رازىيەنىڭ ھېكايىسى
رازىيە تويدىن بۇرۇنقى ۋە تويدىن كېيىنكى يولدىشىنى پۈتۈنلەي ئىككى ئادەمدەكلا ھېس قىلىپ قالدى.
تويدىن بۇرۇن، رازىيەنىڭ يولدىشى ئۇنىڭغا تولىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ، ھەركۈنى كۆرۈشۈشتىن قايتقاندىن كېيىن، ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قوياتتى، تېخى ئۇنى ئىشىكىنىڭ ئالدىغىچە يۈدۈپ باراتتى. ئىشىكىنىڭ ئالدىغا بارغاندىن كېيىن، رازىيەنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى ئۆيگە تەكلىپ قىلمىغۇچە كىرمەيتتى. ئۆيگە كىرىپ قالسا چوڭلارغا ياخشى گەپلەرنى قىلىپ، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرەتتى. بۇنىڭدىن رازىيە ۋە ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلىرى قاتتىق تەسىرلىنىپ كەتكەچكە، ئۇلار تېزلا توي قىلدى.
تويدىن كېيىن، رازىيە بىلەن يولدىشى بىرەر ئايدەك شېرىن كۈنلەرنى ئۆتكۈزدى، ئەمما قېيناپىسى كۆچۈپ كېلىپ ئۇلار بىلەن تۇرغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تۇرمۇشى ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتتى.
يولدىشىنىڭ نەزىرىدە ئاپىسىلا بولۇپ، رازىيە خىيالىغا كىرىپ چىقمايتتى، ئۇنى ئاز دېگەندەك ئىككى-ئۈچ كۈندە بىر مۇشت-پەشۋالىرىنى ئىشقا سېلىپ تۇراتتى.
رازىيەنىڭ يولدىشىدىن بىرىنچى قېتىم تاياق يېيىشى بىر تەخسە تۇخۇم شوخلا قورۇمىسى سەۋەبلىك بولدى. رازىيە تۇخۇم شوخلا قورۇمىسى قورۇغاندا، ئازراق شېكەر سېلىۋەتتى، ئەمما پىياز سالمىدى. قېيناپىسى بۇنى كۆرۈپ چالۋاقىغىنىچە: «خوتۇنۇڭ قان بېسىمىمنى ئۆرلىتىۋىتىش ئۈچۈن قورۇمىغا ئاتايىن شۇنداق جىق شېكەر سېلىۋىتىپتۇ، تېخى پىيازمۇ سالماپتۇ، بۇنداق قورۇمىنى قانداقمۇ يېگىلى بولسۇن» دەپ ئوغلىغا چېقىشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن رازىيەنىڭ يولدىشى شۇ ھامان رازىيەنى بىر شاپىلاق سالدى، رازىيەنىڭ كۆز ئالدى قاراڭغۇلۇشۇپ كەتتى.
بىرىنچى قېتىملىقى بولغاندىن كېيىن، كېيىنچە بۇنداق مۇشت-پەشۋالىرىنى ئىشقا سېلىش دائىملىق ئىش بولۇپ قالدى. بىر قېتىم ئۇنىڭ يولدىشى ئەتىگەندە ئويغىنىپ ئوغلىنىڭ ئېچىلىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، رازىيەنى دەرھال ئويغاتتى ۋە ئۇنى «ھۇرۇن ئېشەك بالىنى دەرھال ياپ» دەپ تىللىدى. رازىيە كېچىچە بالىسىنى بەش-ئالتە قېتىم يېپىپ تۈزۈكرەك ئۇخلىيالمىغاچقا، يولدىشىغا «سىز يېپىپ قويۇڭە» دېيىشىگە، يولدىشى ئۇنىڭ پۇتىغا بىرنى تېپىپ، «ھازىرلا بالىنىڭ يوتقىنىنى ياپ» دەپ ۋارقىراپ كەتتى.
رازىيەنىڭ كۆز ياشلىرى يېپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك چۈشۈشكە باشلىدى، ئەمما ئۇ بالىسىغا ئىللىق ئائىلە مۇھىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ئېرى بىلەن ئۇرۇشماي، ئىزچىل ھەممە ئىشلارغا سۈكۈت قىلىپ چىداپ كەلدى.
بەزى دوستلىرى ئۇنى ئاجرىشىپ كېتىشكە دەۋەت قىلدى، ئەمما رازىيە قەتئىي ئۇنىمىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، يولدىشى ئىككىسى بىر-بىرىنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ھەممىسى قېيناپىسىنىڭ ئوت قۇيرۇقلۇق قىلىپ تاپقان ئىشكەن. قېيناپىسى كۆچۈپ كەتسىلا، ھەممە ئىشلار ياخشىلىنىپ كېتەرمىش.
بۇ ئىشلارغا راستتىنلا قېيناپىسى سەۋەبلىكمۇ؟ رازىيەنىڭ ئېرى «داشقال ئەر» لەردىن ئەمەسمۇ؟ بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى رازىيەنىڭ كۆڭلىگە ئەڭ ئايدىڭ، ئەمما ئۇ ئىقرار قىلىشنى خالىمايدۇ.
سانىيەنىڭ ھېكايىسى
سانىيەنىڭ توي قىلغىنىغا ئىككى يىل بولغان بولۇپ، بۇ ئىككى يىل جەريانىدا ئۇ بەختنىڭ نېمىلىكىنى ئەزەلدىن ھېس قىلىپ باقمىدى.
ئۇلار خىزمەت جەريانىدا تونۇشقان بولۇپ، چاي ئىچۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇ يولدىشىنىڭ تېلېفونىدا باشقا قىزلار بىلەن كارىۋاتتا چۈشكەن رەسىمىنى بايقاپ قالغانىدى، ئۇنىڭ يولدىشى بولسا ئۇ قىز بىلەن ئادەتتىكى دوست ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. سانىيە بۇنىڭغا ئىشەندى، ئىككىيلەن توي قىلغاندىن كېيىن، ئازابلىق كۈنلەر باشلاندى.
سانىيەنىڭ يولدىشى مەيخانىدا ئىشلەيدىغان بولۇپ، دائىم باشقا قىزلار بىلەن خۇپىيانە مۇناسىۋەتلەردە بولاتتى، «تېخىچە بويتاقمەن» دەپ باشقا قىزلارغا تېلېفون نومۇرىنى قالدۇراتتى، ئۇلارنى تاماققا تەكلىپ قىلاتتى، ئۆيىگە يېرىم كېچىلەردە ئاران قايتاتتى. سانىيە بولسا «بۇ ئۇنىڭ خىزمىتى، خىزمىتى سەۋەبلىك مۇشۇنداق قىلىدۇ، مۇشۇنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئائىلە ئۈچۈن، بالام ئىككىمىزگە تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈنغۇ» دەپ ئۆز-ئۆزىگە تەسەللىي بېرەتتى.
سانىيەنىڭ چوڭ قىزى ئالتە ئايلىق بولغاندا، يولدىشى ئۇنى يۇرتىغا قايتىشقا دەۋەت قىلىپ «بۇ يەر سوغۇق، بالا ئاسان زۇكامداپ قالىدۇ» دېدى. سانىيە بۇنىڭغا ئىشىنىپ يۇرتىغا قايتتى. نەتىجىدە بىر دوستى ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ، يولدىشىنىڭ بىر قىز بىلەن بىللە يۈرگەنلىكىنى، بىر قارىسىلا نورمال مۇناسىۋەتتە ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقى ئېيتتى.
سانىيە ئۇنى توي قىلمىغانلىقى ۋە ئوغۇل دوستىنىڭمۇ بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىگە ھەسەت قىلىپ، ئائىلەمنى بۇزماقچى دەپ تىل سالدى.
سانىيەنىڭ ئىككىنچى قىزى بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغاننى ئاز دەپ، كانايچە ئۆپكە ياللۇغى بولۇپ قالغاچقا، يولدىشىنىڭ كەيپىياتى ئىنتايىن ناچار ئىدى. سانىيەمۇ يولدىشىغا يۈز كېلەلمىگەندەك ھېس قىلىپ، ئائىلە ئىشلىرىنى تېخىمۇ بېرىلىپ قىلدى. قىرقى توشۇشى بىلەنلا يالغۇز بالا بېقىپ، تاماق ئېتىپ، ئۆي تازىلاپ دېگەندەك، ئۆي ئىشلىرىنىڭ ھەممىنى ئۈستىگە ئالدى، يولدىشى قولىنى ئەگرى قىلمايتتى.
نەچچە كۈن بۇرۇن يولدىشى ئۇنى بالىلارنى ئېلىپ يۇرتىغا قايتىشقا دەۋەت قىلغاندا، ئۇ ماقۇل بولدى. يۇرتىغا قايتىپ ئىككى كۈن بولا-بولمايلا، بىرەيلەن ئۇنىڭ ئۈندىدارىنى قوشۇپ، ئۆزىنىڭ سانىيەنىڭ يولدىشىنىڭ بۇرۇنقى قىز دوستى ئىكەنلىكىنى، بۇ مەزگىللەردە ئىككىسىنىڭ دائىم بىللە يۈرگەنلىكىنى، كۆپ قېتىم ياتاق ئاچقانلىقىنى ئېيتتى.
سانىيە قاتتىق چۆچۈگەن ھەم قاتتىق ئازابلانغان ھالدا بۇ ئىشنى يولدىشىدىن سورىغاندا، يولدىشى قەسەم قىلىپ، قەتئىي يولدىن چىقىدىغان ئىشلارنى قىلمىغانلىقىنى ئېيتتى، سانىيە يەنە يولدىشىغا ئىشەندى.
سانىيە يولدىشىنىڭ «داشقال ئەر» ئىكەنلىكىنى بىلمەمدۇ؟
بەزى ۋاقىتتا ئادەملەرنى ھەقىقەتەنمۇ چۈشەنمەك تەس، قارشى تەرەپنىڭ «داشقان ئەر» لىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا ئۆزىنى-ئۆزى ئالداپ كۈن بويى خام خىيال ئىچىدە ياشايدۇ. ئەگەر دوستلىرىنىڭ ئىدىيەسىدىن ئۆتمەي، بۇنى ئۇنىڭ يۈزىگە سالسا، ئەكسىچە دوستىدىن يامانلاپ، «داشقال ئەر» دىن چىقىرالمىغان ئاچچىقىنى دوستىدىن چىقىرىدۇ-يۇ، ئەمما يېنىدىكى ئەردىن ھەرگىز يامانلىمايدۇ.
«داشقال ئەر» ۋە ئۇنىڭدىن يىراقلىشىش
يۇقىرىقى ئىككى ھېكايە گەرچە توقۇلما بولسىمۇ، ئەمما تۇرمۇشىمىزدا ھەقىقەتەن كۆپ ئۇچرايدىغان ئىشلار، بۇنداق ئەرلەرنى بىز «داشقال» ياكى «ئەخلەت» دەپلا نام بەرسەك بولىدۇ، ئۇلارنىڭ قانداقلىقىنى بەرگەن نامىمىزدىنلا بىلىپ بولالايمىز. بۇنداق ئەرلەر مەۋجۇت بولۇپلا تۇرىدىكەن، ھەر بىر خانىم-قىزلارنىڭ يولۇقتۇرۇپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. بەزى ئاياللارنىڭ تەلىيى كېلىپ بۇنداق ئەرلەرنى يولۇقتۇرمايدۇ، بەزى ئاياللار يولۇقسىمۇ بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۆزىنى ئوڭشاپ بۇنداق ئەرلەرنى يولغا سېلىپ قويىدۇ، ئەمما بەزى ئاياللار بۇنداق ئەرلەردىن مەڭگۈ ئايرىلمايدۇ.
ئۇنداقتا بەزى ئاياللار نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئەرلەردىن ئايرىلالمايدۇ؟
بىرەيلەن مۇنداق ئىككى پىسخلوگىيىلىك ھادىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانىكەن: ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقۇش ۋە تۆلىگەن بەدەللىرىگە قىيالماسلىق
ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقۇش: كىشىلەر ھەمراھىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن بەكلا بىزار، ھەتتا تېخىمۇ ياخشى ھەمراھ تاپالايدىغان پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويسىمۇ، «داشقال ئەر» نىڭ خورلىشىغا ئۇچرىسىمۇ، قارشى تەرەپتىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىنى ئويلىسىلا، چىدىماي قالىدۇ، بۇ مۇشۇنداق بىر روھىي ھالەتنىڭ سەۋەبىدىن بەزى ئاياللار «داشقال ئەر» لەردىن ئايرىلىپ كېتەلمەيدۇ.
تۆلىگەن بەدەللىرىگە قىيالماسلىق: بىر ئادەم ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرى قانچە كۆپ بولسا، بۇ ئادەمگە بولغان ھېسسىياتى شۇنچە چوڭقۇر بولىدۇ. «داشقال ئەر» لەر ياخشى ئەرلەرگە ئوخشىمايدۇ، ياخشى ئەرلەر ئاياللار ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدۇ، ئەمما «داشقال ئەر» لەر ئاياللارنى ئۆزلىرى ئۈچۈن بەدەل تۆلەتكۈزىدۇ. ئاياللار ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ، ئۇلارغا پۇل بېرىدۇ، ھەتتا ئۇلار ئۈچۈن بالا چۈشۈرۈشكىمۇ رازى، ئاياللارنىڭ تۆلەيدىغان بۇنداق بەدەللىرى كۆپ بولغانچە، قارشى تەرەپكە بولغان ھېسسىياتى شۇنچە چوڭقۇر بولىدۇ، شۇڭا ئۇلاردىن ئايرىلىپ كېتىشكە چىدىمايدۇ.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !