IT ئائىلىسى تورى خەۋىرى:
ئامېرىكا تېخنىكا بىلوگى TechCrunch نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ھېنرىي فورد دوختۇرخانىسى (Henry Ford Hospital) دىكى تەتقىقاتچىلار يىقىندا ياش-ئۆسمۈر ئىنتېرنېتنى ھەددىدىن زىيادە مىقداردا ئىشلەتكەندە ئاسانلا يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ تەتقىقات نەتىجىسى «مەكتەپ پەرۋىش ئىلمىي ژورنىلى» (Journal of School Nursing) دا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە دېيىلىشىچە، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بىر ھەپتە ئىچىدىكى تورغا چىقىش ۋاقتى 14 سائەتتىن ئېشىپ كەتسە، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خېيىم-خەتىرى زور نىسبەتتە ئاشىدىكەن.
تەتقىقاتچىلار ئىنتېرنېتنى ھەددىدىن زىيادە مىقداردا ئىشلىتىدىغان 134 نەپەر ياش-ئۆسمۈر ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كىيىن، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 26 سىنىڭ ئېغىر دەرىجىلىك قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بايقىغان.
ھېنرىي فورد دوختۇرخانىسى ئېلىپ بارغان يۇقارقى تەتقىقات تۈرى باشقىلار تەرىپىدىن «تورغا چىقىش ۋاقتى بىلەن يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكى ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش مۇناسىۋىتىنى ئاشكارىلىغان تۇنجى تەتقىقات تۈرى» دەپ قارالغان. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە يەنە ئىنتېرنېتنى ھەددىدىن زىيادە ئىشلەتكەندە، ياش-ئۆسمۈرلەردە ئاسانلا تەشۋىشلىنىش، خامۇشلۇق، سەمىرىپ كېتىش ۋە يالغۇزلۇققا كۆنۈپ قېلىش دېگەندەك ساغلاملىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بۇ تەتقىقات تۈرىنىڭ مەسئۇلى، ھېنرىي فورد دوختۇرخانىسى سەھىيە بۆلۈمىنىڭ تەتقىقاتچىسى Andrea Cassidy-Bushrow نىڭ ئېيتىشىچە، ياش-ئۆسمۈرلەر ۋە ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، يۇقارقى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئۇلارغا ئىنتېرنېتنى مۇۋاپىق مىقداردا ۋە چەكلىك دەرىجىدە ئىشلىتىشتىن ئىبارەت ئىنتايىن مۇھىم ئۇچۇرنى يەتكۈزىدىكەن. Andrea بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئىنتېرنېت ھازىر تۇرمۇشىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتتى، بىراق، ئۇ بىزنىڭ ساغلاملىقىمىزغا تەھدىت بولماسلىقى كىرەك. تەكشۈرۈشتە مەلۇم بولۇشىچە، ئىنتېرنېتنى ھەددىدىن ئارتۇق مىقداردا ئىشلىتىدۇ دەپ قارالغان ياش-ئۆسمۈرلەر ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ھەپتىدە 25 سائەت ئەتراپىدا تورغا چىقىدىكەن.»
Andrea يەنە ئاتا-ئانىلارغا تەكلىپ بېرىپ، بالىلىرى مەيلى قانچىلىك نارازى بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، چوقۇم ئۇلارنىڭ تورغا چىقىش ۋاقتىغا چەك قويۇشى كىرەكلىكىنى ئېيتقان. «ياش-ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، كومپيۇتېر ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەردىن يىراق تۇرۇش ئۇلارنىڭ قانۇنىيەتلىك دەم ئېلىشىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم، بۇندىن باشقا، ياش-ئۆسمۈرلەر يەنە تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرىگە كۆپرەك قاتنىشىشى كىرەك. مەن ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ ئۆيدە تورغا چىقىش ۋاقتىغا چەك قويۇشىنى، بىر كۈندە ئىككى سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، بىر ھەپتىدە بەش كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلىمەن.»
تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئوقۇغۇچىلار ھەر ھەپتىدە 15 سائەت ئەتراپىدا تورغا چىقىدىكەن؛ %39 قىزلار ۋە %43 ئوغۇللار ئىنتېرنېتنى ھەددىدىن ئارتۇق مىقداردا ئىشلىتىدىكەن.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !