بوۋاقلارنىڭ نېمىشقا كۈلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > پەرزەنىت >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2015-08-20 12:26:01

 

 

قايسى ئامىللار بوۋاقلارنى كۈلدۈرىدۇ؟ بۇ ئاڭلىماققا بىر تەتقىقاتچى ئىزدىنىدىغان ئەڭ قىزىقارلىق تەتقىقات تېمىسى بولسا كېرەك، بىراق كاسپىر.دايمان(Caspar Addyman)ئەستايىدىللىق بىلەن بوۋاقلارنىڭ نىمىشقا كۈلىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ.

ئۇ تۇنجى بولۇپ بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان كىشى ئەمەس. دارۋىنمۇ ئۆزىنىڭ بوۋىقىنىڭ كۈلكە ئاۋازىنى تەتقىق قىلغان. فرويىدمۇ بىزدە كۈلكىگە قارىتا ئەۋزەللىك تۇيغۇسى بار دەپ يەكۈن چىقارغان.

/

ئۇلۇغ ئىنسانلار تەرەققىياتى پىسخىلوگىيە ئالىمى جان.پىياجىتنىڭ قارىشىچە، بوۋاقلارنىڭ كۈلكە ئاۋازى ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ نېمىنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدىكەن. ئەگەر سىز كۈلسىڭىز، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇ يۇمۇرنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەن بولىسىز. بىر يۇمۇر كىشىلەرنىڭ كۈتمىگەن يېرىدىن چىقىپ كىشىنى قايمۇقتۇرۇپ قويىدۇ ياكى باشقىلار پەرەز قىلغان دائىرىدە بولۇپ، كىشىلەرنى قىززىقتۇرالمايدۇ. شۇڭلاشقا بوۋاقلارنىڭ نېمىشقا كۈلىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىش، ئۇ بوۋاقلارنىڭ بۇ دۇنيانى قانداق چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىكەن. ئالىمى جان.پىياجىت «گەرچە بۇ قاراش 20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، بىراق بۇ يەنىلا دەلىللەش باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ. بىر قىسىم داڭلىق تەتقىقاتچىلار بۇ تىمىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرقى زامان پىسخىلوگىيە ئىلمى تەرىپىدىن نەزەرگە ئېلىنمىدى» دېدى.

لوندون ئۇنۋېرسىتىدىن كەلگەن كاسپىر دايمان، بوۋاقلارنىڭ نېمىشقا كۈلىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىش، ئۇ بوۋاقلارنىڭ بۇ دۇنيانى قانداق چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى دېگەن قاراشقا ئىشىنىدۇ. زادى قايسى ئامىللار بوۋاقلارنى كۈلدۈرىدۇ دېگەن تەتقىقاتتا، كاسپىر.دايمان دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئەڭ ئەتراپلىق بولغان تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، دەسلەپكى تەتقىقات نەتىجىسىنى 2014-يىلى بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن بوۋاقلار تەتقىقاتىغا مۇناسىۋەتلىك خەلىقئارالىق يىغىندا ئېلان قىلغان. ئۇ ئۆزىنىڭ تور بېكىتى ئارقىلىق، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 1000 دىن كۆپرەك ئائىلە باشلىقىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئاتا-ئانىلاردىن ئۇلارنىڭ بوۋىقىنىڭ قايسى ۋاقىتتا، قايسى جايدا، نىمىشقا كۈلىدىغانلىقى توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ۋە تەتقىقات نەتىجىسىگە ئېرىشىش كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ئىش. بوۋاقلار ئالتە ھەپتىلىك بولغاندا تۇنجى قېتىم كۈلۈمسىرەيدۇ. تۇغۇلۇپ ئۈچ يېرىم ئايلىق بولغاندا تۇنجى قېتىم قاقاقلاپ كۈلەلەيدۇ. (بىراق بەزى بوۋاقلارنىڭ كۈلۈش ۋاقتى ئۈچ ھەسسىگىچە ئۇزۇن بولىشى مۇمكىن، شۇڭا بوۋىقىڭىزنى كۈلمىدى دەپ ئەنسىرەپ كەتمەڭ). سۇقۇنۇپ ئويناش بولسا، بوۋاقلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان، ئۇلارنى ئەڭ كۈلكىگە قىستايدىغان ئويۇنلارنىڭ بىرى. قىچىشقان يېرىنى تاتىلاپ قويۇش بولسا دوكلاتتا ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغان بوۋاقلارنىڭ كۈلشىنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى.

  تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەڭ مۇھىم بولغىنى بوۋاقلار تۇنجى قېتىم باشقىلار بىلەن بىرگە تۇرغاندا كۈلىدۇ، بۇنى باشقىلارنىڭ ھەرىكىتى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. بوۋاقلارنىڭ پەقەتلا بەدىنى قىچىشقانغا ئۇلار كۈلمەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا توساتتىن مەلۇم بىر نەرسە پەيدا بولۇپ، يوقاپ كەتسىمۇ ئۇلارنىڭ كۈلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرالمايدۇ. بوۋاقلارنى ئەڭ كۈلدىرىدىغىنى چوڭلارنىڭ بوۋاقلار ئالدىدا مۇشۇ ھەرىكەتلەرنى قىلىشىدۇر. بۇنىڭدىن بوۋاقلار، مېڭىش، سۆزلەش ئالدىدا، كۈلكىنىڭ ئۇلار ئۈچۈن ئىجتىمائىي ئالاقە قورالى بولىدىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. ئەگەر سىز بوۋىقىڭىزنىڭ قىچىشقان يېرىنى سىلاپ قويسىڭىز، ئۇ كۈلىدۇ. چۈنكى سىزنىڭ ئۇنى سىلىغانلىقىڭىز ئۈچۈن كۈلىدۇ، بەدىنى قىچىشقانلىقى ئۈچۈن ئەمەس. ئۇ كۈلۈش ئارقىلىق سىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، بوۋاقلار باشقىلار يىقىلىپ كەتكەنگە كۈلمەيدۇ. ئۇلار ئۆزى يىقىلىپ كەتكەندە، ياكى باشقىلار خۇشال بولۇپ كۈلگەندە كۈلىدۇ. باشقىلارنىڭ كۆڭلى يېرىم بولغاندا ئۇلارمۇ كۈلۈشتىن توختايدۇ. بۇ تەتقىقات نەتىجىسىدىن قارىغاندا، فرويىدنىڭ نەزىرىيىسىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز.

بىر تەتقىقات تېمىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بوۋاقلارنىڭ كۈلكە ئاۋازىدا يەنىلا تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن مەزمۇنلار بار. 

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • يانفون رادىياتسىيەسىگە سەل قارىماڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • يۈرەك سوقۇشى ئادەمنىڭ ئۆمرىنى بەلگىلەيدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئائىلىدە ھەسەلدىن پايدىلىنىپ ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بوۋاقلار ساغلاملىقى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قۇۋۋەت ئىچىملىكى قان بېسىمىنى يۇقىرىلىتىۋېتىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • تۇرمۇش ساۋاتلىرى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ساغلاملىق بىلىملىرى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قىشتا قول-پۇتى ئاساس مۇزلايدىغان ئاياللار دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئائىلىدە ھەسەلدىن پايدىلىنىپ ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ ۋە ئاياللار ساغلاملىقى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • نورمال ئەرلەرنىڭ ئاشنىسى بىلەن توي قىلماسلىقىدىكى سەۋەبلەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار قىشتا كۆز ئاسراشقا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتۈشنىڭ شەرتلىرىنى ھازىرلىدىڭىزمۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قېرىشنىڭ دورىسى چىقتى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بەزى كېسەللىكلەرنى چاي ئىچىپمۇ داۋالىغىلى بولىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

    باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

    باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • جۇڭگونىڭ تەشەببۇسى 20 دۆلەت گۇرۇھىغا يىڭى ھاياتىي كۈچ ئىلىپ كەلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئوباما تېخىمۇ كۆپ مۇساپىر قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىش توغرىسىدىكى سۆزلەرگە رەددىيە بەردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • مۇساپىرلار «قۇربانلىق قوي» ئەمەس

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • فىرانسىيە ساقچى تەرەپ بىلەن تېررورچىلار شىددەتلىك ئېتىشىپ كەتتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • پارىژ تېررورلۇق ۋەقەسىدىكى بومبا ھۇجۇمىنى قوزغىغۇچىنىڭ رەسىمى ئېلان قىلىندى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • فىرانسىيەنىڭ بىر ئايروپىلانى بومبا تەھدىتىگە ئۇچراپ، قونۇشقا مەجبۇر بولدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئوباما APEC رەھبەرلىرى يىغىنىدا ما يۈن بىلەن قىزغىن پاراڭلاشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • كۆزىتىش كامىراسىدا توققۇزىنچى ھۇجۇم قىلغۇچى پەيدا بولدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • سەئۇدىي ئەرەبىستاندىكى قار-يامغۇر 13 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015