ئەرلەر جەمئىيەتتە ئاياللارغا ئوخىشمايدۇ, ئەرلەرنىڭ غۇرۇرى كۈچلۈك بولىدۇ, بەزىدە خىزمەت تۈپەيلى باشلىقى تەرىپىدىن ئەيىبلەنگەندە مەيۈسلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا جورىسىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ياپونىيە «مۇھەببەت» مۇتەخەسسىسى بىنجۈن ئەرلەر ئاجىزلىق ھېس قىلغاندا, جورىسىنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئىشلارنى قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئومۇملاشتۇرۇپ چىققان.
1.ئەرلەر ياخشى كۆرىدىغان غىزانى تەييارلاپ بېرىش.
بۇ جەھەتتە ئاياللارمۇ ئوخشاش بولۇپ, مەززىلىك تەم ئادەمنى خۇشال قىلىدۇ. يېمەكلىكىنىڭ كۈچىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ. ئەرلەر ئاجىزلىق ھېس قىلغاندا, ئۇلارغا ياخشى كۆرىدىغان تاماق ۋە يېمەكلىكىنى تەييارلاپ بېرىڭ, ئۆز قولىڭىز بىلەن بىلەن تەييارلىغان تاماق جورىڭىزغا سىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان كۆيۈمىڭىزنى ھېس قىلدۇرۇپ, ئۇنىڭ جاراھىتىنى ساقايتالىشى مۇمكىن.
2.قۇچىقىڭىزنى ياستۇق قىلىپ بېرىڭ.
ئەرلەرنىڭ ئەركىلىگۈسى كەلگەندە, ئۇنىڭغا قۇچىقىڭىزنى ياستۇق قىلىڭ بېرىڭ. ئادەتتە ئەرلەر بۇ خىل ئۇسۇلنى كۆپ تاللىمىسىمۇ,ئەمما ئاجىزلىق ھېس قىلغىنىدا شۇنىڭغا مۇھتاج بولىدۇ ھەمدە ئەركىلەپ تۇرۇپ سىزگە دەردىنى تۆكىدۇ, بۇ ۋاقىتتا ياخشى بىر ئاڭلىغۇچى بولۇڭ.
3.قۇچاقلاپ قويۇڭ.
ئەرلەرنىڭ كەيپىياتى ناچار ۋاقىتتا كىچىك بالىغا ئوخشاپ قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا سىز ئۇنى ئاستا قۇچاقلاپ, ئۇنىڭغا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرىڭ. بۇ ۋاقىتتا سىز ئۇنىڭ ئانىسىغا ئوخشاپ قالىسىز, بۇ ۋاقىتتا تەسەللىي سۆزلىرىنى ئىشلىتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئەرلەر ئاجىزلىق ھېس قىلغاندا, جورىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلىپ بېرەلەيدىغان ئىشلىرىڭىز تولىمۇ كۆپ, بۇ ۋاقىتتا جورىڭىز سىزنىڭ قىلىپ بېرىشىڭىزنى خالايدىغان ئىشىنى قىلىپ بېرىپ, ئوتتۇرىڭلاردىكى ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇڭ.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !