دائىم ئۇخلاپ قوپقاندىن كېيىن ئۆزىڭىزنى ھارغىن ھېس قىلىپ، داۋاملىق ئۇخلىغۇڭىز كېلەمدۇ؟نورمال ئەھۋالدا بىر كېچە ئۇخلىغاندىن كېيىن ئىككىنچى كۈچىنى ئۆزىنى روھلۇق ھېس قىلىشى كېرەك، ئەكسىچە ئۆزىڭىزنى ھارغىن ھېس قىلسىڭىز، سالامەتلىكىڭىزدە مەسىلە كۆرۈلگەن بولىدۇ.
كەچتە ئۇخلىغان ۋاقىتتا كوچا چىرىغىنىڭ نۇرىنىڭ چۈشۈپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن پەردىنى يېپىپ ئۇخلايمىز، قاراڭغۇ مۇھىت ئۇخلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ، لېكىن بۇنداق بولغاندا سەھەردىكى قۇياش نۇرىمۇ كىرەلمەيدۇ، تاڭ ئاتقىنىنىمۇ ھېس قىلالمايمىز.
تەكلىپ:
پەنجىرىلىك دېرىزە ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز، كەچتە چىراغ نۇرىنى توسىسا، سەھەردە قۇياش نۇرىنىڭ كىرىشىگە دەخلى قىلمايدۇ.
نۇرغۇن كىشىلەر ئىسمېنا ئىشلەپ ياكى فىلىم كۆرۈپ تۈنەيدۇ. ئادەتتە يەتتە سائەت ئەتراپىدا ئۇخلاش كېرەك، يېتەرلىك ئۇيقۇ بولمىسا 2- كۈنى روھىي ھالىتى ياخشى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيقۇسى ئاز ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىمۇ چوڭ بولىدۇ، ئىممۇنىتېت كۈچىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
تەكلىپ:
ئۇخلاش ۋاقتىنى چوقۇم ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك ھەمدە ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. داۋاملىق تۈنىگەندە ئادەم بەدىنىنىڭ بىئولوگىيەلىك سائىتىگە تەسىر يېتىدۇ، 2- كۈنى ۋاقتىدا ئورنىدىن تۇرسىمۇ ئۆزىنى ھارغىن ھېس قىلىدۇ. بىر كېچە تۈنىگەن تەقدىردىمۇ سەھەردە بولسىمۇ ئازىراق ئۇخلىۋېلىش لازىم. ئۇخلاشتىن بۇرۇن كەيپىياتنى ئازادە تۇتۇپ، بىئارام بولىدىغان ئىشلارنى ۋاقتىنچە ئۇنتۇپ، ئۇيقۇ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، ئامالنىڭ مەسىلىدىن كۆپلىكىگە ئىشىنىڭ.
بەزىدە قوڭغۇراقلىق سائەتنى نەچچە قېتىم تەڭشەپ قويىسىز، ھەركۈنى ئەتىگەندە قوڭغۇراقلىق سائەت سايرىغاندا ئورنىڭىزدىن تۇرالماي، داۋاملىق بېسىپ قويۇپ ئۇخلايسىز، ئورنىڭىزدىن تۇرغاندا ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ ھارغىن ھېس قىلىسىز.
تەكلىپ: ئەمەلىيەتتە بۇنداق بولسا ئۇخلاش ۋاقتىڭىز قىسقىراپ كېتىدۇ، قوڭغۇراقلىق سائەت توختىماي سايراپ تۇرسا ئۇيقۇ سۈپىتىگىمۇ تەسىر يېتىدۇ، شۇڭا ئامال بار قوڭغۇراقلىق سائەتنى بىرلا ۋاقىتقا توغرىلاپ دەل ۋاقتىدا ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ.
ئۇخلاشتىن بۇرۇن بەك كۆپ ھاراق ياكى قەھۋە ئىچسىڭىز، ئۇخلىغان تەقدىردىمۇ ئۇيقۇ سۈپىتىڭىز ياخشى بولمايدۇ، ئىككىنچى كۈنى ئورنىڭىزدىن تۇرغاندىمۇ ئۆزىڭىزنى روھلۇق ھېس قىلمايسىز.
تەكلىپ: شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ھاراق ياكى قەھۋە قاتارلىقلارنى ئىچمەڭ.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !