1. ھېسسىياتىنى باغلاپ تۇرۇش ئۈچۈن ۋەدىلىشىش.
نۇرغۇن ئاشىق-مەشۇقلار مۇھەببەت ھېسسىياتىنى باغلاپ تۇرۇش ئۈچۈن دەسلەپتىلا قاتتىق ۋەدىلىشىدۇ, ئەمما بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن بۇ ۋەدىلەرگە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ ھەمدە دىققەت قىلمايدۇ. ئۇلار ئېھتىمال خىزمەت ياكى قسىمەن ۋاقىت سەرپ قىلىدىغان قىزىقىشلىرى سەۋەبلىك بۇ ۋەدىلىرىگە ئۆز-ئارا دىققەت قىلماسلىقى مۇمكىن. ساغلام ھېسسىياتتا, ھەر ئىككىيلەننىڭ ئۆز ئالدىغا قىزىقىشى بولىدۇ,ئەمما ئۇلار ھېسسىياتىنى باغلاپ تۇرۇش ئۈچۈن بۇ ۋەدىلەرنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ. ۋەدە بېرىش ئەمەلىيەتتە گۈزەل مۇھەببەت ھېسسىياتى ئۈچۈن تىرىشىشتىن دېرەك بېرىدۇ, ھەر قانداق ھېسسىيات مۇناسىۋىتىدە ھەر خىل ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ,ھالبۇكى, ئاشىق-مەشۇقلار بۇ ۋەدىلىرى ئۈچۈن ئۆزىنى ماسلاشتۇرۇشنى ھەم بەدەل تۆلەشنى بىلىشى كېرەك.
2. ئۆزىنى قارشى تەرەپنىڭ دوستى ياكى ئەڭ ياخشى ھەمراھى ئورنىدا كۆرۈش.
ئۇزۇن مەزگىل ئارىلاشقان ئاشىق-مەشۇقلار بىر-بىرى بىلەن يېقىن دوستلاردەك بولۇپ كېتىدۇ. ئۇلار ئوخشىمىغان پائالىيەتلەردىن, ئۆز-ئارا ھەمراھ بولۇشقان مىنۇتلاردىن شۇنداقلا خۇشاللىق ۋە ئازابلاردىن تەڭ بەھرىلىنىدۇ. ئوڭۇشلۇق ھېسسىياتتا, ئىككىيلەن ئوخشىمىغان رولنى ئالىدۇ, ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنى ئوخشاش ئورۇندىكى ھەمراھلىرىنىڭ ئورنىدا كۆرىدۇ. ئۇلار بىرىنىڭ قىزىقىشى ۋە كۆز-قارىشىنى ئۆزىنىڭكىدىن مۇھىم كۆرىدۇ شۇنداقلا بۇ مۇناسىۋەتكە ئۆزىنى تېخىمۇ بېغىشلاش پوزىتىسىيىسىدە بولىدۇ.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !