ئەرلەرنىڭ مىجەز-خاراكتېرىنى چۈشەنگىڭىز بارمۇ? ئەمەلىيەتتە ئۇلار بىلەن ئۇزۇن مۇددەت ئارىلىشىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق, پەقەت 10 مىنۇتتىلا ئۇلارنى چۈشىنەلەيسىز. ئىشىنىشىڭىز كېرەككى, ئەرلەرنىڭ ھەر بىر ئىش-ھەرىكىتى ئۇلارنىڭ مىجەز-خاراكتېرىنى ئاشكارىلايدۇ, بەزى ئىنچىكە نۇقتىلارغا دىققەت قىلغاندىلا, ئۇلارنى چۈشىنىش قىيىنغا توختىمايدۇ. ئۇنداقتا تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىدىن قانداق قىلىپ بىر ئەرنى چۈشىنىپ يېتىشنى كۆرۈپ باقايلى.
1.ئۇنىڭ دوستلىرى بىلەن ئارىلاشقان ۋاقتى. تېخىچە بالىلىق ۋاقتىدىكى دوستلىرى بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قالغان ئەرلەر ئادەتتە ساداقەتمەن كېلىدۇ. بىراق, ھېسسىيات مۇتەخەسسىسى سى كەير مۇنداق دەيدۇ: بۇنداق ئەرلەر بەلكىم مۇتەئەسسىپ, يېڭى شەيئىلەرنى قوبۇل قىلمايدىغان بولۇشى مۇمكىن, سىزدە يېتەرلىك سەۋىر-تاقەت بولۇشى كېرەك.
2.ئۇ قانداق ھەرىكەتلەرنى ياخشى كۆرىدۇ. ئىككى جىنىس مۇناسىۋىتى مۇتەخەسسىسى سىتېۋىن ناكامتو مۇنداق دەيدۇ: يۈگۈرۈش, سۇ ئۈزۈش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى ياخشى كۆرىدىغان ئەرلەر يالغۇزلۇقنى ياخشى كۆرىدۇ. پۇتبول, ۋاسكېتبول, كالتەك توپ قاتارلىق كوللېكتىپ تۈرلەرنى ياقتۇرىدىغان ئەرلەر باشقىلار بىلەن رىقابەتلىشىشكە ئامراق كېلىدۇ. ھەرىكەت قىلىشنى ياخشى كۆرمەيدىغانلار سەزگۈررەك كېلىدۇ.
3.قانداق تاماقنى بۇيرىتىدىغانلىقى. ئائىلە تاماقلىرىنى يىيىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئەرلەر ئادەتتە ئېغىر بېسىق ۋە ئەستايىدىل كېلىدۇ, شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا, تەۋەككۇل قىلىشنى ياقتۇرمايدۇ. يېڭى تاماقلارنى تېتىپ بېقىشنى ياقتۇرىدىغانلار ئۆزىنىڭ مىجەزى بويىچە ئىش قىلىدىغان, يېڭىلىق يارىتىشنى ياقتۇرىدىغان ئەرلەردۇر.
4. پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى. ئۇ ئەر تېلېفون قىلىش, پوچتا يوللانمىسى يوللاش ياكى قىسقا ئۇچۇر يوللاشلارنىڭ قايسىسىنى ياقتۇرىدۇ? پسىخولوگىيە پروفېسسورى جىف بۇلسىن دوكتور مۇنداق دەپ قارايدۇ: پوچتا يوللانمىسى يوللاشنى ياقتۇرىدىغانلار ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ماھىيتىنى يوشۇرىدىغان تىپقا كىرىدۇ, تېلېفون قىلىشقا ئامراق ئەرلەر تۈزرەك كېلىدۇ, قىسقا ئۇچۇر يوللاشنى ياقتۇرىدىغانلار بولسا ھەر ۋاقىت سىزنىڭ دىققىتىڭىزنى قوزغاشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
5. ماشىنا ھەيدەش ئادىتى. ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پسىخولوگىيە دوكتورى رىئان جونسون مۇنداق دەيدۇ: ئاپتوموبىل توسۇلۇپ قالغاندا, ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان ئەرلەر ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامراق, خىزمەتتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بولىدۇ, بىراق بۇنداق ئەرلەر بىلەن چىقىشىش قىيىن. ئەگەر ئۇ كىشى ئېغىر-بېسىق بولسا, بۇنداق ئەرلەرنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى بىر قەدەر كۈچلۈك بولىدۇ.
6. گەپ قىلىش سۈرئىتى. ئەگەر ئۇ كىشىنىڭ گەپ قىلىش سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولسا, بۇ ئۇنىڭ تۈز كۆڭۈل,ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ, لېكىن بۇنداقلار جاھىلراق كېلىشى مۇمكىن. گەپ قىلىش سۈرئىتى ئاستا ئەرلەر ئېھتىياتچانراق كېلىدۇ.
7. قانداق كىيىملەرنى كىيىشىڭىزنى ياقتۇرىدۇ? ئەگەر ئۇ كىشى سىزنىڭ پادىچىلار ئىشتىنى بىلەن مايكا ياكى تەنتەربىيە كىيىملىرىنى كىيىشىڭىزنى ياخشى كۆرسە, ئۇنداقتا ئۇ كىشى ئاددىي-ساددا, تىنچ تۇرمۇشنى ياقتۇرىدىغان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇ كىشى سىزنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم ياكى زامانىۋىي كىيىملەرنى كىيىشىڭىزنى ياقتۇرسا, ئۇنداقتا بۇ ئۇ ئادەمنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !