كۆز يېشى ئاياللارنىڭ قورالى دەيدىغان گەپ بار. لېكىن بۇ ھەممىلا سورۇنغا ماس كېلىۋەرمەيدۇ. ماس كەلمەيدىغان سورۇندا يىغلىسا, ھەر قانچە قىممەتلىك قورالنى ئىشلەتكەننىڭمۇ ئەھمىيىتى بولمايدۇ. ئالايلۇق, تاماقخانا دېگەندەك ئادەم كۆپ جايلاردا يىغلىسىڭىز, باشقىلار ئوغۇل دوستىڭىزنى ئەسكى بالىكەن دەپ ئويلاپ قالىدۇ, بۇنداق بولسا, ئۇنىڭدا ئۇۋالچىلىق ھېسسىياتى شەكىللىنىپ قالىدۇ. تۆۋەندە ياپونىيە livedoor ئاخبارات تورى يەكۈنلىگەن ئاياللارنىڭ كۆز يېشىنى قورال قىلىشىغا ئەڭ ماس كېلىدىغان پەيتلەر نى قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇندۇق. 1. زېرىكىپ تېلېفون بەرگەن ۋاقىتتا. ئوغۇل دوستىڭىزنى سېغىنىپ, لېكىن كۆرۈشەلمەي قالغان ۋاقتىڭىزدا زېرىكىشتىن يىغلىسىڭىز ئۇنىڭغا ئىنتايىن ئوماق تۇيغۇ بېرىسىز. يىغلىغان قىياپەتكە كىرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. تېلېفوندا بىۋاسىتە ئۇنى سېغىنغانلىقىڭىزنى ئېيتسىڭىزمۇ ياكى يىغلىغان كۆرۈنۈشىڭىزنى توردا ئەۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. 2. ئۇزۇن ۋاقىتتا بىر كۆرۈشكەندە. ئوغۇل دوستىڭىز بىلەن ئۇزۇندا بىر كۆرۈشكەندە يىغلىسىڭىزمۇ ئىنتايىن سۆيۈملۈك كۆرۈنىسىز. گەرچە راستىنلا يىغلاش ناھايىتى تەس بولسىمۇ, لېكىن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە كۆزىڭىزنى يوغان ئىچىپ كۈلۈپ, كەينىدىن كۆزىڭىزنى توختىماي چىمچىقلاتسىڭىز, ئۇنىڭغا بەك خۇشال بولغانلىقتىن ھەم كۈلۈپ ھەم يىغلاۋاتقاندەك تەسىر بېرىسىز. 3. مۇھەببەت كرىزىسقا ئۇچرىغاندا. بۇ, كۆڭۈلنى توختىتىدىغان كۆز ياش. ھەر قېتىم ئارىدا ئارازلىق يۈز بەرگەندە, قىزلار يىغلىسا ئوغۇللار ئىنتايىن ئازابلىنىدۇ ھەمدە ئەمدى ئۇنى ھەرگىز يىغلاتمايمەن دېگەن ئىرادىگە كېلىدۇ. لېكىن قىزلارنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى يىغلىغان ھالىتى ئوغۇللارغا ئىنتايىن سۆيۈملۈك كۆرۈنىدۇ. 4. خوشلاشقان ۋاقىتتا. خوشلاشقاندا يىغلىسىڭىز, قىيالماسلىق ھېسسىياتىڭىزنى ئىپادىلەپ, ئوغۇل دوستىڭىزدا ئۇزۇنغىچە ساقلىنىدىغان تەسىر قالدۇرۇپ, ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئېرىتىۋېتىسىز. 5. تۇيۇقسىز خۇشاللىققا ئېرىشكەن ۋاقىتتا. بەزى يىگىتلەر قىز دوستىغا تۇيۇقسىز خۇشاللىق ئاتا قىلىدىغان ئىشلارنى قىلغان ۋاقتىدا, قىز دوستىنىڭ بۇنىڭغا كۆز يېشى ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇشىنى ئارزۇ قىلىدىكەن. بۇنداق بولغاندا, قىز دوستىنى ئۆزىدىن مىننەتدار بولدى دەپ قارايدىكەن. بولمىسا كۆڭلىدە ئۇنى خۇشال قىلالمىغان ئوخشايمەن دەپ ئويلاپ, بىئارام بولىدىكەن. تۇيۇقسىز كەلگەن خۇشاللىقلارغا جايىدا ئىنكاس قايتۇرۇش ھەقىقەتەن تەس ئىش. گەرچە راستىنلا خۇشال بولغان بولسىڭىزمۇ, لېكىن تاساددىپىي خۇشاللىقنى ھېس قىلغان شۇ دەقىقىدە, ھەيرانلىق سەۋەبىدىن ئۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز, ئومۇمىي كەيپىيات ئوڭايسىز ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. شۇڭا, بۇنداق ئەھۋالدا ئىككى قولىڭىز بىلەن ئاغزىڭىز ۋە بۇرنىڭىزنى ئېتىڭ, بارمىقىڭىزنىڭ ئۇچى قېشىڭىزنىڭ ئەتراپىغا توغرا كەلسە بولىدۇ. ئاندىن كۆزىڭىزنى يوغان ئېچىڭ. مۇشۇنداق قىلسىڭىز, چىراي ئىپادىڭىز قارىماققا زىيادە خۇشال بولغانلىقتىن يىغلىغاندەك كۆرۈنىدۇ.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !