شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھىندىچىن يېرىم ئارىلىنىڭ ئوتتۇرىغا جايلاشقان دۆلەت. يەر مەيدانى 514 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. تروپىك مۇسسۇنلۇق ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، ھەر يىلى 5-ئايدىن 10-ئايغىچە ھۆل يېغىن پەسلى، 11-ئايدىن ئىككى يىلنىڭ 4-ئېيىغىچە قۇرغاق پەسىل بولىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃22-℃28 ئارىلىقىدا بولىدۇ، پۈتۈن دۆلەت يېرىنىڭ %58 نى ئورمان قاپلاپ تۇرىدۇ. تايلاندنىڭ ئاھالىسى 65 مىليوندىن ئاشىدۇ، 40 نەچچە مىللەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاھالىنىڭ %90 بۇددا دىنىغا، ئاز قىسمى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. تايلاند ئىقتىسادىي جەھەتتىن يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ، ئاھالىنىڭ %80تى يېزا ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. دېھقانچىلىق ئاساسلىقى شال ئۆستۈرۈلىدۇ، شال تېرىيدىغان يەر پۈتۈن دۆلەتتىكى تېرىلغۇ يېرىنىڭ %70 نى ئىگەللەيدۇ، دۇنيادا مەشھۇر گۈرۈچ ئېكىسپورت قىلىدىغان دۆلەت. سانائەتتە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، توقۇمىچىلىق، كاۋچۇك، شېكەر، كونسېرۋا، سېمونت، يېمەك-ئىچمەك، نېفىت ئايرىش، ماشىنىسازلىق، پولات-تۆمۈر، خىمىيە، ئېلېكترون قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى بار. ئېغىر سانائىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خېلى تېز بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى پۈتۈن سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ تۆتتىن بىرىدىن كۆپ قىسمىنى ئىگەللەيدۇ.
|
قابا ناھىيەسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، بۇ جاي نۇرغۇنلىغان پەسىل قۇشلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى.
|
لەگلەك تور تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
Copyright ©2013-2014 by www.leglek.com all rights reserved