مۇھەببەتنىڭ كۈچى زور بولسىمۇ ئەمما سىزنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىڭىزنى ئىدارە قىلىۋالماسلىقى كېرەك. چۈنكى ئاياللار ئەرلەر ئۈچۈن بەختىنى مەڭگۈلۈك قۇربان قىلماسلىقى كېرەك.
1.ئاياللار ھەرگىز ئەرلەرنى دەپ ئارزۇسىدىن ۋاز كەچمەسلىكى كېرەك.
2.ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئوخشىمىغان ئەخلاق قارىشى, ئەقىدىسى بولىدۇ. ئۇ سىزنى ياخشى كۆرگەن ئىكەن, تاللىشىڭىزغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. ئەگەر ئۇ سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرسە, سىزنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشمايدۇ.
3.ئەرلەرنى دەپ سىرتقى قىياپىتىڭىزنى ئۆزگەرتمەڭ, ئەگەر ئۇ ئۆزى ياقتۇرغان ئۇسلۇبتا كىيىم كىيىشىڭىزنى ھەتتا ھۆسن تۈزىتىشىڭىزنى تەلەپ قىلسا, ئۇنىڭ بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن. بەدەن ئۆزىڭىزنىڭ بولغان ئىكەن, ھېچكىممۇ سىزنى ئۆزگىرىشكە مەجبۇرلىيالمايدۇ. ئەگەر ئۇ سىزنىڭ تەبىئىي ھالىتىڭىزدىن ھۇزۇرلىنىشنى بىلمىسە سىزنىڭ ياخشى كۆرۈشىڭىزگىمۇ ئەرزىمەيدۇ.
4.ئەرلەرنى دەپ دوستلىرىڭىز بىلەن ئۇچرىشىدىغان ۋاقىتنى قۇربان قىلماڭ.
ئۆزىڭىزنى ۋە ۋاقتىڭىزنى ئەرلەرگە ئاتىۋەتمەڭ. چۈنكى ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوستلىرىڭىز سىزنىڭ ھەمراھ بولۇشىڭىزغا مۇھتاج.
5.چىن كۆڭلىڭىزدىن چىقىرالمىغان سۆز-ھەرىكەتلەردە بولۇپ, ئەرلەرگە ياخشىچاق بولۇشنى ئويلىماڭ.
چۈنكى ئىچىدىن چىقىرىپ قىلمىغان سۆز-ھەرىكەتلەر ئۇنى بىئارام قىلىپ قويىدۇ.
6.ئەرلەرنى دەپ ئۆزىڭىزنى ئاچ قويۇپ ئورۇقلىماڭ.
ئورۇقلاش ئارقىلىق تېخىمۇ مۇكەممەل بولسىڭىز بولىدۇ, ئەمما بۇ تىرىشچانلىقلىرىڭىز ئەرلەرنى خۇش قىلىش ئۈچۈن بولماسلىقى كېرەك.
7.ئەرلەرنىڭ كونتروللىقىغا چۈشۈپ قالماڭ, ئۇنىڭ تۇرمۇشىڭىزنى كونترول قىلىشىغا يول قويماڭ.
چۈنكى پەقەت ئۆزىڭىزلا ئۆز دۇنيارىڭىزنىڭ ھەقىقىي خوجايىنى.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !