قېرىلىق دېغى تېرە قېرىغانلىقنىڭ تىپىك ئىپادىسى. ئۇلترا بىنەپشە نۇرى بىلەن زىيادە ئۇچراشقانلىق قېرىلىق دېغى پەيدا بولۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى. شۇڭا قېرىلىق دېغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن, ئەڭ ياخشىسى ئاپتاپقا قاقلىنىشتىن, تېرىنىڭ قۇرغاقلىشىپ كېتىشىدىن ۋە سوغۇقتىن ساقلىنىش كېرەك.
تېرىسى پارقىراق ھەم پاكىز ياشانغان كىشىلەر قېرىلىق دېغى چۈشكەن ئوخشاش ياشتىكىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ. يېمەكلىكنى مۇۋاپىق يېگەن,ماينى ئاز ئىستېمال قىلغان, ۋىتامىن E مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېگەن, پائال تۈردە بەدەن چېنىقتۇرۇپ تۇرغاندا قېرىلىق دېغىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.قېرىلىق دېغى چۈشكەندە, ۋىتامىن E مەلھىمى ئارقىلىق داغنى سۇسلاشتۇرسا بولىدۇ.
ئەگەر قېرىلىق دېغى تېز كۆپەيسە, مەسىلەن: يېرىم يىل ياكى بىر يىل ئىچىدە كەڭ دائىرىنى قاپلىغان بولسا, بۇ, بەدەندىكى ئىچكى ئەزالاردا كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولغانلىقىدىن, بولۇپمۇ ئىچكى ئەزالاردا ئۆسمە پەيدا بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ, شۇڭا بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.
ئۇنىڭدىن سىرت, قوڭۇر رەڭلىك قېرىلىق دېغىنىڭ رەڭگى تۇيۇقسىز قېنىقلاشسا, داغ تېشىلىپ كەتسە ياكى تېشىلىپ كەتكەن داغ ئورنى ئۇزاققىچە ساقايمىسا, بۇ كېسەللىك ئۆزگۈرۈشىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن, شۇڭا دوختۇرخانىغا تېز بېرىپ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرتۈش كېرەك.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !