بەزىلەر ھەيز مەزگىلىدە باش يۇسا، بالىياتقۇنىڭ تارىيىشى يېتەرلىك بولماي ھەيز قېنى تولۇق چىقىپ كېتەلمەيدۇ، بەدەندىكى ھورمۇنلارنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى تەڭپۇڭسىزلىشىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ئاسانلا راك بولۇپ قالىدۇ، دەپ قارايدۇ. مۇشۇنداق قاراشلارنىڭ ئىلمىي ئاساسى بارمۇ؟ بۇنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوق، سەۋەبى:
1. باش بىلەن داس بوشلۇقىنىڭ ئارىلىقى خېلى يىراق بولغاچقا، باشنى سوغۇق سۇ ياكى ئىسسىق سۇدا يۇيۇشتىن قەتئىينەزەر، بالىياتقۇنىڭ تارىيىشىغا تەسىرى بولمايدۇ.
2. ھەيز قېنىدا ئادەتتىكى قاندىن باشقا يەنە بالىياتقۇنىڭ تۆكۈلگەن ئىچكى پەردە پارچىلىرى، بالىياتقۇ بوينى شىلىمشىق سۇيۇقلۇقى ۋە جىنسىي يول ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىسى قاتارلىقلار بولۇپ، ھەممىسىلا ئادەم بەدىنىنىڭ نورمال توقۇلمىلىرىدىن ئىبارەت، تېبابەتتە ئۇلارنىڭ راك پەيدا قىلىدىغانلىقى ھازىرغىچە بايقالمىدى. ئېغىرلىق كۈچى ۋە بالىياتقۇنىڭ تارىيىشى تەسىرىدە ھەيز قېنى بالىياتقۇ ئىچىدە قېپ قالمايدۇ، كۆپىيىش يولى غەيرىي بولۇپ قالغان ۋە جىنسىي يولى توسۇلۇپ قالغانلاردا دائىم ھەيز قېنى ساقلىنىپ قالىدۇ، ئەمما بالىياتقۇ بوينى راكىغا ئايلىنىپ قالمايدۇ.
3. بەدەندىكى جىنسىي ھورمۇنلارنىڭ دەۋرىيلىك ئۆزگىرىشى بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ قېرىلىشى ۋە تۆكۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھەيزنى شەكىللەندۈرىدۇ، يەنى ھەيز ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ نەتىجىسى ۋە ئىپادىسى بولۇپ، ھەرگىزمۇ ھەيز ئىچكى ئاجراتمىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
4. باش يۇيۇش كىشىلەرنىڭ بىر خىل ئەڭ ئاددىي تۇرمۇش ئادىتى بولۇپ، كۆپلىگەن خانىم–قىزلار ھەيز مەزگىلىدە بېشىنى يۇيۇۋېرىدۇ، بۇ سەۋەبتىن كېسەل بولۇپ قالمايدۇ.
نۆۋەتتە بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ پەيدا بولۇشى ئەمچەك توپچىسى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشتىن بولىدىغانلىقى، ئۇ يەنە بالدۇر توي قىلىپ، بالدۇر بالىلىق بولۇش، جىنسىي ھەمراھى كۆپ بولۇش، كۆپ تۇغۇش، ئاياللار كېسەللىكلىرى ۋە خەتنىلىك كىرى قاتارلىق ئامىللار بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولىدىغانلىقىنى تېببىي ساھە ئېتىراپ قىلغان، بىراق ئۇنىڭ ھەيز مەزگىلىدىكى باش يۇيۇش بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق.
ـــ ماتېرىيالدىن
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !