقانلىقىنى ھالسىز قەدەملىرىدىن بىلگىلى بولىدىغان بىر ياشانغان ئايالنىڭ ، يۈزىنىڭ تاياق زەربىسىدىن كۆكىرىپ كەتكىنىنى ، كۆزىنىڭ تاياق زەربىسىدە قىزىرىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ گەپ سوراپ قالدۇق . ئۇ ئايالنىڭ دېيىشىچە ئوغلىنىڭ بالىسىغا قارىغاچ كىر يۇيۇۋاتقان ئىكەن ، كىچىك بالا بىر چەتتىكى ئوچاقنىڭ ئالدىغا چۈشۈپ كەتكەن چوغنى تۇتۇپ ئويناپ قولىنى كۆيدۈرۋاپتۇ

يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى :ئاپرېل - 28 - 2011 3 ئىنكاسلىق
TashqiPlantAdemliri

تاشقى پىلانىت ئادەملىرى ئۇزۇندىن بۇيان تاشقى پىلانت ئادەملىرى ۋە UFO )تاشقى پىلانت ئادەملىرىنىڭ قاتناش قورالى بولمىش ئۇچار تەخسە ئادەتتە UFO دەپ قىسقارتىلىپ ئاتىلىدۇ ( ھەققىدە نۇرغۇن تالاش – تارتىشلار بولۇپ كېلىۋاتىدۇ ، بەزىلەر تاشقى پىلانت ئادەملىرى يوق ، يەرشارىدىن باشقا پىلانتىدا جانلىق يوق دېسە ، بەزىلەر تاشقى پىلانت ئادەملىرى ھەقىقەتەن مەۋجۇت ، ئۇلار ئۆزى ياشغان پىلانتنىڭ مۇھىتىغا ماسلاشقان ھەم ئىلغار پەن – تېخنىكىغا ئىگە دەپ قارايدۇ . ھازىرغا قەدەر تاشقى پىلانت ئادەملىرى ۋە UFO غا ئائىت ئىشەنچىلىك خەۋەر ياكى ماتېرىياللار بولۇپ باقمىدى . تۆۋەندىكىسى تاشقى پىلانت ئادەملىرى توغىرلىق تارتىلغان رەسىملەر بولۇپ ، راستلىقىغا بىر نىمە دىيىش قىيىن . كىنولاردىكى تاشقى

يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى :ئاپرېل - 26 - 2011 6 ئىنكاسلىق
EnwerGhenyiwIjrasidaAldiding

ئۇزۇن بولۇپ كەتتى بىلوگىمىزغا ناخشا يوللىمىغىلىمۇ بولۇپ كەتتى ، ھەپتە ئاخىرغىچە تورداشلارنىڭ ناۋات سالغان چايدەك تاتلىق ناخشا ئاڭلىشىنى مەقسەت قىلىپ ، ئەنۋەر غەنىيىۋ ئىجراسىدىكى بۇ تاتلىق ناخشىنى يوللىدىم . بارلىق تورداشلىرىمىڭ ھەپتە ئاخىرغىچە بۇ ناخشىغا ئوخشاش تاتلىق كۈنلەرگە ئىرىشىشىنى تىلەيمەن . ناخشىچى ئەنۋەر غەنيىۋ ، ئۆزبىكىستاندا مۇئەييەن تەسىرگە ئىگە ناخشىچى بولۇپ ، ناخشىلىرىنىڭ مۇڭلۇقلۇقى ، ئاۋازىنىڭ يۇمشاقلىقى بىلەن داڭلىق . ناخشا – ئالدىدىڭ تېكىستى : نىگاھىڭدىن چوغلەندى دىلىم ، (كۆزلىرىڭدىن ئوت ئالدى دىلىم ) تەرىپىفىڭگە چوغلەندى تىلىم . (تەرىپىڭگە چوغلاندى تىلىم ) قانداي شىرىن قانداي چىرايلى ، (قانداق شىرىن قانداق چىرايلىق) ئالدادىڭا مېنى سەۋگىنىم . (ئالدىدىڭغۇ مىنى سۆيگۈنۈم) مىھىرگە زار

يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى :ئاپرېل - 26 - 2011 1 ئىنكاسلىق
KordingizmuMawuYishilMAshinini

ياز كەلدى ھاۋا ئىىسىدى . بۇنداق يازنىڭ ئىسسىقىدا چىرايلىق قىزلارنى كۆرسىڭىزغۇ ئىرىپ ئاسفالىتقا چاپلىشىپ قالغىلى تاس قالىدىكەنسىز . بۇنداق ئىسسىقتا ئەڭ ياخشىسى چىرايلىق قىزلارغا قارىماي ، مۇز چىراي بەتبەزىرە قىزلارغا قاراپ سالقىندىساق بولىدىغان ئوخشايدۇ(ھى ھى ) . ئۇششاق گەپمۇ قىلغان بولدۇق ، ئىچكىردىكى خەنلەرنىڭ پوسمىسىمۇ چىغ بولىدىغان ، ئەمدى بۇلار پوسما بىلەن ماشىنىنى بىر يۈرۈش قىلىپ چىغدىن ياساپ چىقىپتۇ . قېنى كۆرۈپ باقايلى .

يوللىغۇچى: پاسىبان يوللانغان ۋاقتى :ئاپرېل - 25 - 2011 6 ئىنكاسلىق
CharchidingizmuBirdemResimKorung

ئىشتىن قايتىپ چارچىغاندا بىرەر تال مۇزىكا ئاڭلاپ قويۇش، چۈچۈك بىرقانچە رەسىم كۆرۈپ قويۇش كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ئادىتى بولسا كېرەك. بېسىمنىڭ تۈرلىرىمۇ كۆپىيىپ كەتتى. بۇرۇن كامىرغا يەل ئۇرغاندا چاقتىكى يەلنىڭ بېسىمى دەپ شۇ بېسىمنى بىلەتتىم. مەكتەپتە ئوقۇغاندا ھاۋا بېسىمىنى بىلدىم. كىيىن قان بېسىم پەيدا بولدى. خىزمەتكە چىققاندىن كىيىن خىزمەت بېسىمىنى ھېس قىلىپ يەتتىم. ئىتوت كۆرۈپ خان بېسىمىنى ئاڭلىدىم. ئەمدى يېقىندا بلوگ يېزىپ بلوگ بېسىمى بوپقالدىم… تۆۋەندىكى بىرقانچە پارچە رەسىملەر بۇ بېسىملارنىڭ قايسىسىغا قانچىلىك پايدا قىلاركىن بىلمىدىم…. ھۆكىرىسەك تۈزۈك ھۆكىرە! بولمىسا … ئۇزۇنغا سوزۇلغان نۇتۇق پىداكار دەل ۋاقتىدا «قۇتقازدى» ۋوي جايىڭغا قايتىپ كەل! ئۆزۈڭنى بېسىۋال! ھازىر خىزمەت ۋاقتى! ئېيىقچاقنىڭ قورىسقى ئېچىپتىكەن، «تاماق

يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى :ئاپرېل - 25 - 2011 6 ئىنكاسلىق
BirishkeTigishlikBolmighanJAwap

جون بىلەن جەك ئىككىسى تاغقا چىقىش ھەۋەسكارلىرىدىن بولۇپ ، دۇنيادىكى نۇرغۇن تاغلارنى بويسۇندۇرغان ئىدى . ئۇلار يەنە ئافرىقىدىكى ئەڭ ئېگىز تاغ تىزمىسى – كىلىمانجارو تاغ تىزمىسىنى بويسۇندۇرماقچى بولدى . ئۇلار تولۇق تەييارلىق قىلغاندىن كېيىن تاغقا چىقىشقا باشلىدى . مۇساپە ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولۇپ ، ئەتىسى چۈشتىلا ئاپپاق تاغ قاپتىلىغا چىقىپ بولدى . ئۇلار بىر جايدا ئولتۇرۇپ غىزالىنىۋاتقاندا جون دەسسەپ تۇرغان يەردىكى مۇز يېرىلىپ كېتىپ ، ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۈلگۈرەلمەي ھاڭغا چۈشۈپ كەتتى . جېك مۇز يېرىقىنىڭ قېشىغا كېلىپ يۇقىرى ئاۋازدا : – جون سەن ھاياتمۇ؟ – دەپ ۋارقىرىدى . خېلى ئۇزاقتىن كېيىن : – پەرۋەردىگار مېنى ئۆز پاناھىدا ساقلىدى ، مەن تېخى

يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى :ئاپرېل - 23 - 2011 14 ئىنكاسلىق
EngQaltisYizilghan

سىز ھەرگىزمۇ بۇنى نيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتىغا سۇنۇلغان ئوقۇش ئىلتىماسى دەپ ئويلىمايسىز . ھەيران قالارلىقى شۇكى ، ئىلتىماس قىلغۇچى مۇشۇنداق ئەمەلىي بولمىغان ئىلتىماس ئارقىلىق نيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا قۇبۇل قىلىنغان . ئەمما ، ئىلتىماس سۇنغۇچى ئوقۇش پۈتكۈزۈپ ئەركىن يازغۇچى بولغاندا كىشلەر ھەيران قالمىغان . ئىلتىماس تۆۋەندىكىچە يېزىلغان : مەن كۈچ – قۇۋۋىتىم ئۇرغۇپ تۇرغان بىر يىگىت ، تاملارغا يامىشىش مەن ئۈچۈن ئادەتتىكى ئىش . مەن داڭلىق شەخس ، چۈنكى مەن كۆپ قېتىم چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ قوي قوتىنىنى ئۆزگەرتىپ ياساپ ، پاقلانلارنىڭ ئەي بولۇش ئۈنۈمىنى ئاشۇرغان . سىچۈەنلىك مۇساپىرلارغا ئەپسانە گەپلەرنى تەرجىمە قىلىپ بەرگەن ؛ يازغان ئوپىرالىرىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ؛ ئىش ئۈنۈمۈم

يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى :ئاپرېل - 22 - 2011 3 ئىنكاسلىق
MominningMomighaChiqishi

مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى (ھىكايە) نۇر روزى بەقەسەم تون كىيگەن ئوتتۇز ياشلار چامىسىدىكى ئاق پىشماق ئادەم كۆك سىرلانغان كەڭ دەرۋازىدىن ئاق بوز ئاتنى يورغىلتىپ كىرىپ كەلدى . ئۇ ، مەكتەپ سەھنىسىنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە ، تىزگىنىنى يەڭگىل تارتتى . ئات توختاپ ، سوزۇپ – سوزۇپ ئىككى قېتىم كىشنىدى- دە ، ئالدى پۇتلىرى بىلەن يەرنى چاپچىشقا باشلىدى ، دەل شۇ چاغدا مەكتەپ ئىشخانىسىنىڭ ئالدىنى سۈپۈرۋاتقان ياشقىنا خىزمەتچى چۆچۈپ ئارقىسىغا قارىدى ۋە يۈگۈرۈپ كىلىپ ئاتنىڭ تىزگىنىنى قولىغا ئالدى : – تىنىچ-ئامان كەپلا مۇدىر ؟ – دېدى ئۇ ئىگىلىپ تۇرۇپ . ئۇ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىلىك ئېلىشىنى كۈتمەيلا ، ئۇنى قولتوغىدىن يۆلەپ ئاتتىن چۈشۈردى . -

يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى :ئاپرېل - 22 - 2011 1 ئىنكاسلىق
SadaqetmenToribegHeqqideQisse

بۇ فىلىم بۇ فىلىم شىنجاڭ تېلۋېزىيە ئىستانىسى تەرجىمە مەركىزى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ ، تەرجىمىسى ناھايىتى راۋان ھەم چۈشىنىشلىك بولۇپ ، كۆرۈپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ . بىرىنچى قىسىم ئىككىنچى قىسىم

يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى :ئاپرېل - 21 - 2011 5 ئىنكاسلىق
QatilYumurlar

دەرۋازىۋەن ئورۇق بىر يىگىت بىر شىركەتنىڭ دەرۋازىۋەنلىكىنى قىلىش ئۈچۈن تىزىملاتقىلى بېرىپتۇ. خوجايىن ئۇنىڭ بېشىدىن ئايىغىغىچە زەن سېلىپ: — بىزگە ئىچى تارلىقتا ئۇچىغا چىققان، ھەممىدىن گۇمانلىنىپ يۈرىدىغان، كۆزىدىن غەزەپ ئوتى چاقناپ تۇرىدىغان، يەتتە قات يەر ئاستىدىكى شەپىنى سېزەلەيدىغان، قاۋۇل، ھازازۇل، بىرى بىر نېمە دەپ بولغۇچە، غالجىر ئىتتەك ئېتىلىپ تۇرىدىغان ئادەم لازىم، – دەپتۇ. — ئۇنداق بولسا خوتۇنۇم بولغۇدەك، – دەپتۇ ھېلىقى يىگىت. كۆڭۈل بۆلۈش بىر ئوقۇغۇچى پويىز بېلىتىنى زاكاز قىلمايلا ئۇدۇل پويىز بېكىتىگە بېرىپ بېلەت ئالماقچى بولدى. ئۇ ئۆچىرەتتە بەش سائەت ساقلاپ ئاران كۆزنەكنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئوقۇغۇچى: خەنكۇغا بارىدىغان پويىزنىڭ كارىۋات بېلىتى بارمۇ؟ بېلەت ساتقۇچى: يوق. ئوقۇغۇچى: ئورۇندۇق بېلىتىچۇ؟ بېلەت ساتقۇچى:

يوللىغۇچى: قۇناخۇن يوللانغان ۋاقتى :ئاپرېل - 21 - 2011 12 ئىنكاسلىق
YazghuchiShayirlar

شائىر – يازغۇچىلار ئەلۋەتتە ئادەمدە ، ۋە ياكى سىز بىرەر ئىت پوۋېسىت يېزىپتۇ ، يەنە بىر ئىنەك شىئېر يېزىپتۇ ، بىر ئىشەك ئوبزور يېزىپتۇ دەپ ئاڭلاپ باققانمىتىڭىز ؟ مۇمكىن ئەمەستە ، ئەلۋەتتە خۇدا بەرگەن ئاڭ ، تەپەككۇر دېگەن ئىنسانغىلا خاس ئەمەسمۇ . ئۇنداقتا تېمىنىڭ ماۋزۇسى نىمىشقا بۇنداق قۇيۇلۇپ قالدى ؟ بۈگۈن ئەلكۈيىدە ‹‹شائىر يازغۇچىمۇ ئادەم›› ماۋزۇسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ ، تۇيۇقسىزلا ئىلھامىم تاراقشىپ قېلىپ ، ئازراق بىر نەرسە دېگۈم كەپقالدى . نەزىرىڭلارنى ماقالىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىغا ئاغدۇرغايسىلەر . مەقسەتكە كەلسەك ، يۇقىرىقى ماقالىدا ، ‹‹شائىر-يازغۇچى دېگەننىڭ ئەسىرىنى ئوقۇپ،ئۆزى بىلەن كۆرۈشمىسىمۇ بولىدۇ،ئۆزى يازغىنىغا ئۆزى ئەمەل قىلمايدىغان خەق ئۇ!›› دېگەن گەپ ئۈچۈن پىكىر يۈرگۈزۈپ