ھەيز مەزگىلى ئاياللارغا نىسبەتەن ئالاھىدە فىزىيولوگىيەلىك مەزگىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ, بۇ ۋاقىتتا ئاياللارنىڭ بەدىنى بىر ئاجىز ھالەتتە تۇرغاچقا ناھايىتى ئاسراشقا موھتاج بولىدۇ. بۇ بىر ھەپتە ۋاقىت ئىچىدە, نۇرغۇن ئىشلارغا دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ, تۆۋەندە ئاياللارنىڭ ھەيز مەزگىلىدە ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى چۈشىنىپ ئۆتەيلى.
1.قاتتىق ھەرىكەت قىلماسلىق. مەسىلەن ئېگىزگە سەكرەش, يىراققا سەكرەش, يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى, پۇتبول تېپىش قاتارلىق قاتتىق ھەرىكەتلەر بەدەننىڭ ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ, ھەتتا ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش, تەڭپۇڭسىز بولۇش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. بەزى قورساق بېسىلىدىغان كۈچ مەشىقلىرى, مەسىلەن, ئېغىرلىق كۆتۈرۈش,گانتېل قاتارلىقلاردىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك, ئۇنداق بولمىغاندا ھەيز مەزگىلى ئۇزىراپ كېتىدۇ.
2.قارىغۇلارچە دورا يېمەسلىك.
نۇرغۇن خانىم-قىزلار ھەيز مەزگىلىدە دورا يەپ ئوزۇقلۇق تولۇقلاپ, قاننى جانلاندۇرماقچى بولىدۇ, ئەمما بۇ مەزگىل دەل دورا يېيىش چەكلەنگەن مەزگىلى. ئادەتتە قاننى جانلاندۇرىدىغان دورىلار ھەيز مىقدارىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ.
3. ئوپېراتسىيە قىلدۇرماسلىق.
ھەيز مەزگىلىدە ھەرقانداق شەكىلدىكى ئوپېراتسىيە قىلىش مۇۋاپىق كەلمەيدۇ, چۈنكى ھەيز مەزگىلىدە بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى نۇرغۇن توقۇلما جانلاندۇرۇش ماددىسى ئىشلەپچىقىرىپ, قاندىكى تالا ئاقسىلىنىڭ ئېرىشى زىموگېن ئۇيۇشقا قارشى ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان تالا ئاقسىلى لىزوزومىغا ئايلىنىپ, بەدەندىكى قان پلاستىنكىسنىڭ سانى ئازىيىپ, قاننىڭ ئۇيۇشۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ, قان توختاش ۋاقتىنى ئۇزارتىۋېتىدۇ.
4.ھەيز مەزگىلىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك.
ئۇنداق بولمىغاندا قىزىتىش, دوۋسۇنى ئاغرىش, ھەيز مىقدارى كۆپىيىش ۋە ھەيز ۋاقتى ئۇزىراش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
5.چىپ كېلىدىغان كىيىم-كېچەك كەيمەسلىك.
ئەگەر خانىم-قىزلار ھەيز مەزگىلىدە چىپ كېلىدىغان ئىچ كىيىملەرنى كىيگەندە ئاسانلا ھەيزنىڭ راۋان بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ, بولۇپمۇ كىيىمنى سېلىپ كىيگەندە, قورساق بوشلۇقىنىڭ بېسىمى ئۆزگىرىپ, قاننىڭ تەتۈر ئېقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ, بۇنداق بولغاندا بەل ئاغرىش, قورسىقى ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ,ھەتتا تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.ھ
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !