ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
تېۋىپلار يېقىندا مۇنداق دېيىشتى: كۈزدە ئىچى سۈرۈش ئادەتتە ئېغىز ئارقىلىق تارقىلىدۇ، ئەگەر بالىلارنىڭ كۈندە ئىچ سۈرۈش قېتىم سانى بەشكە يەتمىسە، شۇنداقلا كىچىك تەرىتى كۆپ ۋە روھىي ھالىتى نورمال بولسا ئاتا-ئانىلار ئازراق تۇز سېلىنغان شوۋىگۈرۈچ ئېتىپ بېرىپ، بالىلارنىڭ بەدىنىگە سۇ تولۇقلاش يولىنى تۇتسا ئىچ سۈرىكى تەدرىجىي ساقىيىپ كېتىدۇ.
بىراق تېۋىپلار يەنە مۇنداق دېيىشتى: ئەگەر بالىلارنىڭ ئىچى كۈندە بەش قېتىمدىن كۆپ سۈرسە، بۇنىڭغا قىزىتما قوشۇلۇپ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ روھى سۇنسا، قەي قىلىپ بىئارام بولسا، ئۇنداقتا بالىنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپارماي بولمايدۇ.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !