ئالما تەركىبىدىكى ۋىتامىن C نىڭ مىقدارىمۇ مېۋىلەر ئىچىدە ئەڭ ئاز.
ئالمىنى ھەممىدىن قىممەتلىك دەپ بىلدىغان دەۋردە، ئۇ تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ ئۈنۈملۈك دورىسى دەپ قارالغان. دېمەك، ئالما كېسەل كىشىنى يېمەك- ئىچمەك بىلەن داۋالاشتىكى ۋەكىل خاراكتېرلىك بولغان مېۋە دېگەنلىك بىلەن تەڭ.
بۇ خىل خاتا چۈشەنچە تا ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىپ كەلمەكتە. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئالما بارلىق مېۋىلەر ئىچىدىكى ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى ئەڭ كۆپ مېۋە، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئالما تەركىبىدە ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى ئەڭ ئاز بولغان مېۋە. 200 گىرام ئالما تەركىبىدە ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى ئارانلا بەش مىللىگىرام بولىدۇ. ئاپېلسىن تەركىبىدە 50 مىللىگىرام، بۆلجۈرگەن تەركىبىدە 80 مىللىگىرامغا يېتىدۇ.
«ئالما ئېسىل يېمەكلىك» دېگەن بۇ خىل كۆز قاراش ئەجدادلىرىمىزنىڭ خاتا چۈشەنچىسى. بولۇپمۇ ئالمىنىڭ سورتىنى ئۆزگەرتىپ، شېكەر تەركىبى يۇقىرىلىغان بۈگۈنكى كۈندە بۇ خىل كۆز قاراشنىڭ قىلچىمۇ ئىلمىي ئاساسى يوق.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !