ئاياللار تۇغۇتلۇق ۋاقتىدا، ئەرلەرنىڭ دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقى

نۇرغۇنلىغان ئەر-ئاياللارنىڭ ئايال ھامىلدار بولۇشتىن بۇرۇنقى جىنسىي تۇرمۇشى ناھايىتى تەرتىپلىك، كۆڭۈللۈك بولىدۇ، بىراق تۇغۇتتىن كېيىن، تۇيۇقسىز ئەركىشى ئۆزىنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىدىن مەسىلە چىققانلىقىنى بايقايدۇ. ئاياللار يېڭى تۇغۇت مەزگىلى، بالا ئېمىتىشتىن كېلىپ چىققان بەدەندىكى ھورمۇنلارنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن، جىنسىي ئىقتىدارىدا تۆۋەنلەش بولىدۇ، ئادەتتە بۇ نورماللىق بولۇپ توغرا چۈشىنىش كېرەك، ئەمما ئەرلەرنىڭ ئايالى تۇغقاندىن كېيىن جىنسىي تۇرمۇشىدا قىيىنچىلىق بولۇپ، ئۇلارنى ئېيتىشقا تىلى قىسىلىدىغان بىر قىيىنچىلىق چىرمىۋالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، كلىنىكىدا ئاياللارنىڭ تۇغۇتىدىن كېلىپ چىققان ئەرلەردە جىنسىي ئىقتىدار جەھەتتىن چېكىنىش ئەھۋالىنى خېلى ئۇچىراتقىلى بولىدۇ. بۇ ئاساسلىقى تۆۋەندىكى سەۋەبلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك:
1. ئاۋۋال ئايال ھامىلدار بولغاندىن تارتىپ تۇغۇت مەزگىلىگىچە ئۇزۇن مۇددەت ياكى قېتىم سانى ئاز بولۇشتىن كېلىپ چىققان ئەكس تەسىرى. ھامىلدار مەزگىلىدە، ئەرلەر ئادەتتە ئايالىغا كۆيۈنۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، ئۆزى ۋە جىنسىي تۇرمۇش بىر تەرەپكە قارىلىپ قالىدۇ-دە، دائىم جىنسىي ئارزۇسىنى باسىدۇ. ھامىلدار مەزگىلىدە جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشكە بولسىمۇ، پەرزەنتكە بولغان يۈكسەك تەلپۈنىشى بىلەن ھامىلىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئويلاپ، ئەر-ئايال ئىككىلا تەرەپ كۆپ ۋاقىتلاردا "ئۆزىنى بېسىۋالىدۇ". بالا تۇغۇلۇپ مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن، شېرىن جىنسىي تۇرمۇشتىن لەززەتلىنىدىغان ۋاقىتتا بولسا، جىنسىي ئەزالار بەلكىم ۋاقىتلىق " ئىشتىن توختىغان" لىقتىن، جىنسىي ئىقتىدارمۇ ئۇزۇن مۇددەت ماشىنا ھەيدىمىگەندە دەسلەپ پۇت قوللار سەل گالۋاڭلىشىپ، ئاسانلا ئوت ئۆچۈپ قالغانغا ئوخشاش بولىدۇ.

2. تۇغۇتتىن كېيىن ئەر-ئايال بارلىقىنى پەرزەنتكە ئاتىۋېتىدۇ، پۈتۈن دىققەت-ئېتىبارىنىڭ ھەممىسى بالىغا مەركەزلىشىدۇ. بالا ئۇخلىغاندا بولسا، ئەر-ئايال ئىككىلا تەرەپ چارچاپ ھالىدىن كەتكەن بولۇپ، چاپسانراق بىر ئۇخلىۋېلىشنىڭ كويىغا چۈشۈپ، جىنسىي تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىقتىن ئېغىز ئاچقىلىمۇ بولمايدۇ.
يەنە بىر قىسىم پىسخىكىلىق ئامىلمۇ ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. مەسىلەن: ئايالىنىڭ "غەمخورلۇقىغا" ئېرىشەلمەسلىكتىن، روھىي-ھالىتى چۈشۈپ قايىم بولۇشتا مەسىلە كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە ھامىلدار بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ، ئايال تەرەپ ياخشى ماسلاشماسلىق، ئۆيدە چوڭلارنىڭ بولۇشى، بالىنىڭ ئويغىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەش قاتارلىق ئەندىشىلەرمۇ قايىم بولۇش توسالغۇغا ئۇچىراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى مۇتەخەسىسى مۇنداق كۆرسەتمە بېرىدۇ:
ئەگەر تۇغۇتتىن كېيىن ئەر تەرەپتە جىنسىي جەھەتتە مەسىلە كۆرۈلگەندە، ئاكتىپ پوزېتسىيىدە بولۇش، ئۆزىنى قاچۇرماسلىق كېرەك، بولمىسا ئەر-ئاياللىق مۇھەببەتكە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، ھەمدە ئەرلەرنىڭ قايىم بولۇش ئىشەنچىسىگە ئېغىر زەربە بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق ۋاقىتتا، قايىم بولۇش مەسلىسىنىڭ يۈز بېرىش قېتىم سانى بويىچە ئانالىز قىلىشقا بولىدۇ، ئاندا-ساندا توسقۇنلۇق بولغاندا بەك ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق، كۆپ قېتىم سىناپ بېقىشقا بولىدۇ، ئەگەر ھەر قېتىملىق جىنسىي تۇرمۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا نورمالسىزلىق كۆرۈلگەندە، سېستىملىق داۋالاشنى قوبۇل قىلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، قايىم بولۇشنىڭ پەيدا بولۇش قېتىم سانى ئارقىلىقمۇ تەھلىل قىلىشقىمۇ بولىدۇ، يەنى ئەتىگەنلىك ۋە كېچىلىك قايىم بولۇشى نورمال بولسا، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ يىنىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇش، ئېھتىماللىقنىڭ پىسخىكىلىق ئامىلدىن بولۇشىنى بىلدۈرۈش كېرەك.

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !