ھاۋانىڭ ئىسسىق كۈنلىرىدە كىشىلەر سوغۇق سۇ بىلەن پۇت يۇيۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇنداق بولغاندا سۆرۈن ھەم راھەت بولىدۇ، ئەمما پۇتنى دائىم سوغۇق سۇ بىلەن يۇيۇش سالامەتلىككە زىيانلىق.
تېببىي ئىلىمنىڭ قارىشىچە، ئادەمنىڭ پۇتىدىكى قان تومۇرلار، بولۇپمۇ پاقالچاق قىسىمنىڭ تومۇرلىرى تومۇرنىڭ ئۇچى ھەم پۇتنىڭ ياغ قاتلىمى نېپىز، تېمپېراتۇرىسى بەدەن تېمپېراتۇرىسىغا سېلىشتۇرغاندا ئەڭ تۆۋەن بولغاچقا، پۇت ئاسانلا سوغۇق ئۆتىدىغان ئورۇن. ئەگەر ياز كۈنلىرى داۋاملىق سوغۇق سۇ بىلەن پۇتنى يۇغاندا پۇت مۇزلاپ، قان ئايلىنىشمۇ توسالغۇغا ئۇچرايدۇ.
تاپاندىكى تەر بەزلىرى ئادەتتە تەرەققىي قىلغان بولۇپ، سوغۇق سۇ بىلەن يۇغاندا تەر تۆشۈكلىرى ئېتىلىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى تەر چىقىرىش يولى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ.
مەيلى ياز كۈنلىرى بولسۇن ياكى قىش كۈنلىرى بولسۇن، ئەڭ ياخشىسى پۇتنى ئىلمان سۇ بىلەن يۇيۇش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا قىل قان تومۇرلارنى كېڭەيتىپ، تەرنىڭ چىقىپ تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !