جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 8-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئۇزۇن سەپەردە كىتاب ئوقۇش ھەم ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى بولىدىغان ھەم سەپەر زىرىكىشلىكىنى ھىس قىلمايدىغان ياخشى بىر ئۇسۇل، چۈنكى ئادەم ماشىنا بىلەن بىللە تەڭ ئالغا ئىلگىرلىگەندە، كىشىلەرنىڭ ئىددىيىسى ئاللىبۇرۇن ھېكايە ئارىسىغا كىرىپ كەتكەن بولىدۇ. بۇ ئاڭلىماققا بەكلا ياخشى ئىشتەك قىلىدۇ، بىراق ئەمەلىيەتتە ماشىنىدا ئولتۇرۇپ كىتاب كۆرۈش ئادەمنىڭ بېشىنى قايدۇرىدۇ، كۆڭلىنى ئېلىشتۇرىدۇ. بېشى قېيىش ئادەمنى بەكلا بىزار قىلىدىغان بىر ئىش، بىراق ئەمەلىيەتتە باش قېيىش بىلەن چوڭ مېڭىنىڭ مۇناسىۋىتى بار.
نىرۋا سىستىمىسى ئىلمى مۇتەخەسسىسى دېئان بۇرنېت (Dean Burnett) چوڭ مىڭىنى ئانچە ياخشى كۆرۈپ كەتمەيدۇ، چۈنكى ئۇ چوڭ مېڭىنىڭ بەزى قىزىقارلىق خاتالىقلىرىغا زادىلا چىداپ تۇرالمايدۇ. باش قېيىشمۇ دەل چوڭ مېڭىنىڭ بىر خاتالىقىدۇر.
دېئان بۇرنېت مۇنداق دېدى، دۆڭچە مېڭىنىڭ خىزمىتى بولسا ئادەم بەدىنى ئەۋەتكەن ھىسىيات سىگنالىنى تەرجىمە قىلىش، ئادەتتە ئادەم ھەركەت قىلغان چاغدا، مۇسكۇللارمۇ تەڭ ھەركەتلىنىدۇ، كۆز ئەتراپتىكى ئارلىقنى مۆلچەرلەيدۇ، ئىچكى قۇلاڭتىكى تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچمۇ خېلى چوڭ رول ئوينايدۇ. بۇ كىچىك يوللارغا سۇيۇقلۇق تولغان بولۇپ، سۇيۇقلۇقنىڭ ھەركىتى بىزنىڭ زادى قاياققا كېتىۋاتقانلىقىمىزنى دەپ بېرىدۇ. ئەگەر بىز ئاستى-ئۈستى سىلكىنسەكمۇ ھىس قىلالايمىز. ئەگەر بەك تىز ماڭساق، ئۇنى ھىس قىلالايمىز، چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى سۇيۇقلۇقنىڭ فىزىكىلىق ھەركەت قائىدىسىگە ئۇيغۇن. دۆڭچە مېڭە بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسىنى بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن، چوڭ مېڭىگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.
بىراق ئادەم ماشىنىغا چىققاندا، دۆڭچە مېڭە ھەر خىل ئارلاش ئۇچۇر سىگنالىنى قوبۇل قىلىدۇ، مۇسكۇل ھەركەتلەنمەي جىم تۇرىدۇ، كۆز ئەتراپنى كۈزىتىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئادەمنىڭ ھەركەتلىنىش سۈرئىتى بەكلا تىز بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئىچكى قۇلاقتىكى تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچتا مەسىلە كۆرىلىدۇ، ئادەم ھەركەتلەنسە، ئۇلار ئوڭ-سولغا توختىماي سىلكىنىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن چوڭ مېڭە ئېرىشكەن ئۇچۇر ئېنىق بولمايدۇ، ئۇ مۇسكۇل ۋە كۆز ئەۋەتكەن ئۇچۇر ئارقىلىق بىزنىڭ ھەركەت قىلماي جىم تۇرىۋاتقانلىقىمىزنى بىلىدۇ، بىراق ئىچكى قۇلاقتىكى تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچ ئۇنىڭغا ئادەم ھەركەتلىنىۋاتىدۇ، دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى ئۇچۇر ماس كەلمەي قالىدۇ. ئادەتتە بۇ خىل ئۇچۇر ئادەم زەھەرلىنىپ قالغاندا پەيدا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن چوڭ مېڭە ئادەمنى زەھەرلىنىپ قالغان ئوخشايدۇ، دەپ قارايدۇ ۋە ئىنكاس قايتۇرىدۇ. چوڭ مېڭىنىڭ زەھەرلىنىپ قېلىشقا كۆرسىتىدىغان بىرىنچى ئىنكاسى دەل زەھەرلىك ماددىنى چىقىرىپ تاشلاش. دەل مۇشۇنداق بولغاچقا بىزنىڭ بېشىمىز قايىدۇ.
ئەمەلىيەتتە چوڭ مېڭە ئادەمگە ياردەم قىلىمەن دەپ ئەكسىچە ئادەمنى بىئارام قىلىپ قويىدۇ. ماشىنىدا كىتاب كۆرۈش چوڭ مېڭىنى تېخىمۇ قايمۇقتۇرۇپ قويىدۇ. شۇڭلاشقا بۇنداق ۋاقىتتا كىشىلەر ماشىنا سىرتىدىكى مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ ئولتۇرسا ياخشىراق، چۈنكى بۇنداق قىلغاندا، چوڭ مېڭە «سىرىتتىكى نەرسىلەر ھەركەت قىلىۋاتىدۇ، مەنمۇ ھەركەت قىلىۋاتقان ئوخشايمەن» دەپ ئويلاپ قالىدۇ. بىراق كىتاب ئوقۇغاندا ئادەمنىڭ دىققىتى خەتلەردە بولۇپ، باشقا ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھەر قايسى ئەزالار چىقارغان سىگنال بىر-بىرىگە ماس كەلمەسلىك تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ، نەتىجىدە ئادەمنىڭ بېشى قايىدۇ.
بىراق دېئان بۇرنېت نېمە ئۈچۈن بەزى كىشىلەرنىڭ بېشى قېيىپ، بەزى كىشىلەرنىڭ بېشى قايمايدىغانلىقىنى ئېنىق چۈشەندۈرمىدى، ئۇنىڭ دېيىشىچە، ھازىرچە بۇ خىل ئەھۋالنى چۈشەندۈرگۈدەك ئاساس يوق ئىكەن. بىراق مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، سىز ھازىر سەپەرگە چىققاندا ماشىنىدا ئولتۇرۇپ قەيەرگە قاراش كېرەكلىكىنى بىلىۋالدىڭىزغۇ دەيمەن.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !