تېببىي ئالىملار بىر مەزگىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئاق تۇرۇپ ئېستىمال قىلىش ئارقىلىق تاماكا چېكىشنى تاشلىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭ كونكرېت ئۇسۇلى مۇنداق:
ئاق تۇرۇپنى پاكىز يۇيۇپ، قەلەمچە قىلىپ توغرىغاندىن كېيىن پاكىز داكا ئارقىلىق ئاچچىق سۈيىنى سىقىپ چىقىرىۋېتىپ، داكا ئارىسىدا قالغان تىلىپىغا مۇۋاپىق مىقداردا ئاق شېكەر ئارىلاشتۇرۇش ئارقىلىق تاماكا تاشلاش دورىسى ياسىلىدۇ. تاماكا چېكىدىغانلار ياسالغان بۇ دورىدىن ھەر كۈنى ئەتىگەندە بىر كاپامدىن يەپ بەرسە، ئادەمنىڭ تاماكغا بولغان خۇمارىنى باسىدۇ،بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن تاماكىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ، ئۆزلۈكىدىن تاشلىۋېتىدۇ. ئالىملارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبى تۇرۇپ تەركىبىدە ئادەمنىڭ چېكىملىكلەرگە بولغان خۇمارىنى باسىدىغان تۇرۇپ كىسلاتاسىنىڭ بولغانلىقىدا ئىكەن.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !