
ھېكەيەمنى مەلۇم بىر يەكشەنبە كۈنىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ… ئوغۇل دوستۇم ئىككىمىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدىن تارتىپلا ئارىلاشقان بولۇپ، بۇنىڭغا 6 يىل بولغان ئىدى. مۇھەببەتلەشكەن دەسلەپكى مەزگىللەردە بارلىق يېڭى ئاشىق – مەشۇقلارغا ئوخشاش ئىجىل ئىناق، ھەم رومانتىك ئۆتتۇق. مەكتەپ پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىقىپ جەمىيەتكە قەدەم قويغاندىن كېيىن خىزمەت ھەلەكچىلىكىدە تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ئاددى ھەم زېرىكىشلىك تۈس ئېلىشقا باشلىغان ئىدى. بىز توي قىلىشقا پۈتۈشۈپ بولغان بولۇپ، ئاپامنىڭ ياردىمىدە ئۆينىمۇ ئېلىپ، بېزەپ تەييار قىلىپ قويغان ئىدۇق. ئىشلار ئاساسى جەھەتتىن پۈتۈپ قالغان بولۇپ، ياخشى بىر كۈننى تاللاپ ئۆزۈمنى ياتلىق قىلىۋەتسەملا بولاتتى…… تۇرمۇش نېمىدىگەن گۈزەل ھە! بىراق…….. يىگىتىم شىياۋ سا بىر قېتىملىق ساۋاقداشلار يىغىلىشىدىن قايتىپ كېلىپلا بىنورماللىشىشقا