ئەتىياز كېلىپ گۈللەر ئېچىلغان باھاردا، ئادەمنىڭ كەيپى تازا بولىدۇ، ئەمما مۇساپىرلار كىرىزىسىغا پېتىپ قالغان ياۋروپا ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھاۋانىڭ ئىللىشى بىلەن مۇساپىرلار دولقۇنى تېخىمۇ كۈچەيدى، تېخىمۇ كۆپ مۇساپىرلار ئېگېي دېڭىزىدىن ئۆتۈپ ياۋروپا كىردى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە 7- مارت بىريۇسسېلدا ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مۇساپىرلار كىرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ تەدبىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ. ياۋروپا ھەتتا پۈتكۈل دۇنيا، ياۋروپانىڭ جىددىي تاقابىل تۇرۇش چارىسىنى تېزدىن تېپىپ چىقىشىنى، ھەم مۇساپىرلار كىرىزىسىنىڭ تۈپ يىلتىزى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا يەنىمۇ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، تۈپتىن ھەل قىلىش تەدبىرى جەھەتتە ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق ئىزدىنىشىنى ئۈمىد قىلماقتا.
ئۆتكەن يىلى يازدا مۇساپىرلار كىرىزىسى پارتلىغاندىن بۇيان، ياۋروپا ئىتتىپاقى باشتىن ئاخىر بىرلىككە كەلگەن، كۈچلۈك ياۋروپا تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويالمىدى، توختىماي كېلىۋاتقان مۇساپىرلار دولقۇنى ۋە بەزى مۇساپىرلارنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرى ئالدىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى كۆپ قېتىم باشلىقلار يىغىنى ئاچقان بولسىمۇ مۇھاكىمە قىلىشلا بولۇپ، تەدبىر چىقىرىلمىدى.
نۆۋەتتە، مۇساپىرلار كىرىزىسى يېڭى ئېغىر ۋەزىيەتكە دۇچ كەلدى، «ئاستىلىق» ۋەزىيەتنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۋەتتى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2- ئايدا ھەر كۈنى گىرېتسىيەگە تەخمىنەن 2 مىڭ ئەتراپىدا مۇساپىر كىرگەن، ئەگەر ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ مۇشۇنداق كېتىۋەرسە كۈندە كىرىدىغان مۇساپىر تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. ھازىر گىرېتسىيەدە 30 مىڭدىن ئارتۇق مۇساپىر تۇرۇپ قالدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 10 مىڭدىن كۆپرەكى گىرېتسىيە بىلەن ماكدونىيەنىڭ چېگراسىدا بولۇپ، تۇرمۇشى ئېچىنىشلىق بولماقتا.
يەنە بىر كىرىزىس، شېنگېن كېلىشىمى. نۆۋەتتە شىۋتسىيە، ئاۋسترىيە، ۋېنگىرىيە ۋە بالقاندىكى بىر قانچە دۆلەتلەر چېگرانى كونترول قىلدى ياكى كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ چېگرانى تاقىدى، شېنگېن رايونىنىڭ ئىچكى قىسمىدا چېگرانى ئېچىۋېتىش پىرىنسىپى نامدا بار ئەمەلىيەتتە يوق ئىش بولۇپ قالدى. ئەگەر شېنگېن رايونى كۈچتىن قالسا، ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىشى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قىممەت قارىشىغا زور زەربە بولۇپلا قالماستىن، ھەر يىلى 5 مىليارد ياۋرودىن 18 مىليارد ياۋروغىچە ئىقتىسادىي زىيان پەيدا قىلىدۇ. قىسقىسى، ۋەزىيەت جىددىي، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەمدى ئالدىرىمىسا بولمايدۇ.
مۇساپىرلار كىرىزىسى پارتلىغاندىن كېيىن، ياۋروپا نۇرغۇن چارىلەرنى قوللانغان بولسىمۇ، لېكىن كېسەلگە ئالدىراپ قالايمىقان دورا بەرگەندەك ئىش قىلىپ قويدى. ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ چوتلىرىنى سوقۇپ، زىيان تارتىشنى خالىمىدى. مۇساپىرلار كىرىزىسىدىن ئىبارەت بۇ ئېغىر كېسەللىك ئالدىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 20 دىن ئارتۇق بۇ دوختۇر ئۆزلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ رېتىسىپ يېزىشقا باشلىدى، يەنە تېخى بىر-بىرىنى ئەيىبلىدى. بىر قىسىم دۆلەتلەر ئۆز ئىشىكى ئالدىدىكى قارلارنى تازىلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئىشىكى ئالدىدىكى قارلارنى باشقا قوشنىلىرىنىڭ ئىشىك ئالدىغا دۆۋىلەپ قويدى. مەسىلەن: بىر قىسىم ئارقا سەپ دۆلەتلىرى مۇساپىرلار كىرىزىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرغان گىرېتسىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ باش قېتىنچىلىقىغا كۆڭۈل بۆلمەي، پۇل ۋە كۈچ چىقىرىشنى خالىمىدى؛ گەرچە گېرمانىيە مۇساپىرلارغا ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەسلىكتە چىڭ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ۋېنگىرىيە، ئاۋستىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بۇنىڭغا قارشى ئىش تۇتۇشقا باشلىدى؛ گەرچە ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇساپىرلارنىڭ ئۈلۈشى ھەققىدە بىردەكلىككە كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە يەنىلا بۇ قۇرۇق قەغەر پېتىدە تۇرماقتا.
7-مارت ئېچىلىدىغان بىريۇسسېل باشلىقلار يىغىنىنىڭ نىشانى-بىر يۈرۈش كېلىشىم ھاسىل قىلىش، بولۇپمۇ تۈركىيەگە مەدەت بېرىش ئىدى. ئەمما نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇ قېتىمقى يىغىن ئوڭۇشلۇق بولماي قالسا، گۈلدۈرى بار، يامغۇر يوقتەك بىر ئىش بولۇپ قالىدىغاندەك تۇرىدۇ.
كىشىلەر يىغىندا مۇساپىرلار كىرىزىسىدىكى مۇنداق ئىككى مۇھىم مەسىلىنى ھەل قىلىشتا سەل ئىلگىرىلەش بولۇشىنى ئۈمىد قىلماقتا: 1-مۇساپىرلار كىرىدىغان ئۆتكەلنى قانداق توسۇش، 2-ھازىرقى مۇساپىرلارنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش. ھالبۇكى ئەمەلىي ئەھۋال شۇكى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ھازىرقى باسقۇچتا تۈركىيەگە ئۈچ مىليارد ياۋرولۇق مەبلەغ بېرىشكە ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئەنقەرە بۇنى پەرۋايىغا ئېلىپ كەتمىگەندەك قىلىدۇ، ئوڭ-سولىغا قاراپ ئىش قىلىۋاتقان تۈركىيە تۈركىيە-سۇرىيە چېگرىسىدا مۇساپىرلار شەھەرچىسى قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ مېركىل پارىژدا بىر قىسىم ئەزا دۆلەتلەرنى ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قوللىنىپ چېگرىلىرىنى تاقىۋالدى دەپ تەنقىدلەپ تۇرۇشىغا، ۋېنگىرىيە بۇنىڭغا قارشى مۇقام توۋلاپ، مۇساپىرلار ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇۋالدى، بۇنىڭ بىلەن مۇساپىرلار ئۈلۈشى قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالاي دېدى؛ گىرېتسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت قىسمى تەشكىللەشنى ئوتتۇرىغا قويدى، لېكىن بۇلار كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىمىدى.
يۇقىرىقى تەشەببۇستا بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى دېگەن تەقدىردىمۇ، بۇ رېتىسپلار يەنىلا ۋاقىتلىق چارە ھالىتىدە توختاپ قېلىپ، باش ئاغرىسا باشنى، پۇت ئاغرىسا پۇتنى داۋالايدىغان ھالەت كېلىپ چىقىدۇ. مۇساپىرلار كىرىزىسىنىڭ يىلتىزى-غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى ئۇرۇش پاراكەندىچىلىكى بولۇپ، بۇنىڭ باشلامچىسى دەل غەرب يېڭى مۇداخىلىچىلىكى تۈرتكە بولغان يېشىل ئىنقىلاب ئىدى. بۇنى تۈپتىن تۈزەيمەن دەيدىكەن، ياۋروپا ئەڭ ئالدىدا يېڭى مۇداخىلىچىلىك بىلەن ئۈزۈل-كېسىل چەك-چېگرىسىنى ئايرىپ، ھەقىقىي شىپالىق دوختۇرغا ئايلىنىشى كېرەك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved