يېقىندا مەلۇم ئاخبارات ۋاستىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېڭى تۇغۇلغان بىر بوۋاق ئۈچ كۈن ئىچىدە 189 تۈر بويىچە تەكشۈرتۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەيدىز، سىفىلىسنى تەكشۈرتۈش تۈرلىرىمۇ بار ئىكەن. بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، جەمئىيەتتە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان. ئۇنداقتا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى ھەممە تۈر بويىچە تەكشۈرتۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟ زادى تەكشۈرتمىسە بولمايدىغان تۈرلەر قايسىلار ؟
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسى بوۋاقلار بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ‹‹ بوۋاقلارنى تەكشۈرتۈشتە ئالدى بىلەن بوۋاقنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى ۋە كېيىنكى سالامەتلىك ئەھۋالىغا قاراپ قاراتمىلىق تەكشۈرتۈش كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە زۆرۈر بولغان تەكشۈرتۈش تۈرلىرىدىن بوۋاقلار تۇغۇلۇپ 72 سائەتتىن كېيىن ئەقلىي ئىقتىدارىنى تەكشۈرتۈش، بالىلاردىكى سېرىقلىقنى، ئاڭلاش ئىقتىدارىنى، تۇغما خاراكتېرلىك قالقان بەز ئىقتىدارىنى ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تەكشۈرتۈش كېرەك. بوۋاقلاردىكى سېرىقلىقنى ۋاقتىدا تەكشۈرتمىگەندە، مېڭىگە تارقاپ كەتسە، مېڭە پالەچ، ئەقلىي ئىقتىدارى ئاجىزلىق قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. بوۋاقلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ۋاقتىدا تەكشۈرتۈش كېرەك. ۋاقتىدا ۋالىمىسا كۆزىگە ئاق چۈشۈش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا بوۋاق تۇغۇلۇپ 36 ھەپتە بولغاندا چوقۇم كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تەكشۈرتۈش كېرەك ››.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !