ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: مۇنداق بەش ئىش بالىلارنىڭ ئىممۇنىت كۈچىنى ئاشۇرالايدۇ:
تاتلىق ۋە ئۇششاق يىمەكلىكلەر: بالىلارنىڭ ئېممۇنىت كۈچى بىرقەدەر ئاجىز بولىدۇ، شۇڭا بالىلار چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋە قوشۇلما خۇرۇچى كۆپ ئۇششاق ۋە تاتلىق يىمەكلىكلەرنى ئاز يىگىنى ياخشى.
ئۈچەينى راۋانلاشتۇرۇش: بالىلارنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، ئېممۇنىت كۈچىنى ئاشۇرماي بولمايدۇ، شۇڭا ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە كۈندە مۇۋاپىق قېتىق ئىچكۈزۈپ، ئۈچەينى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك.
بېسىمنى ئازايتىش:بالىلارنىڭ تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىش بېسىمى ئېغىر بولسا، پوستلاق ئېننىىمى ۋە بۆرەك بەز ماددىسى كۆپىيىپ، ئېممۇنىت سېستىمىسىنىڭ ئىنكاسى سۇسلايدۇ، شۇڭا بالىلار مۇۋاپىق ئارام ئېلىپ، بېسىمنى يەڭگىللەتمىسە بولمايدۇ.
يېتەرلىك ئۇيقۇ: بالىلار كۈندە قاراڭغۇ مۇھىتتا 10-14 سائەتكىچە ئۇخلىسا، قارا پېگمىنتنىڭ ئاجرىلىشىشىنى تېزلەتكىلى ۋە ئېممۇنىت كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئېلىكتىر ماگىنىت ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىگە تەسىر قىلىدۇ، شۇڭا بالىلارنىڭ ھۇجرىسىغا ئېلىكتاونلۇق ئەسلىھە قويمىغان ياخشى.
ۋىتامىن D ۋە سىنىك: ۋىتامىنD بىلەن سىنىك ئېممۇنىت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، شۇڭا بالىلارغا ۋىتامىن D ۋە سىنىك مول بولغان بېلىق، قاتتىق پوستلۇق مېۋە ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى كۆپرەك يىگۈزۈپ، كۈن كۆرۈش ۋاقتىنى ئۇزارتىش كېرەك.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !