تاماكا چېكىشنىڭ ياشلار–ئۆسمۈرلەرگە بولغان زىيىنى

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > تۇرمۇش >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2016-08-30 20:25:50

ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، پۈتۈن دۇنيادا ھەر يىلى تەخمىنەن بىر مىليون ئادەم تاماكا چېكىش سەۋەبىدىن ۋاقىتسىز ئۆلۈپ كېتىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ياشلار – ئۆسمۈرلەرنىڭ نىسبىتى يۇقىرىلاۋېتىپتۇ.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايقىشىچە، تاماكا (سىگارت) دىكى رادىيو ئاكتىپ ماددىلار ھاۋادىكىدىن كۆپ بولىدىكەن. تاماكا چەككەندە، تاماكىدىكى رادىيو ئاكتىپلىق ماددىلار تاماكا ئىسى بىلەن كاناي ۋە ئۆپكىگە كىرىپ، ئۆپكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بولغاچقا، ياشلار – ئۆسمۈرلەر تاماكا چەكسە ئۆپكە راكىغا ئاسان گىرىپتار بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، رادىيو ئاكتىپلىق ماددا يەنە قان ئايلىنىش ئارقىلىق بەدەندىكى باشقا ئەزا ۋە ئورگانىزملارغىمۇ تاجاۋۇز قىلىدىكەن.

تاماكا چېكىش ياشلار–ئۆسمۈرلەرنىڭ يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىغا ناھايىتى زىيانلىق ئىكەن. تاماكا چەككەن ياشلار–ئۆسمۈرلەرنىڭ قان تومۇرلىرىنى مىكروسكوپتا كۆرگەندە، قاننىڭ ئېقىش سۈرئىتى ئاستىلاپ كەتكەنلىكى ھەم قان دانچىلىرىنىڭ يىغىلىپ قالغانلىقى بايقالغان. ئۇزاق مۇددەت تاماكا چەككەن ياشلار–ئۆسمۈرلەرنىڭ ئارتېرىيە تومۇرىنىڭ ئىچكى دىۋارىدا ئالاھىدە بىر خىل سۇلۇق قاپارتما پەيدا بولىدىكەن ۋە قانلار راۋان ئاقالماي بەزىدە توسۇلۇپ قالىدىكەن.

ياشلار–ئۆسمۈرلەر تاماكا چەككەندە، سۆڭەككە زىيىنى چوڭ بولىدىكەن. كۈنىگە بىر قاپ تاماكا چېكىدىغان ياشلار–ئۆسمۈرلەرنىڭ قىنىدىكى كادمىي (بىر خىل ئېغىر مېتال) تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭكىدىن بەش ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. كادمىي ئادەتتە سۆڭەكنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدىغان مېتال بولۇپ، سۆڭەكتە كۆپ تۆشۈك بولۇش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئىچىدە يەنىلا تاماكا چەككەنلەر كۆپ ساننى ئىگىلەيدىكەن.

تاماكا چېكىش ياشلار–ئۆسمۈرلەرنىڭ تېرىسىنى تېز كاردىن چىقىرىدۇ. ئۇ يەنە مۇھىتنى بۇلغاپ، باشقىلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈرىدۇ. تاماكىدا 3600 خىلدىن كۆپرەك خىمىيەلىك بىرىكمە، تاماكا ئىسىدا 1200 خىلدىن كۆپرەك زەھەرلىك ماددا بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىقى كاربون چالا ئوكسىدى بولۇپ، ياشلار – ئۆسمۈرلەرنىڭ بەدىنى تۆۋەن قويۇقلۇقتىكى كاربون چالا ئوكسىدى بىلەن ئۇزاق ۋاقىت ئۇچراشسا، ئاستا خاراكتېرلىك زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تېرە سىلىقلىقىنى يوقىتىدۇ، يىرىك ھەم خۇنۈك بولىدۇ.

ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، تاماكا چېكىشنىڭ ئىنسانلارنىڭ، بولۇپمۇ ياشلار–ئۆسمۈرلەرنىڭ تەن ساغلاملىقىغا بولغان زىيىنى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا %90 ئۆپكە راكى، %75 ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقى، %25 تاجىسىمان يۈرەك قانتومۇر كېسىلى تاماكا چېكىشتىن كېلىپ چىقىدىكەن. ياشلار – ئۆسمۈرلەر تاماكا چېكىشنى قانچە كىچىك باشلىسا، يۇقارقى كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى، كېسەللىك ئەھۋالىمۇ شۇنچە ئېغىر بولىدىكەن. تەكشۈرۈشلەردە ئىسپاتلىنىشىچە، 15 ياشتىن ئىلگىرى تاماكا چەككەنلەردىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 2.7 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.

(ئالىم ئىمىننىياز تەييارلىغان)

ـــ ماتېرىيالدىن 

 

مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-08/28/content_544599.htm



تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • ئاياللار تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، يۈزىگە سەپكۈن چۈشىدۇ
  • جىنىسىي ئىقتىدار بىلەن يۈرەكنىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ؟
  • ئەركەكلىكنىڭ بەش خىل ئىپادىسى
  • ئاياللار تۇغۇتلۇق ۋاقتىدا، ئەرلەرنىڭ دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقى
  • شوخ كىشىلەر تېخىمۇ جەلپكار بولىدۇ
  • قەھۋەنى قانچىلىك ئىچكەندە ئۈنۈمى بولىدۇ؟ بۇنى گېن بەلگىلەيدۇ
  • ئەرلەرگە ياقىدىغان يېمەكلىكلەر
  • ئاياللار پىسخكىسىنى تەڭشەشتە...
  • ھەيز مەزگىلىدە باش يۇيۇشقا بولامدۇ؟
  • بىزدىكى يېڭى خۇراپات-ساغلاملىق مەھسۇلاتىغا قارىغۇلارچە ئىشىنىش
  • سېمىز ئادەم ئورۇقلىسا، مەستلىكى ئاسان يېشىلىدۇ
  • ئاياللار كۆكسىنىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىشىنىڭ ئالتە چوڭ سەۋەبى
  • تېرىدىكى سېرىقلىقنى يوقىتاي دېسىڭىز...
  • قانداق ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ ئادەمنى چارچاتمايدۇ؟
  • بالىنىڭ قانداق كەسپ تاللىشى گېن بىلەن مۇناسىۋەتلىك
  • ئاياللارنىڭ كۆز يېشىنى قورال قىلىشىغا ئەڭ ماس كېلىدىغان سورۇنلار
  • ئاياللار نېمىشقا داشقال ئەرلەردىن ئايرىلالمايدۇ؟
  • كىچىك قورساقنى يوقىتىش ئۇسۇللىرى
  • ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • بالىلىق مەزگىلىدە ئانتىبىئوتىكلارنى كۆپ ئىشلەتكەننىڭ زىيىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • سالامەتلىكنى ياخشىلاش چارىلىرى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، يۈزىگە سەپكۈن چۈشىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • يانفوندا تورغا چىقسا، رادىياتسىيە تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • جىنىسىي ئىقتىدار بىلەن يۈرەكنىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەركەكلىكنىڭ بەش خىل ئىپادىسى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار تۇغۇتلۇق ۋاقتىدا، ئەرلەرنىڭ دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • نىمە ئۈچۈن قانچە ئالدىراش بولغانسېرى جىنسىي تۇرمۇشقا شۇنچە ئىنتىلىمىز؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • شوخ كىشىلەر تېخىمۇ جەلپكار بولىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەرلەردىكى بەل ئاغرىش قانداق كېسەللىك ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قەھۋەنى قانچىلىك ئىچكەندە ئۈنۈمى بولىدۇ؟ بۇنى گېن بەلگىلەيدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللارنىڭ چىرايى ئېرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • تاماكا چېكىشنىڭ ياشلار–ئۆسمۈرلەرگە بولغان زىيىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەرلەرگە ياقىدىغان يېمەكلىكلەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • تۈنىگەندە ئالما يەڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

    باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

    باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • تارىختىكى ئۇرۇشلاردا ئەڭ كۆپ مەغلۇپ بولغان دۆلەتلەر

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • جۇڭگو-رۇسىيە دېڭىزدا بىرلىشىش 2016 ھەربىي مانېۋىرى ھەقىقىي ئەسكەر باسقۇچىغا كىردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • چەتئەللىك ئىنژېنېر كەلگۈسىدىكى مودۇللاشتۇرۇلغان ئايروپىلاننى لايىھەلەپ چىقتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • قانۇنسىز قائىدىگە خىلاپ 4207 تور بېكەت تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئامېرىكا 1 مىليون دانە سامسۇڭ Note7 يانفۇنىنى قايتۇرىۋالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • چاۋشيەن ئۇران قويۇلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ھىندىستانلىق گۈزەل چولپان - دىيا مىرزا

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ھىلارى «سالامەتلىك سەتچىلىكى» دىن كېيىن روھلۇق ھالدا قايتا پەيدا بولدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تەخمىنەن بىر مىليون 800 مىڭ مۇسۇلمان مەككىدە ھەج قىلماقتا

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015