جىگەردىكى ياغ يوقالسا، زەھەر قايتۇرۇش رولى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇلىدۇ.
بىر گىرام ئىسپىرتنىڭ ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى يەتتە كالورىيەدىن ئاشىدۇ. بەزىلەر ئاق ھاراق ۋە پىۋا ئېچىتىلغانلىقتىن، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولىدۇ، ۋىسكى ۋە بىراندى پارلاندۇرۇلغانلىقتىن، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولمايدۇ، شۇڭا ۋىسكىنى ئىچسە سەمرىمەيدۇ، دېيىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئېچىتىلغان ھاراقنىڭ ھېچقانچە ئوزۇقلۇق قىممىتى بولمايدۇ، ئەكسىچە ئىشتىھانى ئېچىپ، سەمىرىشنى تېزلىتىدۇ.
ھاراق تەركىبىدىكى ئىسپىرىت ناھايىتى ئاسانلا ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىگە ئۆزگىرىپ، ياغلار بىلەن بىرلىكتە بەدەندە ساقلىنىدۇ.
دېمەك، ئىسپىرتنىڭ سېمىز ئادەملەر ئۈچۈن ئېيتقاندا بەدەنگە زىيىنى ناھايىتى كۆپ.
ھاراق ئىچكەندە كۆكتات، دېڭىز يۈسۈنى ۋە ئېسىل ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك.
يەنە بىر جەھەتتىن، سېمىز ئادەم ئورۇقلىغاندىن كېيىن، جىگەردىكى ياغ توقۇلمىلىرى ئازىيىپ، زەھەرسىزلەندۈرۈش رولى تېخىمۇ ئاسان جارى قىلدۇرۇلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مەستلىك ئاسانلا يوقىلىدۇ.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !