يوللىغۇچى: قۇناخۇن يوللانغان ۋاقتى:ئاپرېل - 29 - 2011 8 ئىنكاسلىق

بۇ توغىرلىق ئەمدى گەپنى ئۈزمىسەكمۇ بولمايدىغان يەرگە كېلىپ قالدى . تور بەتلەردە ئالىمجان توغىرلىق مۇنازىرىلەر قايناپ ، ئىلمى كەيپىيات بۇزۇلۇپ ، فىزىكىغا سۆگەل چىقىش ئالدىدا تۇرغاندەك قىلىدۇ . يېقىندا ئىچكىردىكى بىر ئەلپەنچى خەننىڭ ياسىغان ماتورى توغىرلىق خەۋەر تارقىلۋىدى ، نۇرغۇن تورداشلار بىزنىڭ ئالىمجان ئالىمجان ئاۋۋال ياساپ بولغان دەپ مەغرۇرلىنىشىپ كېتىشىپتۇ .
تورداشلارنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك ئالىمجاننىڭ ماتورىنىڭ قانداق پىرىنسىپ ئاساسىدا ھەركەتلىدىغانلىقى ۋە ئىشلىتىش قىممىتى ھەققىدە ئالىمجاننىڭ ماتورى VS ئۇيغۇرنىڭ IQ سى دىگەن تېمىدا توختىلىپ ئۆتكەن ئىدىم . قىسقىسى ئالىمجاننىڭ بۇ ماتورىنىڭ ھاۋانى يېقىلغۇ قىلمايدىغانلىقى ، ھاۋانىڭ سىقىش كۈچىدىن پايدىلىندىغانلىقى ۋە بۇنىڭ ئىشلىتىش قىممىتىنىڭ يوقلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن ئىدىم . ئالىمجاننىڭ ئاتالمىش «كەشپىيات» ىغا مەستخۇش بولۇپ ، ئۇيغۇرغا بېرىلدىغان نوبىل مۇكاپاتىنى ساقلاۋاتقانلار ئەمدى ئۇيقۇڭلارنى ئېچىڭلار . بىلىپ – بىلمەي جۆيلۈپ يۈرۈپ ئالىمجانغا زىيانكەشلىك قىلمايلى . بۇ «كەشپىيات»نىڭ ماڭىمۇ ، پالانىغىمۇ ، پوكونىغىمۇ ھىچقانداق زىيىنى ياكى پايدىسى يوق . پەقەت ئالىمجانغىلا زىيىنى بار . فىزىكىدىن ھىچقانچە خەۋىرى يوق بىر دېھقان ئۆندەرەپ قوپوپ ھاۋانى يېقىلغۇ قىلىدىغان ماتور ياسىدىم دېسە ، ئاق – قارىسىنى سۈرۈشتۈرمەيلا ماختىغىلى چۈشتۇق . ھەتتا نوبىل مۇكاپاتى توغىرلىق خام – خىياللارنى قىلىپ ئۈلگۈردۇق . «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» ۋە «قەشقەر ۋىلايەتلىك تېلىۋېزىيە ئىستانىسسى» دەك ئاخبارات ۋاستىلىرىدىكى خىزمەتچى خادىملارمۇ ، قانداق گەپ ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتۈرمەيلا گېزىتلەرگە بېسىپ ، خەۋەرلەردە ئېلان قىلىپ يۈرۈشتى . بۇنىڭ بىلەن ئۆزى ياسىغان ماتورنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپىنىمۇ چۈشەنمەيدىغان ئالىمجان ئۆزىنى راستىنلا «كەشپىياتچى» ئوخشايمەن دەپ ئويلاپ قالدى .ئۆزىنىڭ ۋاقتى ۋە بىر مۇنچە پۇلىنى مۇشۇ تاينى يوق ئىشلارغا سەرپ قىلىپ يۈردى . ھازىر بولسا ئۆزىنى كاتتا ئالىم ساناپ يۈرەرەمىش . دىمەكچىمەنكى ئالىمجان ئۆزى ئەڭ ياخشى قىلالايدىغان ئىشنى قىلسۇن . ۋاقتىنى ۋە ئىقتىسادىنى تاينى يوق ئىشلارغا سەرپ قىلمىسۇن . ئالىمجاننىڭ ئائىلىىسى ۋە باقىدىغان باللىرى باردۇر ، يەرمەنكىگە قاتنىشىمەن دەپ خەقنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى بىچارىلاشتۇرۇپ يۈرمىسۇن . باشقىلارنىڭ ئالدىدا بىزنى يەرگە ئۇرمىسۇن . ئەتە ئۆگۈن ئىقتىسادى تۈگەپ بىر يەرگە بارغاندا ياكى پىشانىسىگىچە قەرىزگە پاتقاندا ، ئۇنى قارا – قۇيۇق ماختىغانلار قۇيرۇقىنى خادا قىلىدۇ . ئاخىردا بار جاپا ۋە دەرت – ئەلەمگە ئۆزى قالىدۇ .
ئالىمجاننى ئالداپ يۈرمەيلى ، ئۆزىنىڭ ياساپ چىققان نەرسىسىنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويايلى . خام – خىيال بىلەن ئۆزىنى ئەللەيلەپ يۈرىۋەرمىسۇن . رىئاللىققا يۈزلەنسۇن . قۇرۇق ھاياجىنىمىز بەدىلىگە قېرىندىشىمىزنى ۋەيران قىلمايلى . ئەگەر مۇشۇنداقلا كېتىۋېردىغان بولساق ئالىمجان چىققىلى بولمايدىغان پاتقاققا كىرىپ كېتىدۇ ھەتتا يۇرتىدىكىلەرنىڭ ئالدىدا كىشلىك ھۆرمىتىمۇ قالمايدۇ . ماختاشنى بىز ماختاپ ، قۇرۇق ھاياجاننى ئۆزىمىز قىلىپ ئاقىۋەتكە ئالىمجان يۈزلىنىدۇ . شۇڭا دەيمەنكى بولدى بەس ! ئالىمجانغا زىيانكەشلىك قىلمايلى !!!!
مۇشۇ ئىشتىن كىيىن رايونىمىزدىكى ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۇنۋېرسال ساپاسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى بىلىنىپ قالدى . ئىلىم – پەنگە توغىرلىق خەۋەر يا ئۇلارنىڭ ئىچى پۇشقاندا يازىدىغان كۈندىلىك خاتىرسى بولمىسا يا . شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىلىم ئىگىسىدىن سوراپ بېقىپراق بىر نەرسە قىلماي ، باشباشتاقلىق بىلەن ، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ ئىلىم پەنگە ساۋاتسىز قارا- قورساقلارچە مۇئامىلە قىلدى . ئاشۇ مەسئۇل خادىملارنىڭ مۇشۇ مەسئۇلىيىتى سۇرۇشتۈرۈلىشى كىرەك ھەم ئۇلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش كىرەك . ئاخبارات دىگەن ھىكايە – چۆچەك ئەمەس خالىغانچە توقۇيدىغان . ۋە ياكى كارتون فىلىم ئەمەس خالىغانچە ئىشلەيدىغان . ئاخبارات دىگەن چىن بولۇشى ، ئىلمى ئاساسقا ئىگە بولۇشى كېرەك . بولۇپمۇ پەن – تېخنىكا خەۋەرلىرىگە بولغان مەسئۇلىيەت تېخىمۇ يۈكسەكلەشتۈرۈلۈشى كېرەك .
«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» ۋە «قەشقەر ۋىلايەتلىك تېلىۋېزىيە ئىستانىسسى» دىكى ئاشۇ خادىملار مۇشۇ قىلمىشىدىن يۈزى قىزىرىشى ، ئىبرەت ئېلىشى لازىم . كىچىككىنە قەلەم ھەققىنى دەپ ئىلىم پەنگە ھۆرمەتسىزلىك قىلغىنىغا نومۇس قىلىشى كىرەك . بىلىپ قويسۇنكى ، تەبئىي پەن ئۇلارنىڭ ھىكايە – چۆچىكى ياكى كارتون فىلىمى ئەمەس . ئىلىم پەنگە ئەمدى بۇنداق قالايمىقان چاقچاق قىلمىسۇن .

8 نەپەر تورداشنىڭ بۇ يازمىغا پىكىرى باركەن . سىزنىڭ پىكرىڭىز يوقما ؟

  1. مەمتىمىن مۇنداق يازغان:

    بۇ ماقالە جايىدا بوپتۇ. دەرۋە قە ئىش ئەنە شۇنداق. لېكىن بۇ ئىشلارغا مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئارلىشىشى قانداق ئىش؟

  2. ئابدىرىخىم مۇنداق يازغان:

    سىزدىن سورىسام سىز مەندەك نەخ مەيدانغا بىرىپ كۆرگەنمۇ …ھىلىغۇ سىزكەنسىز قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستۇتى فىزىكا فاكۇلتتىنىڭ پىرافىسورىمۇ ھەيران قالغان،ھەم مىنىڭ بىر ئۆمۆر شۇغۇللانغان كەسپىم مۇشۇنىڭ بىلەن ئاسىتىن ئۈستىن بولوپ كىتەرمۇ دىگەن.
    سىز ئولتۇرۇپ قوپوپلا كاسىسڭىزغا بىرنى ئۇرۇپ ئاغىزىڭزغا كەلگەننى دەۋەرمەڭ .سىز بىر ئادەم ئىشەنمەي،تورلاردا قالايمىقان تىما يوللاپ باشقىلارنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغوق سۇ سىپىپ يۈرگۈچە ،مۇشۇنداق تىمىلارنى يوللاپ تور بىتڭىزنىڭ زىيارەت ساننى ئاشۇرۇشنى ئويلىغۇچە باشقا ئىش قىلسڭىز ئەھمىيىتى بولاتتى قىرىندىشىم.

  3. ئىلھام مۇنداق يازغان:

    ‹مۇشۇ ماقالىنى يازغۇچى ›ئەسلى ئۆزى باشقىلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا چىققان سوگەل ئىكەن،بىر دىھقاننىڭ شۇنچىلىك تىرىشىپ مۇشۇنىچىلىك نەتىجە يارىتىشى ئاسانمۇ،دۆلەت پاتىنت ئىدارىسىنىڭ ۋە كەڭ ئاممىنىڭ ئىتراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن تىرىشچان ياشنىڭ كەشپىياتىنى ھىچقانداق ئىشلىتىش ئۈنىمى يوق دېيىشكە قولۇڭىزدا يىتەرلىك ئىسپاتىڭىز بارمۇ ياكى سىز ئۆزۈڭىز مەخسۇس ھاۋانى تەتقىق قىلىدىغان فىزىكا ئالىمىمۇ يا.
    شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى دۇنيادا ھەركۈنى نۇرغۇن كەشپىياتلار بارلىققا كىلىدۇ،بىراق ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئشلىتىش ۋە ئىقتىسادى ئۈنۇم يارىتالايدىغىنى پەقەت بىر پىرسەنتلا .ھىچقانداق كەشپىياتچى پەقەت ئىشلىتىش ئۈنىمى ئۈچۈنلا كەشپىياتىنى توختىتىپ قويغان ئەمەس.ئالىمجانمۇ ھەم شۇ!مەن ھەم مۇتلەق كۆپ قىسىم خەلىق چوقۇم ئىشىنىمىزكى ئالىمجان تىخىمۇ تىرىشىپ چوڭ غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.
    ‹مۇشۇ ماقالىنى يازغۇچى ›سىز ئۆزپىكرىڭىزنى ئوتتۇرغا قويۇش ئۈچۇن باشقىلارنى زاڭلىق قىلىش ۋە ھاقارەتلەشتىن باشقا ئىپادىلەش ۋاستىسى تاپالمىدىڭزمۇ؟!

  4. ئوسكار مۇنداق يازغان:

    ھەي نادان قېرىندىشىم،سىز راستلا ئىشەنمىدىڭىزمۇ ياكى ھەسەت قىلىۋاتامسىز!!!
    ئالىمجان ئۇ ماتورنى مەيلى ياسىغان بولسۇن ياكى ياسىمىغان بولسۇن بىز ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىمىز!!
    سىز بۇنىڭدىن كېيىن ئويلىنىپراق سۆزلىگەيسىز…….

  5. ئوسكار مۇنداق يازغان:

    تېخى(ھازىر بولسا ئۆزىنى كاتتا ئالىم ساناپ يۈرەرەمىش .خەقنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى بىچارىلاشتۇرۇپ يۈرمىسۇن . باشقىلارنىڭ ئالدىدا بىزنى يەرگە ئۇرمىسۇن .)دەپ يېزىپسىز، سىزدە شۇنچىلىك قابىلىيەت بارمۇ؟ سىزنىڭ قىلىدىغان باشقا ئىشىڭىز يوقمۇ؟
    تولا ئادەمنىڭ غىدىغىنى كەلتۈرمەڭە بولامدۇ؟

  6. ئۇمۇدۋار مۇنداق يازغان:

    مەن كەشپىياتچىلارغا ھەۋەس قىلىمەن، شۇنى سورىغۇم كىلىۋاتىدۇ،بۇتىمىنى يازغان بىلىملىك قىرىندىشىمىز،شۇتىمىنى يىزىشتا ئىشلەتكەن قەلەمنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپىنى ياكى چۇۋۇپ ئوڭشاشنى بىلەمدىغاندۇ.

  7. ئالىم مۇنداق يازغان:

    سىز قۇرۇق گەپ قىلماي، ئالىمجاننىڭ كەشپىياتىنى بىزگە چۈشەندۇرۇپ بىقىڭ، بۇ نىمە ئۇچۇن قۇرۇق ئاۋارە بولغانلق بولىدۇ، بىر دىھقاننىڭ كەشپىيات يارىتىشى مۇمكىن بولمايدىغان ئشما، بۇمۇ ئالىمجاننىڭ ئىلم پەنگە بولغان بىر قىزىقىشى ، مۇشۇنداك ئىشلار ياشلىىرمىزنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇشقا پايدىلىق، بولسا ھەممىمىز ئۇنىڭغا مەدەت بىرەيلى.

  8. سەھرالىق مۇنداق يازغان:

    ما كاللىسىنى چېۋىن يەۋالغانلار جىقمۇ يا ، مەن ساق ئەمەسمۇ؟
    ھەي خەق،ھەي خەق… كاللىنى سىلكىۋىتىپ ئويلاپ بېقىڭلار، ھازىر قانداق چاغ؟
    سىز ئۇچار تەخسە ياساپ چىقسىڭىزمۇ ئۇنى ئىشلىتىدىغانلارغا پرىنسىپىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىسىڭىز،ئۇنى ئشلىتىدىغانغا ئىھتىياج بولمىسا، ئۇچار تەخسىڭىزگە پولۇ ئۇسسۇپ يەمدۇ كىشى؟
    ساپا مەسىلسىسىدە….
    ئالىمجاننىڭ ماتور ياسىغىنى راس، ئۇ ھەقىقەتەن «مۆجىزە ياراتتى»، لىكىن…مۇشۇ لىكىن دىن كىيىنكى گەپنى قىلىشنى تازا خوپ كۆرمىدىم. بولسا مېنىمۇ قوشۇپ تىللارسىلە. شۇ باھانىدە قىلغان گۇناھلىرىم يېنىكلەپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
    مېنى تىللاشتىن بۇرۇن مۇنۇ كېنونى كۆرۈپ بېقىڭلار.
    bettle.los.angeles بىكارلىق ئېلان بىرىۋالدىمدە…ھى ھى ھى …