ساغلاملىق ھەققىدە ھېكايەتلەر
1. لوقمان ھەكىم مۇنداق دەيدۇ: ئەي ئوغلۇم، قورسىقىڭ تويسىمۇ يەنە ئۈستىگە زورلاپ يېمە، توق قورساققا زورلاپ يېگەندىن كۆرە، تاماقنى ئىتقا تۆكۈپ بەرگەن ساۋابلىقتۇر. چۈنكى، كۆپ يېيىشتىن دىل كۆزى تۇتۇلىدۇ، قەلىبنى قارا دات باسىدۇ، ھەر خىل كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ.
2. ھەكىم قائانىي مۇنداق دەيدۇ: بىر دوستۇم ئالدىمغا كېلىپ:- ماڭا بىر نەچچە نەسىھەت قىلغىن،- دېدى. مەن- ئاز يە،- دېدىم ئۇنىڭغا،- تاكى بەدىنىڭ رەنىج بىلەن قىينالمىسۇن، ئاز ئۇخلا، تاكى ئىدراكىڭ مەنىلەر غەزىنىسىنى پەملەشكە ئاجىزلىق قىلمىسۇن، ئاز يېيىش ئاز ئۇخلاشقا سەۋەب بولىدۇ. ئاز يېگەندە ئادەم سۆزلەش ئۈچۈن قۇدرەت، ھەۋەس ئاز بولىدۇ، سەن رىۋايەتلەردە ئېيتىلغان ئەڭ يامان دۈشمىنىڭنىڭ ئىككى بېقىن ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان نەپىسى ئالما رەڭ ئىكەنلىكىنى ھەر ۋاقىت ئەستە تۇت.
3. ئابدۇلھەق ئىبىن سەيپىدىن مۇنداق دەيدۇ: بىلگىنكى، بەدەننىڭ كۈچى تاماق بىلەن، دىمەك ھەر بىر ئادەمگە تاماق يېيىش زۆرۈر. بىراق ھاجەتكە يارىشا يېيىش كېرەك. زورلاپ ھەددىدىن ئارتۇق يېيىلسە، بۇ ھايۋانلار خىسلىتىگە ئايلىنىدۇ. تاماقنى شۇ دەرىجىدە يېيىش كېرەككى تاكى تېنىڭ ئويلاش ۋە ھەرىكەت قىلىشقا قادىر بولسۇن.
4. نەقىل كەلتۈرۈلۈشىچە، بىر كۈنى ئەھجاج تېۋىپلىرىدىن ئىلتىماس قىلىپ دېدى:- تېۋىپ ھەم دورا-دەرمەكلەرگە ھاجىتىم چۈشمەسلىكىم ئۈچۈن زۆرۈر بولغان نەرسىلەر ھەققىدە سۆزلەپ بەرسەڭلار؟
تېۋىپلار ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاپ بەردى:
بىرەر كېسەللىكىڭىز بولمىغان ئەھۋالدا، تېخىمۇ ياخشىراق بولاي دەپ ئورۇنسىز دورا ئىچمەڭ. پىشىپ يېتىلمىگەن دورىلارنى ئىچمەڭ. تاماقنى ياخشى چايناشنى ئۆگىنىڭ، نېمە ياقسا شۇنى يەڭ، تاماقتىن كېيىن سوغۇق سۇ ئىچمەڭ، قورسىقىڭىز توق ھالدا يەنە ئۈستىگە تاماق يېمەڭ. كۈندۈزى تاماق يېگەندىن كېيىن ئۇخلىماڭ. كېچىسى يېسىڭىز شۇ ھامان يېتىۋالماي، بىر ئاز ۋاقىت ئۇياق-بۇياققا مېڭىڭ.
5. ئىبىن كامال پاشا مۇنداق دەيدۇ: بىرى تېۋىپتىن:
ئادەم تاماق يېگەندە قانچىلىك يېيىش كېرەك؟-دەپ سورىدى.
تېۋىپ:
يۈز دېرەم دەپ جاۋاپ بەردى.
بۇنچىلىك ئاز تاماقتىن قانچىلىك كۈچ ھاسىل بولىدۇ دەپ سورىدى ئۇ كىشى.
تېۋىپ:
ئۇنىڭدىن سالامەتلىككە يەتكۈدەك تازا كۈچ ھاسىل بولىدۇ. ئۇنىڭدىن ئارتۇقى پايدىسىز بولۇپ، پەقەت ھامماللىق ۋە زىپىسىنىلا ئورۇنلىشىڭ مۇمكىن،- دېدى.
6. موينىدىن جۇۋەينى مۇنداق دەيدۇ:
جالىنۇس ھەكىم ۋاپات بولغاندا ئۇنىڭ ياتىقىدىن تۆۋەندىكى سۆزلەر يېزىلغان خەت تېپىلدى:
ئەڭ ئەخمەق كىشى شۇنداق كىشىكى تاپقان تامىقىنى توختىماي ئاغزىغا تىقىۋېرىدۇ. تېبابەتتە ئوتتۇرھال يېيىش سالامەتلىكنىڭ كاپالىتىدۇر.
7. ئەبۇ ئەلى مۇھەممەد مۇنداق دەيدۇ: بىر كۈنى نۇشرىۋان يۇناندىن:
ئەڭ ياخشى ھايات قانداق ھايات؟- دەپ سوراپ قالدى.
ئەڭ ياخشى ھايات- سالامەتلىك ۋە خاتىرجەملىكتە ئۆتكۈزۈلگەن ھايات،- دەپ جاۋاپ بەردى يۇنان.
8. بىر كىشى سوقراتقا:
سەن دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن ئۆزۈڭنى بىھۇدە مەھرۇم قىلغانسەن؟- دەپ قالدى.
نېمەت نېمە؟-دەپ سورىدى سوقرات ئۇنىڭدىن.
سېمىز بەررە گۆش يېيىش، شاراب ئىچىش، چىرايلىق كىيىنىش، گۈزەللەر بىلەن ئىشرەتتە بولۇش،-دېدى ئۇ كىشى.
سوقرات ئۇنىڭغا دېدى:
بۇ نېمەتلەرنىڭ ھەممىسىنى چوشقا، مايمۇن ۋە يىرتقۇچ ھايۋانلارغا ئوخشاش كىشىلەرگە تەقدىم قىلدىم. بۇنداق تىپتىكى كىشىلەر ئۆز قورسىقىنى ھايۋانلارنىڭ قورسىقىدەك تومپايتىدۇ، روھىي ئىمارىتىنى تىكلەشنىڭ ئورنىغا جىسمانىي ئىمارىتىنى تىكلەيدۇ.
9. بىر كىشى سوقراتنىڭ ھوزىرىدا ئولتۇراتتى. ئۇ كىشى ئوغلىغا قاراپ:
ماڭ، شارابپۇرۇشنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن بىر كوزا شاراپ ئېلىپ كەل، پۇلىنى كېيىن بېرىشكە ۋەدە قىل،- دېدى.
سوقرات ئۇنىڭغا قاراپ دېدى:
ئەڭ ياخشىسى نەپسىڭگە بۇيرۇق قىل، سۇغا قانائەت قىلىشقا كۆنسۇن.
10. بىرسى سوقراتتىن:
ئۆمۈرنى ئۇزارتىش مۇمكىنمۇ؟-دەپ سورىدى.
سوقرات:
دائىم ھەسەل ئىستېمال قىلىش ۋە بەدەننى زەيتۇن يېغى بىلەن ياغلاپ تۇرۇش ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ،-دەپ جاۋاپ بەردى.
11. ئەبۇ بەراكەت مۇنداق دەيدۇ:
بىر تېۋىپ بىر ئۇلۇغ ئادەمنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
مەن ساڭا ئۈچ نەرسە ئېلىپ كەلدىم، بۇ ئۈچ نەرسە سەندىن باشقا كىشىگە ئەرزىمەيدۇ،-دەپتۇ.
ئۇلار نىمە؟-دەپ سوراپتۇ ئۇلۇغ كىشى.
بىرسى- دەپتۇ تېۋىپ،-چاچ بويايدىغان بوياق، بۇنىڭ بىلەن چېچىڭنى بويىساڭ تا ئۆمرىڭنىڭ ئاخىرىغىچە چېچىڭ ئاقارمايدۇ؛ ئىككىنچىسى، ھەزىم دورىسى، ئۇنى ئىستېمال قىلساڭ ھەر قانداق قاتتىق ۋە يېرىك تاماق يېسەڭمۇ بىردەمدە ھەزىم بولىدۇ؛ ئۈچىنچىسى،شۇنداق ئاجايىپ دورىكى، ئۇنى يېسەڭ يىگىتلىك دەۋرىڭ قايتىپ كېلىدۇ.
تېۋىپ سۆزلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئۇلۇغ كىشى تېۋىپكە شۇنداق دەپتۇ:
سەن ئېلىپ كەلگەن چاچ بويىقى ئالدامچىلىقنىڭ تۇخۇمى، مەغرۇرلۇقنىڭ نىشانىدۇر. ئۆزى قېرىسىمۇ ياشلارنىڭ قىلىقىنى قىلىش ئادەمگە ياراشمايدۇ. قېرىغان ئادەم ئۈچۈن ئاقارغان چاچمۇ زىننەتتۇر.مەن ئاق چاچلىرىمنى قارا زۇلمەتكە تېگىشمەيمەن.سەن ئېيقان ھەزىم دورىسىغا كەلسەك، مەن كۆرگەنلا تاماقنى سۈرۈشتە قىلماي يەيدىغان ئادەم ئەمەسمەن. مىنىڭ شۇئارىم ئاز يېيىشتۇر، يېگەندىمۇ مەن ئاشقازىنىم ھەزىم قىلالايدىغان تاماقلارنى يەيمەن.ئۈچىنچى دورىغا كەلسەك، بۇ دورا شەھۋەت بەدەنلىرى بولغان ئەخمەق ئادەملەرگە كېرەك. ئۆزىنىڭ زۆرۈر ۋە ساۋابلىق ئىشلىرىنى تاشلاپ قويۇپ، كۈنبويى خوتۇنلار ئەتراپىدا خۇشامەت قىلىپ يۈرۈيدىغان ئەر بەخىتسىز ئەردۇر.
ئۇلۇغ كىشىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان تېۋىپ گەپ- سۆزسىز كېتىپ قاپتۇ.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !