شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى: ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ. ئالما تەركىبىدە ئامىنو كىسلاتاسى ئورگانىك كىسلاتاسى، پېكنىك ۋە يېمەكلىك تالالىرى قاتارلىقلار بار، بۇنىڭ ئىچىدىكى تاننىك كىسلاتاسى بىلەن ئورگانىك كىسلاتانىڭ ئورگانىك توقۇلمىلارنى قورۇش رولى بار، پېكتىن ۋە سېللۇلۇزىلارنىڭ باكتىرىيە ۋە توكسېنلارنى سۈمۈرۈش رولى بولغاچقا، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش رولىنى ئوينايدۇ. قان بېسىمىنى چۈشۈرۈپ ھېرىپ چارچاشنى تۈگىتىدۇ. ئالما تەركىبىدە كۆپ مىقداردا كالىي بولۇپ، ئورگانىزمدىكى كالىي بىلەن ناترىيلارنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش تەڭپۇڭلۇقىنى ياخشىلاپ، ھېرىپ چارچاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىش رولىنى ئوينايدۇ، ئۇندىن باشقا،ئالما قان تومۇرلارنىڭ دىۋارىنى يۇمشىتىپ قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.
ئاشقازان ئۈچەينىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ. ئالما ئارتۇق مىقداردىكى ئاشقازان كىسلاتاسىنى نېيتىراللاپ، ئۆت سۇيۇقلىقىنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىشنى تېزلىتىپ، تال، ئاشقازاننىڭ ئىقتىدارى ئاجىزلىشىش، ھەزىم قىلىشى ناچار بولۇش قاتارلىق كېسەللىكلىرىگە قارىتا مەلۇم دەرىجىدە داۋالاش رولىنى ئوينايدۇ.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !